داۋايىمىزغا سادىق بولايلى

11 _ نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمىيىتىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن  1933- يىلى ۋە 1944- يىلى 12- نويابىر كۈنلىرى شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق “ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۈمھۇرىيىتى“ نىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ پائائلىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ۋە ئۆتكۈزۈلىدىغان تارىخ، يەر، ۋە سائەتلەر ھەققىدە خېلى بۇرۇن ھەر تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىلەن خەۋەر بېرىلگەن، تەكلىپ باغاقچىلىرى تارقىتىلغان ئىدى. ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستانلىق دەپ قارايدىغان ھەر بىر ۋىجدانلىق قېرىنداشلىرىمىز بۇ كۈننى ئاجايىپ بىر ئىشتىياق ئىچىدە كۈتتى.

دېگەندەك بۇ كۈنمۇ كەلدى، ئەتىگەن سائەت 9 بولا- بولمايلا بۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان زەيتىنبۇرنۇ رايۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دېڭىز بۇيىغا جايلاشقان زال ئىچى ۋە ئاتا- ئانىلار بىلەن بىرگە كەلگەن ئوماق تۈركىستان چېچەكلىرىنى ئەسلىتىدىغان بالىلارنىڭ شاۋقۇنلىرى بىلەن جانلىنىپ كەتتى. ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنىغا خېلى يىراق رايۇنلىرىدا ياشايدىغان قېرىنداشلارمۇ ئەتتىگەندە ئۇشاق بالىلىرىنى ئېلىشىپ بىر ۋە ياكى بىرقانچە قانتاش ۋاستىسى ئالمىشىپ بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشكەنىدى.

ئاللاھنىڭ كەلامى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ دىللارنى لەرزىگە سالىدىغان تىلاۋىتى بىلەن باشلىنىدىغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئېچىلىشى ئەسلىدىكى پىلاندا باشلانماقچى بولغان سائەتتىن كېچىكتى. سەۋەبى بۇ پائالىيەتنىڭ مول مەزمونلىرىدىن كەلمەكچى بولغان بارلىق قېرىنداشلارنى تەڭ بەھرىمان قىلىش ئىدى. پروگرامما ئۈچۈن ھازىرلانغان پائالىيەت تۈرلۈرىدىن بەزىلىرى ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن قىسقارتقان بولسىمۇ لېكىن، ئاساسىي كۆزلەنگەن مەقسەتكە ېيتىلدى. نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلار شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان بۇ ئىككى قېتىملىق جۈمھۇرىيىتىمىزدىن بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلى چوڭقۇر دەرىجىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولغانلىقىدىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

  تاماقتىن كېيىن قىزغىن كەيپىياتتا خوشلىشىپ قايتىشقان قېرىنداشلاردا خۇددى ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ خۇشال بىر تۇيغۇدا بولغانلىقى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدىكى ئىپادىلىرىدىن ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. چۈنكى ، مەنمۇ  شۇ تۇيغۇنى ياشىغانلىقىم ئۈچۈن بۇنى كۆرۈپ يەتتىم. بىراق، مېنى بىئارام قىلغان باشقا بىر تۇيغۇ بار ئىدى-ئەپسۇسلۇنۇش تۇيغۇسى.

بۇ تۇيغۇنى سەھنە ئارقىدىكى ۋەزىپەم تۈگەپ زالغا كىرىپ ئولتۇرۇش بىلەن ياشاشقا باشلىدىم. كەڭرى ئازادە زال، ئالدى تەرەپتە ئەر قېرىنداشلار، ئارقا تەرەپتە قۇچاقلىرىدا بالىلىرى بولغان ئايال قېرىنداشلار. ئوتتۇردا  بولسا ئۇ يەر بۇ يەردە ئولتارغانلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا كېلىشى كېرەك بولغان قېرىنداشلارنى ساقلاپ بوينى پۈكۈك قالغان بوش ئورۇنلار. سان جەھەتتىن بۇرۇنقى پائالىيەتلەرگە قارىغاندا خېلى كۆپتەك كۆرۈندى. ئەمما، بۈگۈنكى كۈندىكى بۇ پائالىيەت ئۈچۈن بۇ ئورۇنلارنىڭ بوينى بەكلا پۈكۈك كۆرۈندى.

