6 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق يىغىنىنىڭ كامپ پروگراممىسى باشلاندى

6785

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ 6 – قېتىملىقى بۇ يىل 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى ئىستانبۇلدا رەسمى باشلاندى. 

يىغىننىڭ كامپ دالا پروگراممىسى بۈگۈن ئەتتىگەن سائەت 9 :00 دا باشلاندى. يىغىنغا جەمئىيەت ئىدارە ھەيئەت مەسئۇللىرىدىن ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ سافاكۆي شۆبە رەئىسى ئەنۋەر قارىم قۇرئان تىلاۋەت قىلدى. يىغىندا جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنىڭ كۈن تەرتىپى بىزنىڭ خىزمەت – پىلان لايىھەلەرىمىزنىڭ سىرتىدا كېتىۋاتىدۇ، ۋەزىيەت تىز ئۆزگۈرىۋاتىدۇ، بىز ئارقىدا قېلىۋاتىمىز. ھەر ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل بىر مەركىزى ئاپپارات ئورگان بولۇشى شەرت. داۋانى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن بىلىم دانىشمەنلەرنىڭ كۆپ بولۇشى، ئۇلارنىڭ پىكىر – تەپەككۇرلىرى خەلق تەرەپتىن ئېتىبارىغا ئېلىشى كېرەك. مىسال ئالىدىغان بولساق، ئۇرۇشنى مۇسۇلمانلار قىلىۋاتىدۇ، نەتىجىسى باشقا يەرگە كېتىۋاتىدۇ، نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار مەغلۇبىيەت بىلەن ئۆتىدۇ؟ بۇنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ چىقىش كېرەك.

6784

65 يىلدىن بۇيان زۇلۇم چېكىۋاتقان خەلقىمىز ئازادلىق ئۈچۈن ھەر ساھەدە قارشىلىش كېرەك، قۇراللىق، سىياسىي، دىپلوماتىيە ساھەلەردە مەيدانغا چىقىشىمىز كېرەك بولىدۇ. قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن بوشلۇق ساھەلەر بار، سىياسىي،  ئىستىراتىگيە، تەتقىقات جەھەتلەردە خىزمەت قىلىدىغان يېتىشكەن ئىنسانلىرىمىز يوق دىيەرلىك. بۇ ساھەلەر بوشلۇق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. 

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقى نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر توغرىسىدا توختالدى. 

دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 

086651733224273

خەلقىمىز، دۈچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم تەھدىتلەرنىڭ بىرى، يۇقىرى سەۋىيىلىك كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ئۆز خەلقىگە جانىجان كۈيىنىدىغان بارلىقىنى خەلقىمىز ئۈچۈن بېغىشلايدىغان بىر سىياسىي ئورگاننىڭ تەسىس قىلىشى كېرەك. بۇ خىل سىياسىي ئورگان ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا يوق.

يۇقىرى سەۋىيىلىك ئوقۇغان، بىر قانچە تىل بىلىدىغان بىلىملىك كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر سىياسىي ئورگانغا ئېھتىياجىمىز بار.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇجاھىدلار قوشۇنىغا ئېھتىياجى بار، ئەسكىرى كۈچكە، جىھادى كۈچكە ئىگە بولمىغان سىياسىي تەشكىلاتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز يەنى سىياىسي تەشكىلات ۋە جىھادىي ھەرىكەت بىر – بىرى بىلەن زېچ مۇناسىۋەتلىك، مىسال ئالىدىغان بولساق مىسىردىكى مۇسۇلمانلار قېرىنداشلار تەشكىلاتى سىياسىي جەھەتتىن غەلبە قىلدى، مۇجاھىد ئەسكىرى قوشۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن قولىغا كەلگەن ھاكىمىيەتتىن ئايرىلىپ قالدى. بۇ بىزنىڭ كۈز ئالدىمىزدىكى رىئالللىق. بىزنىىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى جەڭگىۋار بىر قوشۇنغا ئېھتىياجى بار، شەرقىي تۈركىستان خەلقى، سىياسىي بىرو رولىنى جارۇ قىلدۇرىسا، تىېرورچى تەشكىلات دېگەن قالپاقنى كەيمەستىن يۈرگۈزۈشكە بولىدۇ، ھاماس تەشكىلاتى مىسال بولالايدۇ، ھاماس نىڭ ھەم سىياسىي ھەم ئەسكىرى جىھادىي ھەرىكەت كۈچى بار.

سىياسى كۈچى بار ئەسكىرى كۈچى بولمىغان سىياسى ھەرىكەتتىن نەتىجە چىقمايدۇ، تىبەت ئۈلگە بولىدۇ.

