سافاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇدا يازلىق كۆرگەزمە ئۆتكۈزىلىدۇ

maarip21

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىش روھىنى ئۇرغۇتۇش مەقسىتىدە، جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆي تارمىقىدىكى قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسىگە ئاتاپ ھەر يىلى يازلىق كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شەرقى تۈركىستان مەدىنىيىتىنى تونۇتۇش، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىش روھىنى ئۇرغۇتۇش مەقسىتىدە، جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆي تارمىقىدىكى قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسىگە ئاتاپ ھەر يىلى يازلىق كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

بۇ يىللىق يازلىق كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكەن يىلقىغا ئوخشاش جەمئىيەتنىڭ سافاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ شۆبىلىرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 5- ئاينىڭ 23- كۈنى سافاكۆيدە، 6- ئاينىڭ 6- كۈنى زەيتىنبۇرنۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

سافاكۆيدە ئېلىپ بىرىلىدىغان كۆرگەزمە پائالىيىتى بۇرۇندىن بىرى ئۆتكۈزۈلۈپ كىلىۋاتقان سافاكۆي ئاتاتۈرك باغچىسىدا 23- ماي كۈنىدىن ئىتىبارەن باشلىنىدۇ، زەيتىنبۇرنۇدا  بۇرۇندىن تارتىپ كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن تىرەن (پويىز) بىكەت مەيدانىدا  6- ئىيۇن كۈنىدىن ئىتىبارەن باشلىنىدۇ.

تۈركىيەدە، بولۇپمۇ ئىستانبۇلدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇ يازلىق شەرقى تۈركىستانلىقلار كۆرگەزمە پائالىيىتىگە ھەر يىلى قولىدىن كىلىشىچە ھەمكارلىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە پائالىيىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەكلىرى ۋە ئۆز – ئارا ھەمكارلىقلىرى ئالاھىدە نامايەن بولىدۇ.

About admin

Leave a Reply