كۆك يېشىل چۈشەنچە مۇنبىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىستىراتېگىيىسى

كۆك يېشىل چۈشەنچە مۇنبىرىدە شەرقىي تۈركىستان ئىستىراتېگىيىسى توغرىسىدا بەس – مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى

 IMG_2023

2014-يىلى 3- ماي شەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان كۆك – يېشىل چۈشەنچە مۇنبىرى نامدىكى تەشكىلاتنىڭ مەركىزىدە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى توغرىسىدا لېكىسىيە بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ كۆپ ساندا ئەزالىرى قاتناشتى.

 يىغىنغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلسىى توغىرىسىدا دوكىلات بەردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركسىتاننىڭ تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆرۈپ ئادەتلىرى، نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان دىنى ۋە مىللىي بېسىملار، خىتاينىڭ زۇلۇملىرى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يازغۇچى تەتقىقاتچىلار بولۇپ، لېكىسيە ئاخىرىدا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلسىى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا تەپسىلى جاۋاپ بەردى.

يىغىندا شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئازادلىق يول خەرىتىسى، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنىڭ ئورنى، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى، ۋەتەن ئىچىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلەر، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتان ئىستىراتېگىيىسى، تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلار توغرىسىدا پىكىر – ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى.

2 سائەت داۋام قىلغان يىغىندا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا بەس – مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا بۇ جەمئىيەت مەسئۇللىرى بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ۋە يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

مۇسا بايتاش

298358_259937170700553_7633906_n IMG_2023 IMG_2024 IMG_2025 IMG_2026 IMG_2032

About admin

Leave a Reply