تۈركىيە ئىقامىتى توغرىلىق ئالاھىدە ئوقتۇرۇش

24580183

مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە سۇنغان ئىلتىماسى ماقۇللانغان بولۇپ، مىنىستىرلىك شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىقامەت مەسىلىسىدە ئىككى خىل قارار ماقۇللىدى.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ئىقامىتىگە ئىرىشىشى ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تەستىقلاندى.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۈگۈن 2-ئاپرېل چارشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىسى فېسبۇك سەھىپىسىدە مەزكۇر خوشخەۋەرنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە تۈۋەندىكى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى:

ھۆرمەتلىك ھەمشەھەرلىرىمىز !

مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە سۇنغان ئىلتىماسى ماقۇللانغان بولۇپ، مىنىستىرلىك شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئىقامەت مەسىلىسىدە ئىككى خىل قارار ماقۇللىدى:

 

1-ئۆتكەن يىلى ئالغان ئىقامەتلەر ئۇزارتىلىدۇ، تۇرۇۋاتقان رايۇنىدىكى ئەمنىيەت (ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسى) تىن راندۇۋ (نۆۋەت نۇمۇرى) ئالسىڭىز بولىدۇ.

2-يېڭىدىن ئىقامەت ئالىدىغانلار ياشاۋاتقان ۋىلايەتلەردىكى مەركىزى ئەمنىيەت مۇدۇرلىقىغا (مەركىزى ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسى) غا بارسىڭىز بولىدۇ. تىزىملاتقان بويىچە ئىسىم فامىلىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە ئىل ئەمنىيەت مۇدۇرلىقىغا بارسىڭىز بولىدۇ. بۇ توغرىدا ھېچ كىمگە ۋە ئورگانغا پۇل ۋە ھەق تۆلىمەيسىز، ھەقسىزدۇر.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى

 

About admin

Leave a Reply