ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 5 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار نامايىش قىلدى

Urumchi qirghinchiliqining 5-yili istanbulda namayish otkuzuldi 010

2014 – يىلى 6 – ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 5 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن  شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.بۇ نامايىشقا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشىتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا، «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى ئونۇتمايمىز!»، «شېھىتلەرنىڭ قېنى يەردە قالمايدۇ»، «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق، مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىدۇ»، «تۈركىيە ئوخلىما قېرىنداشلىرىڭغا ئىگە چىق»، «ھەق – ھوقۇق ئادالەت تۈركىستانغا ھۆررىيەت»، «شىنجاڭ ئەمەس شەرقىي تۈركسىتان» دېگەنگە ئوخشاش چوڭ ھەجىملىك خەتلەر يېزىلىغان ۋىۋىسكا – تاختىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.

نامايىشچىلار بىردەك، «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىپ كەت!»، «مەزلۇملار بۇ يەردە ئىنسان ھەقلىرى قەيەردە»، «تۈركىستان خىتايلارغا مازار بولىدۇ»، «قارشلىق داۋام تۈركىستانغا سالام»، «ھەق – ھوقۇق ئادالەت تۈركىستانغا ھۆررىيەت» دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار توۋلاپ خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا يېقىنلەپ كەلدى.

نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا قۇرۇلغان توساقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئورۇندى ۋە رىشاتكىلارنى يىقىتىپ ساقچىلار بىلەن ئىتتىرىشىپ كەتتى. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىرىش ۋە سۈركۈلۈش بىردەم داۋام قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلار ياش ئاققۇزىدىغان گاز چېچىش بىلەن ئاگاھلاندۇردى ۋە رامىزان بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نامايىشچىلار خىتايغا قارشى شۇئار توۋلاشنى داۋام قىلدى.  نامايىشقا كۆپ ساندا رادىئو – تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرى كەلگەن بولۇپ، نامايىشچىلار بىرئاز پەسكويغا چۈشكەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەرىپىدىن، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قەتلىئامىغا ئالاقىدار تەييارلانغان بايانات ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك، ئىشغالچى خىتاي ھاكىمىيىتى بۇنىڭدىن 5 يىل ئىلگىرى يەنى 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچىدە چوڭ بىر قەتلىئام يۈرگۈزدى. ئۈرۈمچى قەتلىئامى دەپ تارىخقا يېزىلغان بۇ قانلىق ۋەقەدە نەچچە مىڭلغان ئۇيغۇر شېھىت قىلىندى، تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ياكى يوقاپ كەتكەن نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇردىن، ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ھازىرغىچە خەۋەر بولمىدى. تۇتقۇن قىلىنغان ياشلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقى بېرىلمەستىن خىتاي سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن ياسالما سوت ئېچىلىپ گۇرۇپ – گۇرۇپ ھالدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى. ئۈرۈمچى قەتلىئامى يۈز بېرىپ ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىدە ھېچ قانداق ئۆزگۈرۈش بولمىدى بەلكى تېخىمۇ ھەددىن ئاشتى ۋە قاتتىق قول كۈچ قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ قورقۇنچ ۋە تېخىمۇ ۋەھىمىيىلىك بىر ۋەزىيەت ئوتتۇرىغا چىقتى.

خىتاي بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئەركىنلىكى، كىيىم – كېچەك كىيىش، دىنى تەلىم – تەربىيە ئېلىش دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەردە قاتتىق قۇللۇق سىياسەت يۈرگۈزىۋاتىدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئىززەت – ئابرۇيى بولغان خانىم – قىزلارغا تىل ۋە قول ئۇزاتماقتا، كىيىم – كىيىش، ئىسلامى ئەقىدە ۋە مىللىي مەدەنىيەت بىلەن ياشاشقا چەكلىمە قويماقتا.  

ھىدايەتۇللا ھ ئوغۇزخان سۆزىدە خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ روز ا تۇتۇشىنى چەكلىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيى ئېلىپ كەلگەن مەنۋىي ھۇزۇر ۋە خۇشاللىق مۇھىت ئىچىدە بەھىر ئېلىۋاتقان بىر پەيتتە شەرقىي تۈركسىتان خەلقى بۇ مۇقەددەس ئاينى ۋەھشىيلىك، ئىسكەنجە ۋە زۇلۇم بىلەن تولغان بىر مەنزىرە ئىچىدە، قاراڭغۇلۇ ق زۇلۇمەت ۋە قىيىنچىلىق كۈنلەر ئىچىدە قارشى ئالدى. شەرقىي تۈركسىتاندا بۇ يىلقى رامىزان ئۆتكەن يىلىدىكىندىنمۇ قاتتىق، تېخىمۇ قورقۇنچىلۇق ئىجرائاتلار بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ، ئىشغالچى ھاكىمىيەت ئومۇمىي شەرقىي تۈركسىتاندا تاراۋىھ نامىزى ئوقۇش، توپلىشىپ ئىپتارلىشىش قاتارلىق روزا ئىبادىتىنى چەكلەش ئىجرائىتى يۈرگۈزمەكتە.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: بىز شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا داۋام قىلدۇرىۋاتقان بېسىم، تۇتقۇن قىلىش ۋە قەتلىئاملار يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەت تېرورلۇقىنى قاتتىق ئەيبلەيمىز ۋە لەنەت ئوقۇيمىز. رامىزان ئېيىنىڭ بۇ بەرىكەتلىك كۈنلىرىدە ئانادولىيە خەلقىنى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئا ۋە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز.

 ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ دەرۋىزىسىغا يېقىنلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى، نامايىشچىلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان قاتارلىق 5 كىشىگە خىتاي كونسۇلخانىسى دەرۋازىسى ئالدىغا قاراچەمبىرەك قويۇشقا روخسەت قىلىندى. تۈركىيىدە قاراچەمبىرەك قويۇش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشىلىگەنلەرنى ئەيبلەپ قويۇلىدۇ.

كېيىن نامايىشچىلار خىتاينىڭ بايرىقىغا ئوت يېقىپ كۆيدۈردى، يەرگە ئاتتى ۋە دەسسەپ خىتايغا بولغان غەزەپ – نەپرەتلىرىنى ئىپادىلىدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش تۈركىيىنىڭ پۈتۈن رادىئو – تېلېۋىزىيە ۋە ئاخباراتلىرىدا كەڭ تارقىتىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشۋىقات بۆلۈمى

 

 

 

 

 

 

 

About admin

Leave a Reply