ئايلىق سۆھبەتتە بارىن جىھادى شېھىتلىرى ئۈچۈن قۇرئان خەتمە قىلىندى

6244
بىر مەقسەت ۋە بىر جەسەت بولۇپ بىرلىكتە تەشكىلى شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن ئابدۇلقادىر ياپچان، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئىزىلىۋاتقان قىرىنداشلارغا چىقىش يولى ۋە ئاسانلىق ئاتا قىلىشىنى تىلەپ دۇئا قىلدى.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى  ھەر ئاينىڭ بېشىدا قېرىنداشلارنىڭ ئايلىق ئۇچرىشىش سۆھبىتى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ ئايلىق سۆھبەت 4-ئاپرېل جۈمە كۈنى جەمئىيەتنىڭ چاپادىكى مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

سۆھبەتكە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان نۇرغۇن قېرىنداشلار قاتناشتى، سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى ۋەتىمىز شەرقى تۈركىستاندا خىتاي ئىشغالىغا قارشى 1990- يىلى ئاقتۇ بارىن يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن بارىن جىھادىدا شېھىت بولغان قېرىنداشلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان خەتمە قىلىندى.

قۇرئان خەتمىسىدىن كىيىن، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سافاكۆي شۆبە مەسئۇلى ئەنۋەر قارىم خەتمە تىلاۋىتى قىلدى. كىيىن جامائەت پىشىۋاسى ئابدۇلقادىر ياپچان بارىن شېھىتلىرى ۋە شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تارىختىن بىرى ئىشغالچىلارغا قارشى كۆكرەك كىرىپ چىقىپ شېھىت بولغان قىرىنداشلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.

 

كىيىن ئايلىق سۆھبەت رەسمى باشلاندى، سۆھبەتكە جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ بۇ قېتىمقى يېغىننىڭ مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇپ، بارىن يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن جىھاد ھەرىكىتىنى ۋە شۇ جىھادى ھەرىكەتتە شېھىت قىلىنغان قىرىنداشلىرىمىزنى ئەسلەش ، ئۇلارنىڭ روھىدىن ئىلھام ئېلىش ۋە يولىنى داۋام قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ يىللاردىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى، زەيدىن يۇسۇف قارى قوماندانلىقىدا بارىن يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن جىھادنىڭ تەشكىلى ئىسلامى تۈس بىلەن ئېلىپ بىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئىشغالچى خىتاينىڭ شەرقى تۈركستان ئىچى ۋە سىرتىدا زەربىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىشغالغا قارشى ئويغىنىپ خىتاينى قاتتىق گاڭگىرىتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىپ چوڭىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

 

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان يەنە،  2009- يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئەسلىتىپ، بۇ ۋەقەنىڭ خىتايغا بىرىلگەن قاتتىق بىر سىگنال بولغانلىقىنى ۋە شۇ ۋەقەدىن كىيىن خىتايغا قارشى چاك- چىگرىنىڭ رەسمى ئايرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

 

ئاخىرقى كۈنلەردە فېسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرىدا تارقىلىۋاتقان ۋەتەن ئىچىدىكى قىز- ئايال قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاياغ – ئاستى قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە قاتناش ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۇتقان يەردە ئۇرۇۋاتقانلىقىدەك ئۇچۇر ۋە سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرى ھەققىدە توختالغان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ سىستىمىلىق بىر شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشنىڭ قاتتىق زۆرۈلىكىنى ئۇقتۇرىدىغانلىقىنى، ھەر يەردە شەرت –شارائىت ۋە پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىيىن شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان تەكلاماكان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ھەر ساھەدە قولىدىن كىلىشىچە تىرىشىشى، قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن ھەمكارلىشىشى، ۋە ياردەملىشىشى، شۇنداقلا ئەمىلىيەتچان بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە قىسقىچە سۆز قىلدى.

 

كىيىن كانادادىن كەلگەن ئىبراھىم داموللام “ شېھىتلەرنىڭ خاتىرە كۈنى “ ھەققىدە قىسقىچە سۆز قىلدى. شېھىتلەرنىڭ روھىغا شاتلىق ، مەغفىرەت ۋە رەھمەت تىلىگەن ئىبراھىم داموللام، شېھىتلىقنىڭ ھەر قانداق مۇئمىن – مۇسۇلماننىڭ ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بىر ئۇلۇغ مەرتىۋە ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

 

ئىبراھىم داموللام يەنە، ھەر بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆز ئۈممىتىگە شاھىد ئىكەنلىكى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەر ۋە ئۈممەتلەرنىڭ شاھىدى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى .

كىيىن جامائەت پىشىۋاسى ئابدۇلقادىر ياپچان بارىن جىھادى ھەرىكىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە يوللىرى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ“ ساڭا چۈشۈرۈلگەننى يەتكۈزگىن “ دېگەن ئايىتى بىلەن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ “ مۇئمىن بولمىغىچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، بىر- بىرىڭلارنى سۆيمىگىچە مۇئمىن بۇلالمايسىلەر “ دېگەن ھەدىس شېرىپنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

 

 

خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ ئۆزىنى تاش، خەلقنى ياڭاق ، ياڭاق بىلەن تاش تەڭ بولالمايدۇ، تاش ياڭاقنى ئىزىۋىتىدۇ دېگەنگە ئوخشاش پىسخولوگىيە بېسىمى ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنى بىر شاكال ھالىتىگە ئېلىپ كىلىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئابدۇلقادىر ياپچان، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاينىڭ بۇ مەنتىقسىز سىياسىتىنى بىتچىت قىلغانلىقىنى، خىتايغا قارشى مۇستەقىللىق روھىنىڭ تېخىمۇ ئۇلغايغانلىقىنى ۋە ئويغانغانلىقىنى، بۇنىڭغا خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ ئىشغال سىياسىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەۋەپ بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىر مەقسەت ۋە بىر جەسەت بولۇپ بىرلىكتە تەشكىلى شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن ئابدۇلقادىر ياپچان، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئىزىلىۋاتقان قىرىنداشلارغا چىقىش يولى ۋە ئاسانلىق ئاتا قىلىشىنى تىلەپ دۇئا  قىلدى.

كىيىن يىغىن ئەھلىگە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەرنىڭ بالىسىنىڭ ئەقىقىسى بىلەن زىياپەت بىرىلدى.

مۇسلىم

About admin

Leave a Reply