قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار مۇھىم تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

086651733224273

يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىستىراتېگىيە ۋە ھەربىي ساھەلەردە بىر مەركىزى ئاپپاراتقا ئېھتىياجى بارلىقى، ھەر ساھە كۈچلەرنىڭ ئورتاق بىرلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى

 6 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىننىڭ كامپ دالا پروگراممىسى 4 – ئاۋغۇست ئەتتىگەن سائەت 09:00 دا باشلاندى. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىستىراتېگىيە ۋە ھەربىي ساھەلەردە بىر مەركىزى ئاپپاراتقا ئېھتىياجى بارلىقى، ھەر ساھە كۈچلەرنىڭ ئورتاق بىرلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

يىغىندا يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىجارەت شىركەت قۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەكلىپ – پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىنغا قەھرىمان ماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى جەھەتتە دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلىرى ۋە ھەل قىلىش چارە ئۇسۇللىرى دېگەن تېمىدا بولدى.

يىغىندا سۆز باشلىغان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، بۇ قېتىملىق دۇنيا شەرقىىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە غايە – مەقسەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان خەلقى نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان ئومۇمىي پاجىئەلەر ، تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل – چارىلىرى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا، مارمارا ئۇنىۋېرىستىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار، ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل چارىلىرى، دېگەن تېمىدا، فىنلاندىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئسى دوكتۇر مەمەتئېلى قارىم، دىنى ئەمەل – ئىبادەتكە قارىتا دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل چارىلىرى دېگەن تېمىدا، دىنى ئالىم ئابدۇلخېلىل ئابىت، ئەدەب – ئەخلاق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلەرگە قارىتا دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقى نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر توغرىسىدا توختالدى.

IMG_6571 IMG_6588

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقىمىز، دۈچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم تەھدىتلەرنىڭ بىرى، يۇقىرى سەۋىيىلىك كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان ئۆز خەلقىگە جانىجان كۈيىنىدىغان بارلىقىنى خەلقىمىز ئۈچۈن بېغىشلايدىغان بىر سىياسىي ئورگاننىڭ بولمىغانلىقىدۇر.  يۇقىرى سەۋىيىلىك ئوقۇغان، بىر قانچە تىل بىلىدىغان بىلىملىك كىشىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر سىياسىي ئورگانغا ئېھتىياجىمىز بار.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى كۈچ بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان بىر ئاپپاراتقا ئېھتىياجى بارلىقىنى بىلىدۈرۈپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان خەلقى خەلقئارالىق بىر سىياسىي ئورگانغا ئېھتىياجى بار، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر سىياسىي ئورگان ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالىسا، تىېرورچى تەشكىلات دېگەن قالپاقنى كەيمەستىن يۈرگۈزۈپ كېتەلەيدۇ. بۇنىڭغا پەلەستىننىڭ ھاماس تەشكىلاتى مىسال بولالايدۇ، ھاماس نىڭ ھەم سىياسىي ھەم ئەسكىرى ھەرىكەت قىلىدىغان كۈچى بار.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئۈچۈن ئىقتىسادىي كىرىم ھاسىل قىلىدىغان بىر مەنبەگە ئېھتىياجىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرىنىڭ دىنى زىيالىلار بىلەن پەننى زىيالىلار ئوتتۇرىسىدا قويۇق مۇناسىۋەتنىڭ يوقلۇقى، بۇلارنىڭ ئىتتىپاق ئىچىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل – چارىلىرى دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان مارمارا ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئاتاۋۇللاھ شەھيار مۇنداق دېدى: تارىخىمىزغا قارايدىغان بولسا، خىتاي 1982 – يىلىغىچە ئىسلام دىنىنى يوقىتىشقا ئورۇندى ئەمما مەغلۇپ بولدى. كېيىن دىندىن پايدىلىنىش، دىننى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلدى.  ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىنغان ئىسلام جەمئىيەتلىرى ۋە مەدرىسلەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەمەس خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇرۇلغان ئورگانلاردۇر.

يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى بۆلۈملىرىدە ئۆز – ئارا – پىكىر بايان قىلىش، مۇنازىرە قىلىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارنىڭ تېمىلار ئۈستىدە پىكىر بايان قىلدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى پىكىر – بايان قىلىپ ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم نوقتىلارنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن دەرھال قەدەم بېسىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە نۇرۋىگىيىدىن كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالى قۇربانجان ئەپەندى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كىرىم مەنبەسى ئۈچۈن تىجارى شېرىكەت قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

6 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى «شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارە – تەدبىرلىرى» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بولۇپ، 5 ئاساسىي چوڭ تېما ۋە ھەر بىر تېما 4 تىن تارماق تېمىدا ئىلمىي ماقالىلار ئوقۇپ ئۆتۈلىۋاتىدۇ.

دالا كامپ پروگراممىنىڭ 1 – كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى دۈچ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە – ئۇسۇللىرى، دېگەن تېمىدا 5 كىشى سۆز قىلدى.   2 – كۈنى ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەردىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە – ئۇسۇللىرى دېگەن تېمىدا، 3 – كۈنى ئاسسىمىلىياتسىيە، نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ھەل قىلىش چارە – ئۇسۇللىرى دېگەن تېمىدا. 4 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى تىل – يېزىق ۋە مائارىپ جەھەتتىكى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە ئۇسۇللىرى دېگەن تېمىدا، 5 – كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ – ئادەتلىرىگە  قارىتا دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە – ئۇسۇللىرى دېگەن تېمىلاردا سۆز بولۇپ، ئىلمىي ماقالىلار تەقدىم قىلىنىدۇ.

 يىغىن چۈشتىن بۇرۇن يۇقىرىدىكى تېمىلار بويىچە سۆز قىلىش، ئىلمىي ماقالە ئوقۇش بويىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ، چۈشتىن كېيىن بولسا چۈشتىن بۇرۇن تەقدىم قىلىنغان تېمىلار بويىچە سوئال – جاۋاپ، بەس – مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرى توغرىسىدا كېيىنكى پروگراممىدا مەلۇمات بېرىمىز.

About admin

Leave a Reply