مۇھىم ئۇچۇرلار

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل – چارىلىرى

6 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىندا سۆز قىلغان دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ، غايە – مەقسەتلىرىنى ئېنىق بەلگىلەش،  سىياسىي، ئىستىراتېگىيىلىك يول خەرىتىسىنى پىلانلاش،  تەشكىللىنىش ۋە ئەمەلىي خىزمەت قىلىش جەھەتلەردە دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىىلىلەر توغىرىسىدا توختالدى.

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنىنىڭ 3 – كۈنى يەنى 5 – ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنىدىكى يىغىندا، ئىچكى تاشقى كۈچلەردىن كېلىدىغان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل چارىلىرى دېگەن تېمىدا سۆز قىلىندى ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

Dr-Erkin-Ekrem2

يىغىندا ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرىستىتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم،  چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلەر ۋە ھەل چارىلىرى، دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر زىيالى ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل – چارىلىرى دېگەن تېمىدا، تۈركىيىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى پروفېسسۇر جالال ئەرباي، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا.  سەئۇدىي ئەرەبىستان جىددە شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىس ئەزاسى ئۇيغۇر دوكتۇر ئابدۇللاھ ئالىم، ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللىنىش ئاپاراتلىرى ۋە ئىدارە تۈزىمى، دېگەن تېمىدا. پەلەستىن ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى نەۋۋاب تەكرۇمى، پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسىنىڭ ئوخشاشلىقى ۋە پەرقلىق تەرەپلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

يىغىندا يەنە سوئال – سوراش، پىكىر – تەكلىپ بېرىش ۋە تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە قىلىش داۋام قىلىۋاتىدۇ.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم چەتئەللەردىكى تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ۋەتەن ئىچىدىكى پائالىيەتلەر بىلەن چەتئەللەردىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان پەرقلەرنى بىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئوخشىمايدىغان پەرقلىرىنى بىلىشى كېرەك. چۈنكى ۋەتەن ئىچىدىكى سىياسىي پائالىيەت خەلقنى قوزغايدىغان بىر ھەرىكەتتىن ئىبارەت. ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكەتلەرگە باشچىلىق قىلغانلارنىڭ ئورنى، مەيدانى، ھەرىكەتلىرى بىلەن چەتئەلدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئورنى، مەيدانى، ھەرىكەتلىرى ئوخشىمايدۇ، يەنى  باشقىچە بولىدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى پائالىيەتلەرگە تولۇق قاتناشمايدۇ، چەتئەللەردە پائالىيەتكە قاتناشقانلار ئۇيغۇرلار سەرخىللىرى بولۇپ،  ئۇيغۇرلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى. ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بەزى ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ داۋاسىنى قىلىش كېرەك. ئۇيغۇر تەشكىلاتلار شۇ دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سىياسىتىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كىرگۈزۈشى كېرەك. ئۇيغۇر مەسىلىسى تاشقى سىياسەتىگە كىرگۈزۈلگەن  تەقدىردە ئۇ دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتى شۇ بويىچە داۋام قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش، يەنى نامايىش قىلىش، يىغىن، مۇراسىم ئۇيۇشتۇرۇش ، ئاخبارات يىغىنى ئېچىش ئارقىلىق پۈتۈن ئۇسلۇبلار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا جامائەت پىكىر ى پەيدا قىلىش كېرەك. جامائەت پىكىرى شەكىللەنگەندىن كېيىن بۇ مەجلىسكە ۋە ھۆكۈمەتكە بېسىم بولىدۇ. ھۆكۈمەت جامائەت پىكىرى بىلەن ماڭىدىغان بولغاچقا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا شۇ دۆلەت خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدۇ. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار چوقۇم ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى لازىم.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بىر قانچە يولنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇ ھەقتىكى مىساللارنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: بىرىنجى ۋەتەن ئىچىدىكى كىشىلەر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋەتەننى ئازاد قىلىش. بۇ ئۇسۇل بىلەن ھەل بۇلۇپ قالغاندا ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلار مەنچە ھەرگىزمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى رەئىس ۋە مىنىستىر بولۇشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.

ئازادلىقنىڭ يەنە بىر ئۇسلۇبى بولسا، خەلقئارا جامائەت خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش ئارقلىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقىنى بېرىشكە مەجبۇر بولدى دەپ تەخمىن قىلىدىغان بولساق، خىتاي بېسىمغا چىدىيالماي شەرقىي تۈركىستاننى ئۇيغۇرلارغا بېرىۋېتىشنى خالىسا چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا نۇر بەكىرگە ئوخشاش ئۆزى يېتىشتۈرگەن، ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ئاندىن تاشلاپ چىقىدۇ، ئۇ ئادەملەرمۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى رەئىس ياكى مىنىستىر بولۇشقا تەكلىپ قىلمايدۇ.

