6- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى رەسمى باشلاندى

10574482_720242554678321_8930765530548837420_n

دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستانبۇلدا جەم بولۇشى بىلەن 6- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى رەسمى باشلاندى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ 6 – قېتىملىقى بۇ يىل 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئىستانبۇلدا رەسمى باشلاندى.

دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئىلمى تەتقىقاتچىلار، دوكتۇر- پروفېسسورلار، تەشكىلات رەھبەرلىرى، زىيالىلار ، ئەھلى-ئىلمى ئۆلىمالار ۋە ئۇيغۇرلار جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.

بۇ يىللىق دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ ئاساسى تېمىسى شەرقى تۈركىستان خەلقى دۇچ كىلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارە-تەدبىرلىرى بولۇپ، يىغىنغا دۇنيانىڭ ھەر قايسىى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى ۋە تۈركىيە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ھەمشەھەرلەردىن بولۇپ 1000 غا يېقىن كىشى قاتناشتى.

يىغىنغا ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتى مەسئۇللىرىدىن يۇسۇف ئۆجەلان ئەپەندىم رىياسەتچىلىك قىلدى، ئۇ يىغىن ئەھلىگە شەرقى تۈركىستان تارىخى ۋە دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.

يىغىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى، قۇرئان تىلاۋىتىنى شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ سافا كۆي شۆبە رەئىسى ئەنۋەر قارىم قىلدى.

يىغىندا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە 6- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى غا قەدەم تەشرىپ قىلغان ۋە بۇ يىغىننى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن بارلىق مېھمانلارغا جەمئىيەت نامىدا تەشەككۈر ئېيتىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، شەرقى تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان زۇلۇم-ئىسكەنجە ۋە ئۇمۇمى قەتلىئاملار ھەققىدە توختالدى ۋە بۇ يىل 28- ئىيۇل كۈنى قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيىسى ئېلىقۇش ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەھشى قەتلىئاملارغا قارشى بۈگۈن 2- ئاۋغۇست شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىستانبۇل سارىيەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە بايانات ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە بۇ ۋەقەلەردە شېھىت بولغان قېرىنداشلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، مەغپىرەت ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە غەلىبە يار بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە، ئىشغالچى خىتاي كومۇنىست دائىرىلىرىنىڭ يىللاردىن بىرى شەرقى تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، ئوتتۇرا شەرقتە ۋەھشى زۇلۇمغا ئۇچرىۋاتقان پەلەستىن بولسا، شەرقتە ئەڭ ۋەھشىلەرچە ئىزىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستاننىڭ بارلىقى، شەرقى تۈركىستان خەلقى دۇچ كىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە قەتلىئاملارنىڭ ئۆتكەن ھەر كۈنى تېخىمۇ ۋەھشىلەشكەن ھالدا ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈردى ۋە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى بۇ يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا قايتا رەھمىتىنى بىلدۈردى.

كىيىن زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن ئەپەندى سۆز قىلدى، ئۇ سۆزىدە شەرقى تۈركىستاندا توختىماي قان تۆكۈلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەر خىل بېسىم ۋە زۇلۇملارغا دۇچار بولىۋاتقانلىقى، جانابى ئاللاھنىڭ بەندىسىنىڭ زۇلۇمغا دۇچار بولۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، لېكىن ئۆزىمىزنىڭ رولىمىزنى جايىدا جارى قىلماستىن زۇلۇمغا دۇچار بولىۋاتقانلىقىمىزنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپلىق ئويلىنىپ ياخشى تىرىشىمىز كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ يەنە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمى ھەققىدە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلىنىپ،  خىتاي قاتارلىق زالىم ۋە جاھانگىر كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى نامزاتلىقىدا ئۇتۇپ چىقىشىغا دۇئا قىلىنىشىنى ۋە قوللىنىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ ئاخىردا شەرقى تۈركىستاندا ، غەززىدە ئىزىلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىغا رەھمەت ۋە نۈسرەت تىلەش بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى.

كىيىن زەيتىنبۇرنۇ ھاكىمى ئۇپۇق سەچىلمىش ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە دۇنيادا ئىزىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىگە ئىرىشىشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كۈچلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە- نۆۋەتلىك شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرنداشلار يىغىنىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلىدى.

يىغىندا يەنە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتيىسىنىڭ ئىستانبۇل مىللەت ۋەكىلى ئوسمان ئاشقىنباق ئەپەندى سۆز قىلدى، ئۇ سۆزىدە، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىزىلىۋاتقانلىقى، شەرقى تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇملىرىنى يېقىندىن كۈزىتىپ كىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ زۇلۇملارغا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ كۈچلىنىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيەنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيە باش مىنستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ قوللىنىشى كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر دائىم بىرلىك ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىيىن شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال تەشۋىقات مەركىزى تەرىپىدىن ھازىرلانغان شەرقى تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە ۋەزىيەتلىرى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم يىغىن ئەھلىنىڭ دېققىتىگە سۇنۇلدى.

كىيىن شەرقى تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ئاي –يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا سەھنىگە چىققان شەرقى تۈركىستانلىق كىچىك ئۆسمۈرلەر ئاللاھ بىر، پەيغەمبىرىمىز بىر ناملىق ئىسلامى شېئىرغا تەڭكەش قىلىپ يىغىننىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ جاللاندۇرۋەتتى.

كىيىن زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلياس ساقا ئەپەندى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى، ئۇ سۆزىدە شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، شەرقى تۈركىستان ۋە شەرقى تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى، شەرقى تۈركسىتاننىڭ ھامان بىر كۈنى ئەركىنلىكىگە ئىرىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تومتۈرۈك ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە 6- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ ئالدىدا ، رامىزاننىڭ ئاخىرلىرىدا شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى تۇنجى قىرغىنچىلىقى ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى دىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنى شەرقى تۈركىستاندا ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقى سەۋەپلىك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى، بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن شەرقى تۈركىستاندىن چەتئەلگە ئەمەس، چەتئەلدىن شەرقى تۈركىستانغا قانداق ھىجرەت قىلىشنىڭ يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيەگە كەلگەن شەرقى تۈركىستانلىقلاردىن تۈركىيەگە ھېچقانداق بىر زىيان كەلمەيدىغانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

كىيىن سەئۇدى ئەرەبىستان، شىۋىتسىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە، گىرمانىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى ۋە تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم مۇنبەرگە چىقىپ سۆز قىلدى.

يىغىندا يەنە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، مۇئاۋىن رەئىسى بۇلەنت ئارىنچ ۋە باشقا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى كابىنت ئەزالىرى ۋە سىياسىي پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ 6- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقى تۈركستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنى تەبرىكلەپ ۋە بۇ يىغىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ يوللىغان تېلېگىرافلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

يىغىن رىياسەتچىسى يۇسۇف ئۆجەلان ئەپەندىنىڭ تەسىرلىك دۇئاسى بىلەن 6- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقى تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشتى. يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئەھلىگە رۇزى ھېيتلىق ھېيتلىشىش زىياپىتى بىرىلدى.

About admin

Leave a Reply