كۈنمىڭدە يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئالاقىدار بايانات

كۈنمىڭدە يۈز بەرگەن ۋەقەگە ئالاقىدار بايانات

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باياناتى

خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە 29 كىشى ئۆلگەنلىكى ۋە 143 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خىتاي كۈنمىڭدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىقىنى، ئابدۇرېھىم قۇربان ئىسىملىك ئۇيغۇرنىڭ باشچىلىقىدە 8 ئۇيغۇرنىڭ تەشكىللىك ھالدا ئېلىپ بارغانلىقىنى داۋا قىلدى. بۇلاردىن 4 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ بىر ئايالنى يارىلاندۇرۇپ تۇتقانلىقىنى قالغان 3 كىشىنى دۈشەنبە كۈنى تۇتقانلىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلدى.

ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا بىرسىنىڭ كىيىمىدە تۈركىيە دېگەن خەت يېزىلغان بايراق شەكىلى بولغان قارا كۆينەكنىڭ رەسىمىنى كۆرسەتتى، ئۇلارنىڭ يېنىدا يەنە كەلىمە شاھادەت يېزىلغان ئاي يۇلتۇزلۇق قارا بايراق چىققانلىقىنى ۋە بۇ بايراقنى شەرقىي تۈركسىتان بايرىقى چىقتى دەپ ئاخباراتلاردا ئېلان قىلدى، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ئىكەنلىكىنى خىتايدىن باشقا پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ، خىتاي بۇلار قەستەن ۋەقەنى ئۇيغۇرلارنىڭ سادىر قىلغانلىقىغا ئىسپات قىلىپ كۆرسەتتى.

خىتاي 2009 – يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن ساۋاق ئالماي، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى باستۇرۇشتا تېخىمۇ ھەددىن ئاشتى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلدى، مىللىي مەدەنىيەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ كەلدى. خىتاي كۆچمەنلەرنى يەرلەشتۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ يەر – مۈلىكلىرىنى قانۇنسىز ھالدا تارتىۋالدى. ئىنسانلارنىڭ ھېچ قانداق ھەق – ھوقۇقى قالمىدى، مال، جان بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولمىدى، ئائىلە پەرزەنتلىرىگە ئىگە بولۇش ۋە ئۇلارنى قوغداش ھوقۇقى يوقتۇر، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىجتىمائى، سىياسى، ئىقتىسادى ساھەلەردە بېسىمغا ئۇچىراپ خىتايلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلماقتا، ئىككىنجى سىنىپ ۋەتەنداش مۇئامىلىسىگە ئۇچىرىماقتا. ناھەق تۈرمىگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەددى – ھېسابى يوق، شەرقىي تۈركىستاندا ھەر كىم غەم ۋە ئەندىشە ئىچىدە ياشايدۇ. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇملىرى چېكىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن ناھەقچىلىككە ئۇچىرىغان ياشلار پىسخولۇگىيە جەھەتتىن روھى بېسىمغا ئۇچىراپ مانا مۇشۇنداق ۋەقەلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا.

خىتاي بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزلىرى ئېلىپ بارغان خاتا ۋە بېسىم سىياسەتلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىكلىرىنىڭ نەتىجى ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇم سىياسەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم كۆزدىن كەچۈرۈپ ئۇيغۇرلارغا ھەر جەھەتتىن ئەركىنلىك بېرىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمايدىكەن خىتاي بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى يىغىشتۇرۇپ بولالمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقى، تىنچلىق، ئەركىنلىك ۋە بىخەتەرلىككە مۇھتاج، تارىختىن بۇيان ئەركىن ۋە ھۆر ياشاپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھېچ قاچان زۇلۇم ۋە بېسىمنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ.

 خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە قىرغىنچىلىق قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.

خىتاي بۇ ۋەقەنى راستىنلا ئۇيغۇرلار سادىر قىلدى دەپ داۋا قىلىدىكەن ئۇنداقتا بۇ ۋەقەگە چېتىلىپ تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ۋە ئەركىن ھالدا سوتلاش كېرەك ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ۋەقەنى نېمە ئۈچۈن سادىر قىلغانلىقىنى ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش  كېرەك. ئامما ئۇلار ھېچ قانداق بېسىمغا ئۇچىرىماستىن ئۆزلىرىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئوچۇق ۋە ئەركىن ھالدا ئوتتۇرىغا قويالىغاندىلا ئاندىن بۇ مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ.

بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى دۇنيا دۆلەتلىرىنى شەرقىي تۈركسىتان مەسلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىپ ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىمىز.

خىتاي بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى دۇنيا جامائىتىگە تېرورچى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئورنىۋاتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ كۆپ باستۇرۇشقا، قەتلىئام يۈرگۈزۈشكە پۇرسەت چىقىرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق قىلىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز، بۇ ھەقتە خەلقئارا جامائىتىنىڭ خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇشقا  خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمەسلىككە، تەرەپبازلىق بىلەن ئېلان قىلىنىۋاتقان تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىق قىلىمىز. 

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى

About admin

Leave a Reply