ئۈچۈنچى خىل ئۇسلۇب بولسا مەسىلەن، خىتاي پارچىلىنىپ كەتتى دېگەندە، شەرقىي تۈركىستانمۇ ئايرىلپ چىقىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكىگە ئوخشاش ھازىرقى ھاكىمىيەت شۇ پىتى ساقلىنىپ قالىدۇ، مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدۇ. ئۇلارمۇ ھەرگىز چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى چاقىرمايدۇ. سىياسي مەنپەئەتكە كەلگەندە ھېچ كىم ھېچ كىمگە يول قويمايدۇ، سىياسەت قانسىز بىر جەڭ، جەڭ قانلىق بىر سىياسەت، دېيىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەللەردىكى رەھبەرلەر  ياكى كەلگۈسىدە شەرقىي تۈركىستاندا رەھبەر بولىمەن دەيدىغانلار چوقۇم پۈتۈنلەي پىداكارلىق بىلەن ئىشلىشى كېرەك. بىر ۋەتەن بىر مىللەت ئىشى، ئانا بالىغا كۆيۈنگەندەك بەدەلسىز ئىشلىشى لازىم.

چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىدۇ، بىر قىسىم تەشكىلاتلار ئاكتىپ بولسىمۇ بىر قىسىم تەشكىلاتلار پاسسىپ ھالدا تۇرماقتا. دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە خىزمەت – پائالىيەتلەردە ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىشنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار خىزمەت – پائالىيەتلەردە ئۆز – ئارا ھەمكارلىق قىلىشتا ئاجىز بولىۋاتقانلىقىنى يەنى پائالىيەتلەردە نەتىجە قازىنىشتا ئاجىز كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار بىر نىشان بىر غايە ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. ئوخشاش ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلاردىن ئوخشاش ۋاقىتتا ئاۋاز چىققاندا، نامايىش قىلىنغاندا، باياناتلار ئېلان قىلىنسا خەلقئارانىڭ دىققىتنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تارتقىلى بولىدۇ ۋە خىتايمۇ بۇنىڭدىن چۇچۇيدۇ.

ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە  تەشكىلاتلارنىڭ نىشانى ئوخشاش بولسىمۇ قوللانغان ئۇسلۇپ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى ۋە نىشان ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن تەشكىلاتلار بىرلەشمىگەن تەقدىردىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىشى لازىم، دېدى.

IMG_6613

 ئەركىن ئەكرەم، ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ غايە – نىشان ، پروگراممىلىرى ۋە يول خەرىتىلىرى تولۇق ئەمەس ۋە ياكى يازغان پروگراممىسى باشقىچە تۇتۇپ ماڭغان يولى باشقىچە بولغانلىقى ئۈچۈن چەتئەللىكلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەي كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار بىردەك نېمە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۇچۇق ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن 10 – 20 يىللىق پىلان تۈزىشى لازىم، دېدى.

ئەركىن ئەكرەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلارغا تەكلىپ پىكىر بېرىپ مۇنداق دېدى: چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار پائالىيەت قىلىدىغان سىياسەتلەرنى شەكىللەندۈرۈشى،  ئۇيغۇر داۋاسىغا ماس كېلىدىغان بىر سىياسەت بەلگىلىشى، تەشكىلاتلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇيۇق مۇناسىۋەت قىلىشى كېرەك. بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، بىرلىكتە بايانات بېرىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا كۈچ پەيدا قىلىدۇ، خىتايغا تەسىرى يەتكۈزىدۇ، تەسىر يەتمىسە قىلغان ئىشنىڭ مەناسى بولمايدۇ.

IMG_6659

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم ئورتاق ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا نەتىجە ئالالايدىغان ئىشلار ئۈستىدە پىكىر قىلىش ۋە ئەمەلىي خىزمەت قىلىشى،  تەشكىلاتنىڭ غايە- مەقسىتى ئېنىق بولۇشى، مىللەتنىڭ پايدا – مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان بىر غايە بولۇشى، غايىنى نىشانغا ئايلاندۇرۇش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىستىراتېگىيىلىك يول خەرىتە سىزىپ چىقىش كېرەكلىكى. بىر ئىدىيە يارىتىش، بۇ ئىدىيە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىنى ھاسىل قىلىدىغان خەلقئارا قوبۇل قىلىدىغان بىر ئىدىيە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى بۆلۈمىدە، خىتاي ئىستىخباراتىدىن كېلىدىغان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭغا قارىتا تەدبىرلەر دېگەن تېمىدا دوكىلات بەردى.

About admin

Leave a Reply