جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيىت بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ 2012 ‏- يىللىق قۇربان ھېيىتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

 

قۇربان ھېيىت مۇسۇلمانلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئەنئەنۋىي بايرىمى بولۇپ بۇ بايرامدا مۇسۇلمانلار 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە بايرام پائالىيىتى قىلىدۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بىر – بىرىنىڭ قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ. جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ ئۆز – ئارا بىرى – بىرىنىڭ قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئۆيلىرىگە پەتىلىشىدۇ. 

قۇربان ھېيىت بايرىمى دۇنيادىكى ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا بىر ئىككى كۈن ئالدى كەينى بولۇپ ئوخشىمىغان ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىل تۈركىيىدە 2012 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 25 ‏- كۈنى قۇربان ھېيىت بايرىمى رەسمى ئېلان قىلىندى ۋە تۈركىيە مۇسۇلمانلىرى قۇربان ھېيىت نامىزى ئوقۇدى. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى قۇربان ھېيىت ۋە روزا ھېيت بايراملارنى بىر يەرگە جەم بولۇپ بىرلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ كەلدى. 

 2012 ‏- يىلى 10 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى يەنى قۇربان ھېيتىنىڭ 3 ‏- كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار جەم بولۇپ قۇربان ھېيتىنى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزدى. 

ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئيىتى قاتارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ھويلىسىدا  قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.  

بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. بىر بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرشىۋاتقان، بىر- بىرىنىڭ قۇربان بايرىمىنى تەبرىكىلىشىۋاتقان، بىر – بىرى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان قىزغىن كەيپىياتقا قوشۇلۇپ ئاۋاز ياڭراتقۇدىن ئاڭلىۋاتقان جاراڭلىق ناغرا – سۇناي ئاۋازى سورۇن ئەھلىگە ۋەتەن ئىچىدىكى قۇربان بايرامنى ئەسلەتتى. 

 پائالىيەتكە ئۇيغۇر زىيالىي دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللاھ رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەت ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەمەت ئەيسا ئارتىش، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، جەمئىيەت باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى تىبەت يۈجەتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مېھرى – شەپقەت جەمئىيتىنىڭ مەسئۇلى يۈسۈپ – يۈسۈپئوغلى قاتارلىق مەسئۇللار سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى ۋە سورۇن ئەھلىنىڭ قۇربان بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

كېيىن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىدىن مەردان ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئىز ناملىق شېئىرنى جاراڭلىق دېكلىماتىسيە قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ھەر خىل نۇمۇر كۆرسەتتى. 

بۇ قېتىمقى پائالىيەت جەرىيانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن زاماندىن بۇيان ئىش ۋە خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن ئۇچرىشالماي قالغان يېقىن دوست بۇرادەرلەرن ئۆز ئارا ھال سوراشتى، سىردىشىپ سۆھبەتلەشتى، بىر – بىرىنىڭ قۇربان ھېيىت بايرىمىنى تەبرىكلەشتى. 

پروگرامما ئىككى سائەت داۋام قىلغاندىن كېيىن تاماق زىياپىتى بىلەن ئاخىرلاشتى. 

 

About admin