پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپى قۇربانلىق تارقاتتى

پاكىستاندا ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپى ھەر يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىل 2012 – يىلىدىمۇ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا سەمىمى ھالدا قۇربانلىق قىلىپ بەردى. ئۆمەر ئۇيغۇر مۇنداق دېدى: ئاللاغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى بۇ يىل 400 دىن كۆپ ئائىلىگە قۇربانلىق گۆشى تارقاتتۇق، ئىسلام ئاباد ، راۋالپىندى ۋە شەرقى تۈركىستانغا يېقىن رايون بولغان گىلىگىت ، بالتىستان، سىكەردۇ، چاترال ۋە ئافغانىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىرى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىق قىلىندى. ئۇندىن باشقا دىنى مەدرىسىلەرگىمۇ قۇربانلىق گۆشى تەقسىم قىلدۇق.

ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەقپى تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئۇغۇزخان، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيدىكى دۇلقۇن ئىيسا ۋە تۇركىيەدىكى IHH ۋەقپىلىرىنىڭ قۇربانلىق ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە ناھايىتى خۇرسەنمىز، مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز دېدى.

 

 

About admin