ئۈرۈمچىدىكى بومبا پارتىلاش ھۇجۇمىغا ئالاقىدار بايانات

uygur

خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق قوللۇق قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە، خەلقنىڭ مىللي ئىرادىسى ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا زۇلۇم ۋە بېسىمنى توختىتىشىقا چاقرىق قىلىمىز.

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پارتىلاش ۋەقەسىگە ئالاقىدار باياناتى

بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 07:00 ئەتراپىدا ئۈرۈمچىدە بومبا پارتىلاش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ پارتىلاشتا 31 كىشى ئۆلگەن 90 كىشى يارىلانغان.

خىتاي ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئەتتىگەن سائەت 07:00 ئەتراپىدا خەلق باغچىسى يېنىدىكى ئاۋات بازاردا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

ھەر زاماندىكىگە ئوخشاش خىتاي دائىرلىرى ۋەقەنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكى، كىملەر تەرىپىدىن ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

خىتاي ھەر زامان شەرقىي تۈركسىتاندا زۇلۇم ۋە بېسىمنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ قىلىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلەر كۆپلەپ يۈز بەرمەكتە.

 ئۆزىنىڭ ھەق – ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان، زۇلۇمغا ھەقسىزلىققا ئۇچىرىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى جان ۋە مال بىخەتەرلىكىنى قوغدىيالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ھەرىكەتلەر ئارقىلىق خىتاي ئىشغالچىلىرىغا زەربە بەرمەكتە.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ھەر زامان شۇنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىدۇ،  خىتاي قاتتىق قوللىق قىلىدىكەن خەلقمۇ قاتتىق قوللۇق بىلەن تاقابىل تۇرىدۇ، بېسىم قانچىلىق ئېغىرلاشسا، قارشىلىق شۇنچە كۈچىيىدۇ،  خىتاي شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنى كۈچ بىلەن قورقۇتۇپ باشقۇرىمەن دەيدىكەن ئۇنىڭ بىر خام خىيال ئىكەنلىكى ئىسپاتلانماقتا.

ئەگەر خىتاي بۇ خىل پارتىلاش ۋە ھۇجۇملارنى توختىتىشنى خالىسا، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى بېرىشى، ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى، خىتاي ئەسكەرلىرىنى ۋە كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركسىتاندىن چېكىندۈرۈپ كېتىشى كېرەك. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى، مىللىي مەدەنىيەت ئەركىنلىكى، پەن – مائارىپ ۋە تىل – يېزىق ئەركىنلىكى بېرىلىشى كېرەك ھەمدە شەرقىي تۈركسىتان خەلقىىنىڭ جان ۋە مال – مۈلىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئەمەلدارلىرى، ئەسكەرلىرى ۋە كۆچمەنلىرىنىڭمۇ جان ۋە مال – مۈلك بىخەتەرلىكى بولمايدۇ. ھەمدە  بۇ خىل پارتىلاش ۋە ھۇجۇملار بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن.

بىز شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركسىتاندا يۈز بەرگەن پۈتۈن پارتىلاشتىن ۋە پارتىلاش – ھۇجۇملاردا ئۆلگەنلەردىن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ۋە خىتاي دۆلىتى جاۋاپكارلىققا تارتىلىشى كېرەك دەپ قارايمىز. چۈنكى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بۇ خىل شىددەت يولىغا مېڭىشقا مەجبۇر قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق قوللۇق قىلىشتىن ۋاز كېچىشكە، خەلقنىڭ مىللي ئىرادىسى ۋە ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا زۇلۇم ۋە بېسىمنى توختىتىشىقا چاقرىق قىلىمىز.

 شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

About admin

Leave a Reply