تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى

fft256_mf4235749

28 – ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى يەكەننىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى خىتاينىڭ قانلىق باستۇرغانلىقىغا غەزەپ – نەپرەتلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ۋە ئاخبارات ئېلىش قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە باش مىنىستىر ئەردۇغاننى، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىگە يەكەن ۋەقەسى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىش ئۈچۈن ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىسىنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە چاقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

  نامايىشچىلار نامىدىن بايانات ئېلان قىلغان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» باشلىقى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان: «ئوتتۇرا شەرقتە بىر ئىسىرائىلىيە بار دېيىلسە، شەرقتىمۇ بىر خىتاي بار. ئوتتۇرا شەرقتە بىر پەلەستىن بولسا، شەرقتە شەرقىي تۈركىستان بار. بىز ئىنسانىيەتنىڭ ھەر ئىككىسىگە ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىمىز. خىتاي يەكەن ناھىيەسىدە قەتلىئام يۈرگۈزدى. قولىمىزدا ئۆلگەنلەر سانى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بولمىغانلىقى ئۈچۈن مىڭلارچە دېيىلگەن ساننى يۈزلەرچە دېيىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز» دېدى.

شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرى نام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە رەھبەرلىرى قاتناشتى. بۇ نامايىشقا يەنە ئالپەرەن ئوجاقلىرى، ئۈلكۈ ئوجاقلىرى، تۈرك ئوجاقلىرى، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى، ئىنسان مەدەنىيەت ھەرىكىتى، خەلقئارالىق تۈركىستانلىقلار  ھەمكارلىق جەمئىيىتى، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى، سائادەت پارتىيسى زەيتىنبۇرنۇ  شۆبىسى بولۇپ كۆپ ساندا سىياسىي پارتىيلەر ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى شۇنداقلا ئەنقەرە، قەيسىرى، ئىستانبۇلدىن كەلگەن كۆپ ساندا  ئۇيغۇرلار نامايىشنى قوللاپ قاتناشتى.

بۇ نامايىشقا يەنە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 6- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستاندىن كەلگەن مېھمانلارمۇ قاتناشتى.

نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈرك بايراقلىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسۇلخاسىنىڭ ئالدىدا، ھەق ھوقۇق ئادالەت شەرقىي تۈركىستانغا ھۆررىيەت. ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت. تۈركىيە ئوخلىما شەرقىي تۈركىستان ئىگە چىق!، دېگەنگە ئوخشاش شۇئارلار توۋلىدى.

نامايىشقا كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت مۇخبىرلىرىمۇ كەلگەن بولۇپ خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرىگە ۋاكالەتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلدى.

سېيىت تۇمتۈرك سۆزىدە يەكەن ناھىيىسىنىڭ خاڭدى ۋە ئېلىشقۇ يېزىلىرىدا خىتاينىڭ چوڭ بىر قەتلىئام يۈرگۈزگەنلىكىنى، تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا 3000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەمما نەچچە يۈز كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېنىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. رامىزاننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنىلىرى يەنى قەدىر كېچىسىدە ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن توپلانغان 30 ئايالنى ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن مەھەلىنىڭ جامائىتى ئىمامنىڭ يول باشلىشى بىلەن يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلغانلىقىنى، خىتاي ساقچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن ئوق چىقىرىپ جامائەتنى تارقىتىشقا ئورۇنغانلىقىنى كېيىن ۋەقەنىڭ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئېلشقۇ يېزىسىنىڭ 15- 16- 17 – كەنتلىرىدە ئەر – ئايال كىچىك بالىلارنى ئايرىمىستىن ھەممىسىگە قاراقۇيۇق ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ھازىرمۇ يەكەندە ھەربىي ھالەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ۋە تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاننى بۇ ۋەقەگە جىددى كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخانمۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەگە كۆڭۈل بۆلۈشكە، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنى چاقىرىتىپ بۇ ھەقتە چۈشەنچە تەلەپ قىلىشقا چاقىرىق قىلدى ۋە بۇ مەسىلىدە دەرھال بىر قەدەم بېسىشقا دەۋەت قىلدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە سىيىت تۇمتۈرك سۆزلىرىدە ئوخشاشلا، باشتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى ، خەلقئارا جامائەتنى، ب د ت نى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۆل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى ۋە يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئايدىڭلىتىشقا شۇنداقلا خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە قەتلىئامنى توختىتىش ئۈچۈن قەدەم بېسىشنى تەلەپ قىلدى.

نامايىش جەرىيانىدا بىر گۇرۇپ ئۇيغۇر ئەمەس كىشىلەر، خىتاي، روسىيە، ئامېرىكا، ئىسرائلىيە ۋە ئەنگىلىيە بايراقلىرىنى كۆيدۈرۈشكە ئورۇنغان بولۇپ، نامايىشنى تەشكىللىگۈچى شەرقىي تۈركىستان مۇنبىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇ  كشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى بايراقنى تارتىۋالدى ۋە  خىتاي بايرىقىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ بايراقلىرىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشىگە روخسەت قىلمىدى.

About admin

Leave a Reply