سىياسى كۈچى بولۇپ ئەسكىرى كۈچى بولمىغان، ئەسكىرى كۈچى بولۇپ سىياسىي كۈچى بولمىغان ھەرىكەتتىن نەتىجە چىقمايدۇ، ھاماس تەشكىلاتى ۋە تىبەت ئۈلگە بولىدۇ.

تەشۋىقات ئورگان قۇرۇشقا ئېھتىياجىلىق

ئىقىسىادى كىرىم ھاسىل قىلىش مەنبەگە ئېھتىياجلىق

زىيالىلارنىڭ رولىنىڭ جارى بولماسىلىقى، شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ مەسىلىلىرىنىڭ ھەل بولۇشىنىڭ توسالغۇ بولىۋاتىدۇ. زىيالىلار ساھەسى يولباشچى بولۇشى كېرەك، زىيالىلار سىياسىي، ئىستىراتېگىيە ۋە ئەسكىرى ساھەدە پىلان – لايىھە تۈزۈش كېرەك ئىدى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى بىرسى، دىنى زىيالىلار بىلەن پەننى زىيالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قويۇق مۇناسىۋەت يوق. دىنى زىيالىلارنىڭ بىر قىسمى مەلۇم دىنى بىلىملەرنى يادىلاش، دىنى دەۋەت دىنى تەلىم بىلەن چەكلىنىپ قالدى. پەننى زىيالىلار دىنى زىيالىلارنى قالاق دەيدۇ، دىنى زىيالىلار پەننى زىيالىلارنى پاسىق ناماز ئوقۇمايدۇ دەپ ئەيبلەيدۇ.

بىزدىكى ئىتتىپاقسىزلىق، جەمئىيەتلەر ئارىسىدا، تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا،خەلق ئوتتۇرىسىدا زېچ ئىتتىپاقلىىشىشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتايدىن ئىبارەت دۈشمەننى چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىش.

دۇنيا مەنپەئەتىگە بېرىلىپ كېتىش. دۇنيا مەنپەئەتى مال دۇنيا ئەمەس، ھوقۇقپەرەسلىك، شۆھرەتپەرەشلىك، رىياخورلۇق ئىللەتلەردىن خالى بولالماي، ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك مەنپەئەتنى ئاساس ئورۇنغا قويۇپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەنپەئتىنى تاشلاپ قويىۋاتىمىز.

شەرقي تۈركىستان خەلقىنى تەھدىتلەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ يۇرقىدىكى 7 تۈرلۈك ئىشنى ھەل قىلالىساق ئاندىن بىز غەلبىگە ئېرىشەلەيمىز، ئاچا – سىڭىللىرىمىزنى قۇتۇلدۇرالايمىز. ھەممىمىز مۇشۇ نوقتىدا ئورتاق ئويلىنىپ چىقىشىمىز كېرەك. 

بۈگۈنكى يىغىندا يەنە دوكتۇر ئاتائۇللاھ شەھيار ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارە ئۇسۇللىرى دېگەن تمېىدا توختلىپ مۇنداق دېدى: 

مەسىىلەردە بىرلەشەلمىگەنلىكىمىزنىڭ ئاساسىي ئامىلى، دىننى توغرا شەكىلدە قوبۇل قىلىش ۋە توغرا شەكىلدە چۈشىنىش، دىنى ئېتىقادىمىزنى دىنى چۈشەنچىمىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىش كېرەك.

تارىخىمىزغا قارايدىغان بولسا، خىتاي 1982 – يىلىغىچە خىتاي ئىسلام دىنىنى يوقىتىشقا ئورۇندى ئەمما مەغلۇپ بولدى، كېيىن شۇنى چۈشەندىكى بىز بۇ دىننى يوق قىلالمىدۇق، ئەڭ ئازىدىن بۇ دىننى ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەت ئۈچۈن پايدىلايلى دەپ بۇنىڭغا ئورنىۋاتىدۇ.

ھازىر تەسىس قىلىنغان ئىسلام جەمئىيىتى ۋە مەدرىسلەر خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇرۇلغان ئورگانلاردۇر. 

6786

دىنى ئالىم ئابدۇلخېلىل ھاجىم

ئەخلاقىي بۇزغۇنچىلىق جىھەتتىكى تەھدىتلىرى

خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلامىي ئەخلاق ئىڭىنى بۇزۇش، سۇسلاشتۇرۇش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قولدىن كېلىشىچە ھەركەت قىلىپ كەلدى. دىن خەلقنىڭ ئەپيۇنى، ئىسلام ئىلىم ۋە تەرەققىياتقا قارشى، دىن قالاقلىق، ئەسەبىيلىك ۋە خۇراپاتتۇر، دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن خەلقىمىزنى زەھەرلەپ كەلمەكتە.  دىنىي كىتاپ، ماقالە ۋە ژورناللارنىڭ بېسىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى.

