زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆيدە شەرقى تۈركىستان يەرمەنكىسى ئېچىلدى

بۇ يەرمەنكىگە سافاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ شۆبىلىرىنىڭ ئىدارى ھەيئەت ئەزالىرى، شۆبىدىكى قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى – ئوقۇتقۇچىلىرى قىزغىنلىق بىلەن ياردەملەشمەكتە. ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ھەمشەھەرلەرمۇ ھەر خىل ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئىتىپ ، بۇ شەرقى تۈركىستان يەرمەنكىسىگە تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشماقتا.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى سافاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ شۆبىلىرىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ ۋە سافاكۆيدە شەرقى تۈركىستان يەرمەنكىسى ئېچىلدى.

بۇ قېتىمقى شەرقى تۈركىستان يەرمەنكىسى سافاكۆيدە 31- ماي شەنبە كۈنى ئېچىلغان بولۇپ ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا، زەيتىنبۇرنۇدا بولسا تۈنۈگۈن 6- ئىيۇن جۈمە كۈنى ئېچىلدى، يەرمەنكىنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىمۇ بىر ھەپتىغىچە داۋام قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

763277388875660

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ھەر يىلى يازدا بىر قېتىم شەرقى تۈركىستان يەرمەنكىسى ئېچىشنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ شەرقى تۈركىستان يەرمەنكىسىدە ھەر قايسى خەيرى-ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئىئانىلىرى ۋە ھەر خىل ئۇيغۇر تائاملىرى سېتىلىدۇ.

بۇ شەرقى تۈركىستان يەرمەنكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلانىڭ ئۆرپە-ئادەتلىرى، مىللى – ئەنئەنىلىرى ۋە ۋەتەن ئىچى- سىرتىدىكى ۋەزىيەت ئەھۋاللىرى تۇنۇشتۇرۇلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەرمەنكىنىڭ كىرىمى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ سافاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ شۆبىلىرىدىكى قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسىگە ئىشلىتىلىدۇ.

بۇ يەرمەنكىگە سافاكۆي ۋە زەيتىنبۇرنۇ شۆبىلىرىنىڭ ئىدارى ھەيئەت ئەزالىرى، شۆبىدىكى قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى – ئوقۇتقۇچىلىرى قولىدىن كىلىشىچە ياردەملەشمەكتە. باشقا ئۇيغۇر ھەمشەھەرلەرمۇ ھەر خىل ئۇيغۇر تائاملىرىنى ئىتىپ ، بۇ شەرقى تۈركىستان يەرمەنكىسىگە تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشماقتا.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

About admin

Leave a Reply