ئىستانبۇلدىكى ئىپتاردا ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا تۈرمىگە قامالغان ۋە شېھىت بولغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى

istanbulda iftar

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئىپتار زىياپىتىدە جەم بولۇپ ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈرمىگە قامالغان ۋە شېھىت بولغانلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى

مېھرى، شەپقەت، قېرىنداشلىق رىشتىنىڭ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولدىغان، بىرلىك –باراۋەرلىك، ئىناق – ئىتتىپاقلىق شەكىللىنىشىكە چاقرىق قىلىدىغان، دەسلەپكى كۈنلىرى رەھمەت، ئوتتۇرىسى مەغپىرەت ئېلىپ كېلىدىغان، ئاخىرىقى 10 كۈنى دوۋزاخ ئوتتىن ساقلايدىغان  بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ روزا تۇتۇش، تاراۋى ئوقۇش، دىنى سۆھبەت ۋە قۇرئان تىلاۋەت قىلىش دېگەنگە ئوخشاش ئىبادەتلەر بىلەن مەشغۇل بولماقتا.

مۇبارەك رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ئىپتار زىياپىتى بېرىلدى، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا شېھىت بولغانلار ياد ئېتىلدى، شېھىتلەرنىڭ روھىغا دۇئا ئوقۇلدى.

زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىسى ئىچىدىكى چوڭ مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىپتار زىياپىتىگە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر – ئايال بولۇپ 1000 غا يېقىن كىشى قەدەم تەشرىپ قىلدى.

ھەم ئىپتار زىياپىتى ھەم ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۈرمىگە قامالغان ۋە  شېھىت بولغان قېرىنداشلارنى خاتىرلەش،  روھىغا دۇئا قىلىش يىغىنىدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن ئىپتار زىياپىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلغانلارنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، ئاندىن كېيىن رامىزان ئېيىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە شېھىت بولغانلارنى،  تۈرمىگە قامالغانلارنى خاتىرلدى ۋە دۇئا قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېغىر زۇلۇم قىلىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە خىتاي 350 قېرىندىشىمىزنى شېھىت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلار ئۆزىمىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، دۇنياغا كېلىشتىكى غايە – مەقسەتلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك، مەيلى دۇئا بىلەن بولسۇن مەيلى ئەمەلىيىتىمىز بىلەن بولسۇن ھەر زامان ئاجىز مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەم دۇئا ھەم سۆز – ھەرىكەت ھەم ئەمەلىيىتىمىز ئارقىلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

كېيىن جەمئىيەتنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ رامىزاننىڭ ئەھميىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئىپتار زىياپىتىنى تەشكىلىگەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىگە ۋە ئىپتارغا قەدەم تەشرىپ قىلغان ئەر – ئايال پۈتۈن ھەمشەھەرلەرگە تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئىپتار زىياپىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ جەم بولۇش ئارقىلىق قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بۇ ئىپتار زىياپىتى قارىماققا ئىپتار قىلىپ تارقىلىپ كېتىدىغان بىر سورۇندەك ھېس قىلىنغان بىلەن ئەمەلىيەتتە، ئايلارچە ھەتتا يىللارچە ئۇچرىشالمىغان قېرىنداشلار بىر ئورۇنغا جەم بولدۇق، ھەمنەپەس بولدۇق، دىدار كۆرۈشتۇق، دىدار غەنىمەت، پۇرسەت غەنىمەت قېرىنداشلىرىم، مۇشۇ ئارقىلىق ئۆز- ئارا قېرىنداشلىك كۈچىيىدۇ، بۇنىڭ نۇرغۇن پايدىلىق، ھېكمەتلىك تەرەپلىرى بار، ئۆز – ئارا مۇشۇنڭىغا ئوخشاش مۇناسىۋەتلەر بىلەن پات – پات ئۇچرىشىپ تۇرۇشىمىز لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىز ھەر زامان باشقا قېرىنداشلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان بىر روھقا ئىگە بولىشىمىز كېرەك.

ئاخىرىدا پىشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات ئابدۇلقادىر ياپچاننىڭ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشى بىلەن پۈتۈن ئىپتار ئەھلى شەرقىي تۈركىستاندا تۈرمىگە قامالغان، قاراڭغۇ زىندانلاردا ئىڭراۋاتقان ۋە  شېھىت بولغان قېرىنداشلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

istanbulda iftar2 Abdulhakimhan Mahsumhajim sozde Hidayetulla Oguzhan sozde istanbulda iftar3 istanbulda iftar4

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئارسلان خەۋىرى

About admin

Leave a Reply