تۈرك دۇنياسى بالىلار پائالىيىتىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى پائالىيەت كۆرسەتتى

906930679740125

ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلار بۇ پائالىيەتتە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە مىللىيچە كىيىملەر بىلەن يۈرۈش قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ساما ئۇسۇلى كۆرسىتىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 20-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تۈرك دۇنياسى بالىلار پائالىيىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە 40 دۆلەتتىن كەلگەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ 450 نەپەر ئۆسمۈرلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەرتىپلىگەن 15 نەپەر ئوغۇل-قىز ئۆسمۈرلەر قاتناشتى ۋە پائالىيەتتە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، چىمەن دوپپا، مىللىي كىيىملىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.

ئىستانبۇل سىنان ئەردەم تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ رەئىسى كۆسخان يازغان ئەپەندىلەرمۇ قاتناشتى.

پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ يېتەكلىشىدە 15 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈر قاتناشتى.

ئۇيغۇر ئۆسمۈر بالىلار بۇ پائالىيەتتە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە مىللىيچە كىيىملەر بىلەن يۈرۈش قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ساما ئۇسۇلى كۆرسىتىپ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ ئەپەندى تۈرك دۇنياسى پەرزەنتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: تۈرك دۇنياسى دېگەن ھامان ئەقىلگە كەڭ بىر جۇغراپىيىدە ياشاۋاتقان قانداش خەلقلەر بىلەن 350 مىليون ئەتراپىدا ئىنسان كېلىدۇ. بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت، ئىقتىساد ۋە تىجارەت قاتارلىق ھەر ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ھەم بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە، ھەم دۇنيادىكى پۈتۈن پەرزەنتلەرگە تىنچلىق ۋە خاتىرجەم كۈنلەرنىڭ يار بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. بۇ يەردە 450 مېھمان پەرزەنتىمىزنى چىن كۆڭلىمىزدىن ساھىبخانىلىق قىلىۋاتىمىز. تۈرك دۇنياسىنىڭ كۈچىنى كۆرۈش ئۈچۈن بۇ خىل پائالىيەتلەردىن پايدىلىنىش كېرەك. ھەر يەردىن، ھەر خەلقتىن كەلگەن ئۆسمۈر بالىلار بىزنىڭ قانچىلىك مەنىۋى بايلىقىمىز بارلىقىنى خاتىرىلىتىدۇ. بالىلىرىمىزنى بۇ يەردە كۆرۈش مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. يېقىن ياكى ئۇزاقتىن كەلگەن ئۆسمۈر پەرزەنتلىرىمىز بىلەن قەلبىمىز بىرىدۇر.

20-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى بالىلار پائالىيىتىدە سۆز قىلغان تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ رەئىسى كۆسخان يازغان ئەپەندى مۇنداق دېدى: تۈرك پەرزەنتلىرىنىڭ بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇشى، ئارىلىشىپ ئۆتۈشى، بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ دوست بولۇشى، بىر تۈرك قان قېرىنداش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشى، تۈركلۈك ھېس تۇيغۇسىغا ۋە تۈركلۈك غۇرۇرىغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان تۈرك دۇنياسى بالىلار پائالىيىتى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدۇ. دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن ھەر خىل رەڭدىكى تۈرك پەرزەنتلىرى بۇ پائالىيەتكە گۈزەللىك قوشتى، تۈركلۈك ھېس تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش ھەم تۈركىيە ئىچىدىكى ھەم تۈركىيە سىرتىدىكى تۈرك بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تۈركلۈك ھېس تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش تۈرك بىرلىكىنىڭ يولىنى ئاچىدۇ، تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندى تۈرك بىرلىكى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى داۋام قىلىدۇ.

بۇ پائالىيەت توغرىسىدا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كۆپلەپ ئۇچۇرلار تارقىتىلدى. يېڭىچاغ گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بۇ پائالىيەتكە ئالتايدىن، ئۆتۈكەندىن، شەرقىي تۈركىستاندىن، تەڭرىتاغلىرىدىن، ئانا يۇرتنىڭ ئېتەكلىرىدىن، كەركۆكتىن، كوسۇۋادىن، ئاھىسكادىن، غەربىي تىراكىيەدىن ئۆسمۈرلەر قاتناشتى دېيىلگەن.

ئىستانبۇل ۋالىيسىغا تون چاپان ۋە چىمەن دوپپا كىيدۈرۈلدى

پائالىيەت ئاخىرىدا ئىستانبۇل ۋالىيسىغا ھەدىيە تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ بۇ مۇراسىمدا ھەر قايسى مىللەت پەرزەنتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان قىممەتلىك ئەشيالىرىنى ھەدىيە قىلدى. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمۇ ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ ئەپەندىگە چىمەن دوپپا ۋە تون چاپان كىيدۈردى. ۋالىي ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ ئەپەندى، ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ ھەدىيەلىرىنى قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلدى ۋە بىرلىكتە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

بىز بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇر بالىلارنى تەرتىپلىگەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار بۆلۈمى رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇنەۋۋەر خانىم، تۈرك دۇنياسى بالىلار پائالىيىتىگە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ قاتنىشىشىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىپادىلىدى ۋە بۇ خىل پائالىيەتلەرگە كۆپلەپ قاتنىشىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مىللىي كىيىم ۋە بايرىقى بىلەن بۇ خىل پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇش قابىلىيىتىگە ئىگە قىلىش جەھەتتە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئاۋازلىق پروگراممىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ

About admin

Leave a Reply