20 مىڭ كىشى قاتناشقان يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

10489892_702674723133788_8885366204287284286_n

جەمئىيىتىمىز رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى

20 مىڭ كىشى قاتناشقان يىغىندا شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ پارتىيىلىرىدىن بىرى بولغان سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ئاياسوفىيا مەيدانىدا، زۇلۇمغا سۈكۈت قىلمايلى، شەرقىي تۈركسىتان ۋە پەلەسىتىنلىك مەزلۇملار ئۈچۈن تەك يۈرەك بولايلى دېگەن مەزمۇندا بىر يىغىن ئويۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىنغا 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇل ۋە ئەزالىرى شۇنداقلا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. 

يىغىندا سائادەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇستافا كامالئاق ئەپەندى، شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، پەلەستىن ۋە مىسىر ۋەكىللىرى مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلدى.

مۇستافا كامالئاق ئەپەندى سۆزىدە: قېرىنداشلىرىم!  بۈگۈن ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان، زالىم ئىسرائىلىيىگە ھەددىنى بىلدۈردىغان، پۈتۈن زالىملارغا قارشى مەرتلەرچە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان كۈندۇر، دېدى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزگە چىقتى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە ئالدى بىلەن بۇ يىغىننى ئويۇشتۇرغان ۋە مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئونۇتماستىن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان سائادەت پارتىيىسى رەھبەرلىرىگە تەشەككۈر ئېيتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئاڭلىتىپ، بىر ئاي ئىچىدە ئىشغالچى خىتاي دائىرلرى شەرقىي تۈركسىتاندا ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۆھمەت چاپلاپ نەچچە مىڭلىغان كىشىنى تۈرمىگە قامىغانلىقىنى ۋە 312 كىشىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمى سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركسىتاندا گەرچە ئۇرۇش بولمىغان بولسىمۇ ئۇرۇش يۈز بېرىۋاتقان دۆلەت ۋە رايونلاردىكىدىن كۆپرەك كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە تۈركىيە ۋە خەلقئارا جامائەت ئاممىسىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمغا دىققەت بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.

ئاخىرىدا پۈتۈن يىغىن ئەھلى شەرقىي تۈركىستان، پەلەستىن ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلدى ئىپتاردىن كېيىن ئۆيلىرىگە تارقىدى.

سائادەت پارتىيىسى تۈركىيىنىڭ مەشھۇر سىياسىيونى مەرھۇم پروفېسسۇر نەجمىددىن ئەرباكان تەرىپىدىن قۇرۇلغان تۈركىيىدىكى دىنى ئېتىقادىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قۇللىشى بىلەن پائالىيەت قىلىدىغان چوڭ بىر سىياسى پارتىيە بولۇپ، بۇ پارتىيە ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەندە 2009 – يىلى 12 – ئىيۇل كۈنى ئىستانبۇلنىڭ چاغلىيان مەيدانىدا نەچچە يۈز مىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن چوڭ بىر يىغىن ئاچتى ۋە خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 12 تۈرلۈك تەكلىپ سۇنغان ئىدى. 

10308395_10152606178275229_5997887323443241696_n 10464228_10152606178270229_7305450362991597243_n

 IMG_2590 IMG_2605 IMG_2618 IMG_2620

About admin

Leave a Reply