دوكتور ئەركىن ئەكرەم: خىتاينىڭ ئەتراپى تىنچ ئەمەس، خىتايدا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت

«ئىستراتېگىيە تەتقىقاتىدا خاتا چۈشىنىۋېلىش» دېگەن تېمىدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن لېكسىيە بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم، خىتاينىڭ ئەتراپىنىڭ تىنچ ئەمەسلىكىنى ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىدە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم ئىستراتېگىيە – تەتقىقاتى توغرىسىدا لېكسىيە بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2012 ‏- يىلى 11 ‏- ئاينىڭ 10 ‏- كۈنى «ئىستراتېگىيە تەتقىقاتىدا خاتا چۈشىنىۋېلىش» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ يىغىندا ئەنقەرەدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم لېكسىيە بەردى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ئەر رىياسەتچىلىك قىلدى. 

بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلاردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە ھەر قانداق بىر مەسىلە ئۈستىدە بىر خىل چۈشەنمەستىن ھەر تەرەپلىمە چۈشىنىش كېرەكلىكىنى، بىرلا تەرەپتىن چۈشىنىپ يەكۈن چىقارغان تەقدىردە خاتا چۈشەنچە پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە مەسىلىلەرگە بىر خىل نۇقتىئىنەزەردىن قاراشنىڭ مەسىلىلەرنى چۈشىنىشتە توغرا بولمايدىغانلىقىنى، خاتا چۈشىنىۋېلىشنىڭ خاتا ھەرىكەت قىلىشقا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى، خاتا ھەرىكەتنىڭ چوقۇم زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ۋە بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم، بىر تال ئالمىنى تۆت تەرەپتىن كەسكەندە تۆت خىل كۆرۈنىدىغانلىقىنى مىسال كۆرسىتىپ مەسىلىلەرگىمۇ تۆت تەرەپتىن قاراشنىڭ تۆت خىل چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

2 سائەت داۋام قىلغان بۇ يىغىننىڭ ئاخىرىدا يىغىن ئەھلى دوكتور ئەركىن ئەكرەمدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتايدىكى سىياسىي ۋەزىيەت شۇنداقلا ئەرەب باھارى ھەرىكىتى، ئاسىيا- تىنچ ئوكياندىكى داۋالغۇشلار، خىتاينىڭ قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ ئەمەلدارلارنىڭ ئالمىشىشى ۋە دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدا – زىيانلىرى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا تەپسىلىي جاۋاب بەردى.

بۇ قېتىمقى يىغىن 5- قېتىملىق لېكسىيە بېرىش يىغىنى بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلاردا دوكتور ئەركىن ئەكرەم، «ئىستراتېگىيە دېگەن نېمە؟ ئىستراتېگىيىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيىنىڭ سىياسەت بەلگىلەشتىكى ئورنى»، «ئىستراتېگىيە ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى»، «خىتاي ئىستىخبارات تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتا پائالىيەتلىرى» دېگەن تېمىلاردا توختالغان ئىدى.

بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا ئىنكاسلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئۇيغۇر ياشلاردىن مەمەتتۇرسۇن ئەپەندىنىڭ بۇ يىغىن توغرىسىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئاۋازلىق پروگراممىسىنى بۇ يەدىن ئاڭلاڭ

About admin