مۇھىم ئۇچۇرلار

6 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى مۇۋاپىيەتلىك ئاخىرلاشتى

6839

دالا كامپ پائالىيىتى 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل ئېچىلغان 6 – نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 گە يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر ھەپتە داۋام قىلغان بولۇپ  دالا كامپ پائالىيىتى 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

دالا كامپ پائالىيىتى ئاخرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان كامپ پائالىيىتىنىڭ خولاسە دوكىلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان خولاسە دوكىلاتىدا مۇنداق دېدى: ئەزىز مۆھتىرەم قېرىنداشلار! بىز بۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەردىن  21 تۈرلۈك چوڭ تەھدىت ئۈسىتىدە ئىلمىي دوكىلاتلار ئاڭلىدۇق، پىكىر بايان قىلىشتۇق، مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق. يەنى ھەر كىم يۇرىكىدىكى ئارزۇ – ئارمانلىرىنى مۇھىم پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ جەرىياندا شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەردىن قۇتۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسنى دۇنيانىڭ مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاننى  ئازاد قىلىش يولىدا نۇرغۇنلىغان بوشلۇقلارنىڭ تۇرىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش  بىزلەرنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چۈشىنىپ يەتتۇق.

خولاسە دوكىلاتتا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان  ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئەقلى، ۋاقتى، پىكىر – تەپەككۇرى، بىلىمى ۋە ئىقتىسادىي بىلەن داۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان ئازادلىقى بىزدىن شۇنى كۈتىۋاتىدۇكى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر كىم ئۆزىنىڭ، دىنى ئېتىقاد، مىللىي ئاڭ چۈشەنچىسى بويىچە، ئىنسانلىق، مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىنى تونۇپ، زۇلۇم ئاستىدا قالغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇستىگە كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنى يوق قىلىش ئۈچۈن ھەر كىم ئۆز – ئۆزىدىن مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟، مېنىڭ قولۇمدىن نېمە ئىش كېلىدۇ؟ دەپ سوئال سورىشى ۋە يۇقىرىدىكى نوقتىلارنى خىزمەت تەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىستىراگېىيە، تەتقىقات، تەشۋىقات، ئىقتىسادىي تىجارەت، تەشكىلات ساھەلەردە بىر كىشىلىك ۋەزىپە ئېلىشى ۋە بۇ ۋەزىپىنى ئۆزىنىڭ ئىمانىي بۇرچى، مىللىي داۋا يولىدىكى بىر ۋەزىپىسى دەپ بىلىشىدىن ئېبارەت.

 IMG_4205 IMG_4211 IMG_6570 IMG_6571 IMG_6588

شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى دۈچ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە – ئۇسۇللىرى،

دوكىلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى ئېتىقاد جەھەتتىكى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارە ئۇسۇللىرى توغرىسىدا توختىلىپ خىتاي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلارنى دىنى ئېتىقاد ۋە ئىسلامى ئەقىدىلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا ئورۇنۋاتقانلىقى بۇنىڭدا مەقسىتىگە يېتەلمەي مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن دىندىن پايدىلىنىش، دىننى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى، دىننى سۈيئىستىمال قىلىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىنغان ئىسلام جەمئىيەتلىرى ۋە مەدرىسلەر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەمەس بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

خىتاي دائىرلىرى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىسلامىي ئەخلاق ئىڭىنى بۇزۇش، سۇسلاشتۇرۇش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن قولدىن كېلىشىچە ھەركەت قىلىپ كەلدى. دىن خەلقنىڭ ئەپيۇنى، ئىسلام ئىلىم ۋە تەرەققىياتقا قارشى، دىن قالاقلىق، ئەسەبىيلىك ۋە خۇراپاتتۇر، دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن خەلقىمىزنى زەھەرلەپ كەلمەكتە.  دىنىي كىتاپ، ماقالە ۋە ژورناللارنىڭ بېسىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى.

دوكىلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: خىتايلار ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئارىمىزغا _  يۇرتۋازلىق ئىغۋالار تارقىتىپ، مىللىي قېرىنداشلىق روھىمىزغا  بۇزغۇنچىلىق سالدى. دىنىي مەزھەپچىلىك تۇغدۇرۇپ، ئىچكى نىزا پەيدا قىلىش بىلەن بىر بىرىمىزنى دۈشمەنلەشتۈرۈشكە ھەركەت قىلدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى پىكىر ئېقىم، يېڭى مەزھەپلەرنى پەيدا قىلىپ ئارىمىزنى بۇزۇشقا ھەركەت قىلماقتا. بۇ تەھدىتلەرگە ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ئىسلام دىننىڭ گۈزەل ئەخلاقىغا ئەستايىدىل قايتىشىمىز لازىم.

ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەردىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە – ئۇسۇللىرى

خولاسە دوكىلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ تەھدىتلىرىگە دۈچ كېلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ تەھدىتلەردىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەلىكى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى يولىدا يۇقىرى سەۋىيىلىك، ئۆز خەلقىگە جان – دىلى بىلەن كۈيىنىدىغان بارلىقىنى خەلقىمىز ئۈچۈن بېغىشلايدىغان، يۇقىرى سەۋىيىلىك بىر قانچە چەتئەل تىلى بىلىدىغان ئالىملاردىن تەركىپ تاپقان  بىر سىياسىي ئورگانغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. سىياسى ھەرىكەت ئومۇمىي ھەرىكەتنىڭ بىر پارچىسى، سىياسىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردە تەلىم تەربىيە، دەۋەت ۋە تەشۋىقات ئارقىلىق خىزمەت پائالىيەت قىلىش ئۈچۈن ساھەلەر بويىچە مۇتەخەسىسلەرنى يېتىشتۇرۇش، خەلق قوللايدىغان دۇنيا جامائىتى قوللايدىغان بىر شارائىت يارىتىش كېرەك.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرىنىڭ دىنى زىيالىلار بىلەن پەننى زىيالىلار ئوتتۇرىسىدا قويۇق مۇناسىۋەتنىڭ يوقلۇقى، بۇلارنىڭ ئىتتىپاق ئىچىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن قەدەم بېسىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

دوكىلاتتا يەنە، تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا قۇيۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىش، بىرلەشمىگەن تەقدىردىمۇ خىزمەت پائالىيەتلەردە ھەمكارلىشىش كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىر بېرىلدى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرۈشى، دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كىرگۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت – پائالىيەت قىلىشى، يىغىن، مۇراسىم ۋە نامايىش قىلىش، ئاخبارات يىغىنى ئېچىش ئارقىلىق جامائەت پىكىرى پەيدا قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار بىر نىشان بىر غايە ئۈچۈن ئورتاق ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى. دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلاردىن ئوخشاش ۋاقىتتا ئاۋاز چىققاندا، خەلقئارانىڭ دىققىتنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تارتقىلى بولىدىغانلىقى بۇنىڭدىن خىتاينى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ پايدا – مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان بىر غايە- مەقسەت بولۇشى، غايىنى نىشانغا ئايلاندۇرۇش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىستىراتېگىيىلىك يول خەرىتە سىزىپ چىقىش كېرەكلىكى. بىر ئىدىئولگىيە يارىتىش، بۇ ئىدىئولوگىيە ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىنى ھاسىل قىلىدىغان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان خەلقئارا قوبۇل قىلىدىغان بىر ئىدىئولوگىيە بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتا تەتۇر تەشۋىقات قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭغا قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار تەدبىر ئېلىش كېرەكلىكى كۈچلۈك بىر تەشۋىقات ئورگىنى قۇرۇلۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى تىل – يېزىق ۋە مائارىپ جەھەتتىكى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە ئۇسۇللىرى

دوكىلاتتائۇيغۇرلارنىڭ تىل – يېزىق ۋە مائارىپ جەھەتتىكى دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: مائارىپتىكى ئەخلاق تەربىيىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بىرى يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرچە مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتايچە مائارىپنى مەجبۇرى يولغا قويماقتا. بۇ ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ تەلىم تەربىيە ئىلىش ھوقۇقى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنى چەكلىمەكتە.تىل، ئىنسانلارنى ۋە تىلنى ياراتقان ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا بېرىلگەن ھەق ھوقۇقىدۇر، ھەر كىم ئۆز تىلىدا سۆزلەش ھوقۇقىغا ئىگە، ھېچ كىم ئۇنى ھەر قانداق سەۋەبلەر بىلەن توساش، چەكلەش ھوقۇقى بولمايدۇ.  بىر تىل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا، ئىلىم ساھەسىدە، مائارىپتا ئىشىلتىلمىسە ئۇ تىل ئۆزىنىڭ رولىنى يۇقىتىدۇ، ئۇيغۇر تىلىنى تەھدىتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ۋەزىپىمىز ئانا تىلدا مائارىپنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلام دۇنياسى، تۈرك دۇنياسىغا ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى كۆپلەپ ئاڭلىتىش كېرەك.  چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى جەمئىيەتلەر كۆپلەپ ئۇيغۇر تىلى كۇرسلىرى ئېچىش ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىلمىي شەكىلدە خەلقئارالاشتۇرۇش ئۈچۈن بىرەر ئۇنىۋېرىستىت تارمىقىدا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتى ئېچىشنى تەلەپ قىلىش. ھەر يىلى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى بولۇپ بۇ كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئورتاق بىر پائالىيەت قىلىش كېرەك.