مائارىپتىكى تەھدىتلەر……. 

 مائارىپتىكى ئەخلاق تەربىيىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بىرى يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرچە مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتايچە مائارىپنى مەجبۇرى يولغا قويماقتا. بۇ ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ تەلىم تەربىيە ئىلىش ھەققى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى چەكلىمەكتە.

ئىبادەت ئەركىنلىكىگە تەھدىت قىلماقتا

 خىتاي ھاكىمىيىتى مۇقىملىقنى ساقلايمىز دېگەن باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىبادەت ئەركىنلىكىنى چەكلىمەكتە ۋە ئىغىر دەرىجىدە زەربە بەرمەكتە. خەلقىمىزنىڭ كىيىم كىچەك، يېمەك ئىچمەك ۋە يۈرۈش تۇرۇشىغىچە بولغان بارلىق ئىشلىرىنى نازارەت قىلماقتا. ئاللاھنىڭ ئەمىر پەرمانىنى ئورۇنلاش مەقسەتىدە يۈزلىرىنى نامەھرەمدىن ساقلىغان ئاياللار خەلىق ئالەم ئالدىدا شەرمەندە قىلىنماقتا، بۇ بىزنىڭ ئىپپەتلىك نومۇسچان ھايالىق ئانىلىرىمىزغا قىلىنغان ئەڭ ئىغىر ھاقارەتتۇر. پەيغەمبەربەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى ئىھيا قىلىش مەقسەتىدە ساقال قويغان يېگىتلىرىمىزنىڭ ساقاللىرى چۈشۈرۈۋىتىلمەكتە. قارشى چىققانلارغا تېرورىست مۇئامىلىسى قىلىنماقتا. ھەج ئىبادەتىنىڭ يولى توسۇپ قويۇلماقتا. دىنىي كىتاپلار قانۇنسىز كىتاپلار دەپ قارىلىپ مۇسادىرە قىلىنماقتا، مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا خەلقىمىزنىڭ قولىدىكى قانچىلىغان نادىر ئەسەرلەر ۋە بىبەھا بايلىقلىرىمىز ۋە تارىخى ئەسەرلىرىمىز يوق قىلىندى.

ئىسلامى ئەخلاقنى قالاقلىق دەپ تەشەببۇس قىلماقتا

 شەرقى تۈركىستاندا مىڭ يىللاردىن بىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان، قانچىلىغان بۈيۈك ئالىم ۋە ئەۋلىيالارنى يېتىشتۈرگەن، ھەمدە دۇنيا مەدەنىيىتىگە سان _ ساناقسىز تۆھپىلەرنى قوشقان ئىسلامى،  مىللىي، ئەنئەنىۋىي ئەخلاق قارىشىنى قالاقلىق  قاتارىدا تەشۋىق قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىۋاتقان بۇ سۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقتۇر. ئىسلام ئەخلاقىنىڭ نەقەدەر گۈزەل ئالىجاناپ ئىكەنلىكىنى غەيرى دىن ئەھلى ھەم تەن ئالماقتا، ئەمما خىتاي قولىدىكى ھاكىمىيەتتىن پايدىلىنىپ بۇنداق تۆھمەتلەرنى قىلىشقا جۈرئەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مېڭىسىنى زەھەرلىمەكتە.

مەدەنى كۆڭۈل ئىچىش مەركەزلىرى 

شەرقى تۈركىستاندا مەيخانا، قاۋاقخانا ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن ئىشرەت سورۇنلىرىنى مەيلىگە قويۇپ بېرىش ۋە بۇنداق سورۇنلارنى ئاچقانلارنى ئىچكى جىھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق خەلىق ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىكلەر چېكىش، ھاراق ئىچىش ۋە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا قەستەن شارائىت تۇغدۇرۇپ بەرمەكتە. بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىنى مەقسەت قىلماقتا. مەدەنى مەركەز جايلىرىنى ئىچىپ بېرىش ئارقىلىق خەلىقنىڭ ئىڭىنى بۇلغىماقتا.

تەشۋىقات- ئاخبارات  ۋاستىلىرىدىكى تەھدىتلەر    

 مېدىيا (تىلىۋىزور، تور) ۋاستىلىرىدىكى پۇروگىراممىلاردا دىنغا قارشى تەتۈر تەشۋىقاتلارنى توختىماستىن ئىلىپ بېرىشى ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ كۆپىيىشىگە يول ئاچماقتا، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىددىيەسىنى زەھەرلىمەكتە، ھەر خىل تەتۈر تەشۋىقاتلارنى تارقىتىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئىمانىنى سۇسلاشتۇرماقتا. دىنىي پۇروگىراممىلارنىڭ تەشۋىق قىلىنماسلىقمۇ، جەمىيەت ياشلىرىنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپ بولماقتا. دىنىي تەشۋىقاتلارنى قىلىشقا ئىنتىلگەنلەرگە كاتتا جازالارنىڭ بېرىلىشى ھەم سەلبى ئاقىبەتلەرنى ئىلىپ كەلمەكتە.

