مۇھىم ئۇچۇرلار

تۈركىيىنىڭ كاستامۇنۇ ئۇنىۋېرىسىتىتىگە 70 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل بولىدۇ

تۈركىيە كاستامونۇ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ رېكتورى پروفېسسۇر سېيىت ئايدىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باش نازىر ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قاتارلىق 6 كىشىلىك بىر ھەيئەتنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى ۋە 70 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارەت جەرىيانىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان 65 يىلدىن بۇيان خىتاي ئىشغال ئاستىدا، خىتاي، ئۇيغۇرلارنى ئاسىملىىياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئوقۇشنى چەكلىدى. كاستامونۇ ئۇنىۋېرىسىتىتى ئۆتكەن يىلى 17 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمىزنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز. بۇ يىل يەنە ئىلتىماس سۇنغان 70 ئوقۇغۇچىنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ھۆرمەتلىك رېكتور سېيىت ئايدىن ئەپەندىمدىن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. بۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئوخشىمىغان كەسىپلەردە ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى. تۈركىيىدە ئوقۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش جەھەتتە ئەھمىيەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ھۆرمەتلىك رېكتور سېيىت ئايدىن ئەپەندىگە بۇ ھەقتە بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر ئېيتىمىز.

زىيارەت جەرىيانىدا سۆز قىلغان كاستامونۇ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ رېكتورى پروفېسسۇر سېيت ئايدىن ئەپەندى، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلاردىن 17 ئوقۇغۇچىنى ئۇنىۋېرىسىتىتىغا قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ يىل 70 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى دەرس ئوقۇش ئۈچۈن كاستانۇمۇ ئۇنىۋېرىسىتىتىغا ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى، ئىمكانىيەت ۋە شەرت – شارائىتلارنىڭ يېتىشىچە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا تىرىشىمىز. بۇ ئوقۇغۇچىلارمۇ باشقا پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئەلاچى بولۇپ ئوقۇيدۇ، دېدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ھەيئەت، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپ ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، سۇتۇق بۇغراخان ۋەقپى مۇئاۋىن رەئىسى مۇرات ئورخۇن رەئىس ۋەكىلى رامىزان چاملىجا قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ھەيئەت، رېكتور سېيىت ئايدىن ئەپەندىگە، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كاستامونۇ ئۇنىۋېرىسىتىتىگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىپ تون چاپان بىلەن ئۇيغۇر دوپپىسى كەيدۈردى ۋە خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.

 Abdulhakimhan Mahsum KU Rektori Seyit Aydin bilen birge

كاستامونۇ ئۇنىۋېرىسىتىتىنىڭ رېكتورى پروفېسسۇر سېيىت ئايدىن ئەپەندى ئۇيغۇر ھەيئەتنى كاستامونۇدىكى تارىخى ئورۇنلارنى ، موزېيخانىلارنى ئۆزى بىرگە ھەمرا بولۇپ زىيارەت قىلدۈرغان.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن تەركىپ تاپقان ھەيئەتنىڭ كاستامونۇ ئۇنىۋېرىسىتىتىنى زىيارەت قىلىشتىكى مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان مەلۇمات بەردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تۈركىيە ئۇنىۋېرىسىتىتلاردا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت ۋە ئىمكانىيەت تۇغدۇرۇش مەقسەتتە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى شەھەرلەردە ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرىستىتلارنى زىيارەت قىلپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا ئۇنىۋېرىسىتىت رېكتورلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كاستامونۇ ئۇنىۋېرىستىتىنىڭ رېكتورى بىلەنمۇ بۇ توغرىدا سەمىمىي سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن شەرتلەرنى يېنىكلەتكەنلىكىنى، بۇ يىل 70 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى ئۇنىۋېرىستىتىقا قوبۇل قىلىشقا مۇۋاپىق بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە بۇ زىيارەتنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

About admin

Leave a Reply