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن  ئىستانبۇلدا خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى ئىنىستىتۇتى دېگەن نامدا مەكتەپ ئېچىش تەكلىپى بېرىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ – ئادەت ۋە ئەخلاقلىرىغا قارىتا دۈچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە ئۇسۇللىرى

شەرقى تۈركىستاندا مەيخانا، قاۋاقخانا ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن ئىشرەت سورۇنلىرىنى ئېچىشقا روخسەت قىلىش ۋە بۇ خىل سورۇنلارنى ئاچقانلارنى ئىچكى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئارقىلىق خەلق ئارىسىدا زەھەرلىك چېكىملىكلەر چېكىش، ھاراق ئىچىش ۋە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا قەستەن شارائىت تۇغدۇرۇپ بەرمەكتە. بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىنى مەقسەت قىلماقتا. ئەخلاقسىز ئورۇنلارنى ئېچىپ بېرىش ئارقىلىق خەلىقنىڭ ئەخلاقىنى ۋە ئىڭىنى بۇلغىماقتا. ئەخلاق بار بولسا ئۈممەت بولىدۇ. ئەگەر ئەخلاق زاۋال تاپسا، مىللەت ھەم زاۋال تاپىدۇ. شۇنداق ئىكەن ئىسلام دىنىغا خاس بولغان ئالى ئەخلاققا قايتىش كېرەك، بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىز مانا بۇ ئەخلاقنى ھاياتىمىزغا تەتبىق قىلىش بىلەن بىرگە ھىكمەت ۋە پەند _ نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئەخلاقلىق بولۇشقا دەۋەت قىلىشىمىز لازىم.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجرەت قىلىشى ۋە ۋەتەننى تاشلاپ كېتىش توغرىسىدىكى پىكىر – تەكلىپلەر

دوكىلاتتا ھىجرەت توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: ھىجرەت قىلىش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن تەھدىت ئەمەس بەلكى ئىبادەت ۋە بەخت – سائەدەتتۇر، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ھىجرەت قىلىش ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ. ھىجرەت، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلارغا تاشلاپ بېرىشتىن ئىبارەت بىر ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىۋاتىدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ۋەتەننى تاشلاپ كۆپلەپ چىقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. مەجبۇر قالمىغانلارنىڭ ھىجرەت قىلماستىن ۋەتەن تۇپراقلىرىدا ياشىشى كېرەك. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ بولغان مۇھاجىر قېرىنداشلارغا ئىگە چىقىش ۋە ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىق مەسىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش ھەممىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىق ۋەزىپسىدۇر.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكى توغرىسىدا مۇنداق دېيلگەن: شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئازادلىقىنى ئاساس قىلغان بىر غايە – مەقسەتتە توپلىنىپ، ئىتتىپاقسىزلىققا خاتىمە بېرىش، ، جەمئىيەتلەر ئارا، تەشكىلاتلار ئارا ،خەلق ئوتتۇرىسىدا زېچ ئىتتىپاقلىىشىش، ئىختىلاپلارنى قايرىپ قۇيۇپ بىرلىشىش، كېلىشىش، مۇرەسسە قىلىش، بىر جامائەت بىر گەۋدىگە ئايلىنىش. ئىتتىپاقسىزلىق توغدۇردىغان ھەر تۈرلۈك ئامىللاردىن ئۇزاق تۇرۇش، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ پىتنە – ئىغۋا تارقىتىدىغان، ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن چىققان مۇناپىقلار ۋە جاسۇسلارغا قارشى ھوشيار بولۇش، تاقابىل تۇرۇش، تەدبىر ئېلىش.

About admin

Leave a Reply