يىراقتىن قۇچاقتا بالىسى بىلەن كەلگەنلەر¸ سەھەر تۈرۈپ ئۈچ، تۆت بالىسى بىلەن يېتىپ كەلگەنلەر، ئاغرىق ياتقان ياتىقىدىن قېلىن كىيىنىپ كەلگەنلەر، يېڭىدىن پەرزەنتلىك بولغان ، ئەمدىلا قىرقى توشقان بالىسىنى ئەدىيالغا چىڭ يۈگەپ كەلگەنلەر، ئۆزى گەرچە تۈركىستانغا ئاياق باسمىغان، ياكى ئۇ يەردە تۇغۇلمىغان بولسىمۇ، يولدىشى ياكى ئايالىنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ مۇبارەك خاتىرە كۈنىنى ئەسلەش ئۈچۈن بىرگە كەلگەن تۈرۈك، ئەرەپ، تاجىك، قازاق، ئۆزبەك، قىرغىز… قاتارلىق مىللەتلەردىن بولغان قېرىنداشلار، مەن دەرس ئوقۇپ ھېرىپ كەتتىم،بۈگۈن دەم ئېلىش بولغاچقا بىر ئۇخلىۋالايچۇ، دېيىشنىڭ ئورنىغا ئەتىگەندە ئاتا- ئانىلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن كىچىك بالىلار ئەسلىدە مېنى ئىنتايىن سۆيۈندۈرگەن بولسا، ئۇلار كەلگەن يەردە چويلىغا توختىمايدىغان سەۋەپ بىلەن كەلمىگەن “ شەرقىي تۈركىستانلىق ئوغلانلار، ھەرقانداق ئالدىراش بولسىمۇ، ھەرقانچە باھانىسى بولسىمۇ ياسىنىپ – تارىنىپ مېھماندارچىلىقتىن قالمايدىغان “ نۇزۇگۇم “ “ ئىپارخانلار“نى بۇ يەردە كۆرەلمىگەنلىكىم مېنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇردى.

 شەرقىي تۈركىستان كىمنىڭ؟  دەپ سورىسا“ بىزنىڭ“ دېيىشكە ئالدىراپ كېتىدىغان، بېشىغا كۈن چۈشسە شەرقىي تۈركىستانلىق مەزلۇم، مۇھاجىر، كۆچمەن، مۇھتاج … قاتارىدا ياردەم ئىشىكلىرىدىن يىراققا كەتمەيدىغان، ۋەتەندە ياكى ۋەتەن ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى پەش قىلىپ باشقىلارنىڭ ئۆزىدەك بولمىغانلىقىدىن ئاغرىنىدىغانلار، ئانىلىرىنى پەرزەنت ئىشتىياقىدا، بالىلىرىنى دادا ئىشتىياقىدا ، ئاياللىرىنى  يېرىم تۇل ھالىدا تاشلاپ قويۇپ ھېجرەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تارتقان مەنىۋى ۋە ماددى قىيىنچىلىقلىرىنى پەش قىلىپ ئېتىراپ قىلىنىش ۋە قەدىرلىنىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلار¸ داۋا يولىدىكى قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن يۈز بەرگەن بەزى ئۇقۇشماسلىقلار سەۋەبىدىن پۈتۈن داۋا ئادەملىرىنى ئەيىپلەيدىغانلار، ئاتا- ئانام، ئايالىم، قېرىندىشىم، بالام ۋەتەندە. تىجارىتىم، سودام، دۇككىنىم ، ھەر ئايدا ئالىدىغان مائاشىم ۋەتەندە دەيدىغانلار…

بۇلارنى ئويلىغانچە قەلبىمدە بىر ئاچچىق تۇيغۇ. ئەجابا، بۇ داۋا يولىدا يۈرگەنلەر، كېچە- كۈندۈز داۋا يولىدا خىزمەت قىلىدىغانلار، راھەتتە ئارقىدا، جاپادا ئالدىدا تۇرىدىغانلارنىڭ¸تارتقان ئەزىيەت ۋە جاپالىرىنى پەقەت ئاللاھدىن ئەجىر ئۈمىد قىلىش بىلەن ساۋاپقا ئايلاندۇرىدىغانلارنىڭ ۋەتەندە ھېچنېمىسى يوقمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانا، قان- قېرىنداش، بالا- ۋاقا، دوست – يارەنلىرى يوقمۇ؟ داۋاسى ئۈچۈن ۋاز كەچكەن خىزمەتلىرى، ئېلىشنى رەت قىلغان ماددىي مەنپەتلىرى، يوقمىدى؟ باشقا نېمە دېيەلەيمەن، سۆزۈمنى تۆۋەندىكى مىسرالىرىمغا ئۆتۈندۈم.

يالغانچى، دېسەم ياق! دەيسەن، ئۆڭۈپ تاتىرىپ،

قېنى“راستچىل مەن“ دەپ قىلغان داۋايىڭ.

مۇناپىقمۇ سەن؟ دەۋىتىشكە ئازلا قالىمەن. 

چۈنكى، ئوخشىغاچقا شۇلارغا نۇرغۇن ئەمەلىڭ.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

About admin