9 _ غەرىپلىشىشكە تەشەببۇس قىلىشتىكى تەھدىتلەر  

 غەرپلىشىش، مەدەنىيلىشىش نامىدا بولمىغۇر، ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى تەشۋىق قىلماقتا. ۋاھالەنكى غەرپنىڭ ھازىرقى كۈنلەرگە كېلىشىگە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قوشقان تۆھپىسى بىبەھادۇر. ئەسلىدە بىز مۇسۇلمانلار بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىگىلىرى ۋە ياراتقۇچىسىمىز. بۇنى قانچىلىغان غەرپ ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە بايان قىلىپ ئۆتكەن. ئەمما بىز بىر قانچە ئەسىردىن بىرى ئۆز ئارىمىزدا بۆلۈنۈش، تالاش _ تارتىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش نەتىجىسىدە مەدەنىيەت يارىتىش ۋە پەن _ تېخنىكىلارنى ئىجات قىلىش سالاھىيىتىمىزنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ غەپلەتتە قالدۇق. بىز بۇ قىلمىشىمىز بىلەن دىنىمىزغىمۇ خىيانەت قىلدۇق. چۈنكى بىزنىڭ دىنىمىز پەن تېخنىكا يارىتىشنى ئىبادەت دەرىجىسىگە كۆتەرگەندۇر.

يۇرتۋازلىق، مەزھەپچىلىك ۋە ئىچكى نىزانى كۈچەيتىش سىياسىتىدىكى تەھدىتلەر

خىتايلار ئۇزۇن يىللاردىن بىرى سەن ئۇيەرلىك، سەن بۇيەرلىك دەپ ئارىمىزغا _ ئىغۋالار تارقىتىپ، مىللىي قېرىنداشلىق روھىمىزغا  بۇزغۇنچىلىق سالدى. دىنىي مەزھەپچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئىچكى نىزا پەيدا قىلىش بىلەن، بىر بىرىمىزنى دۈشمەنلەشتۈرۈشكە ھەركەت قىلدى. بۇ ئارقىلىق مەلۇم نەتىجىگە ئىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما يىقىن يىللاردىن بىرى تارتىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئەۋىجگە چىققانلىق سەۋەبىدىن خەلقىمىز  خىتايدىن ياخشىلىق كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتى. شۇ سەۋەپتىن بىر _ جان، بىر _ تەن بولۇپ كېچە كۈندۈز مۇجادىلە قىلماقتا، ئەلۋەتتە بۇنىڭ سەمەرىسىنى بىر كۈن كۆرىدۇ. يۇرتىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا يېڭى مەزھەپلەرنى پەيدا قىلىپ ئارىمىزنى بۇزۇشقا ھەركەت قىلماقتا

بۇ تەھدىتلەرگە ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشنىڭ نەمۇنىلىرى

_ بۇ دىننىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا ئەستايىدىل قايتىشىمىز لازىم. ئەخلاق بار بولسا ئۈممەت بولىدۇ. ئەگەر ئەخلاق زاۋال تاپسا، ئۈممەت ھەم زاۋال تاپىدۇ. شۇنداق ئىكەن يالغۇز ئىسلام دىنىغا خاس بولغان ئالى ئەخلاققا قايتايلىك، شۇ چاغدا ئاللاھ يولىدىكى ھەقىقى ۋە سادىق بۇرادەرلىك بىزگە قايتىپ كېلىدۇ. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى بۇ دىننىڭ ئەخلاقىغا يەنى باشقا سۆز بىلەن ئېيتقاندا پەيغەمبەرلەر سەييىدى ئەخلاقىغا ئەستايىدىل قايتماي تۇرۇپ، نە بىرلىككە، نە ئىززەتكە، نە نۈسرەتكە ۋە نە غەلىبىگە ئېرىشىپ بولمايدۇ. بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىز مانا بۇ ئەخلاقنى ھاياتىمىزغا تەتبىق قىلغاندىن كىيىن  مۇسۇلمانلارنى مەزكۇر ئەخلاققا ھىكمەت ۋە گۈزەل پەند _ نەسىھەتلەر بىلەن چارلاشقا ھەركەت قىلىشىمىز كىرەك. 

About admin

Leave a Reply