ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقان قاتىل خىتايغا قارشى بايانات

 ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىپ بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزىۋاتقان ئىشغالچى خىتاي دائىرلىرى، ئۆزىنى قوغداش ياكى ئائىلىسىنى قوغداش، ھەق – ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىش يولىدا قارشىلىق كۈرسەتكەن ياكى نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى تېرورچى دەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، قاتىللىق جىنايىتىنى ئۆزى سادىر قىلىۋاتىدۇ.

خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ كۈنمىڭ ئاتالمىش سوت مەھكىمىسى، 4 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن سوت ئېچىپ، ئىسكەندەر ئەھەت، تۇرغۇن تۇختىنىياز ۋە ھەسەن مۇھەممەد ئىسملىك 3 نەپەر ئۇيغۇرنى «ھۇجۇم تەشكىللەش ۋە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن، پاتىگۇل توختىنى بولسا، «ھۇجۇم قىلىپ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. خىتاي دائىرلىرى بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقى توغرىسدا ئېنىق بىر دەلىل – ئىسپات كۆرسەتمىدى ۋە نېمە ئۈچۈن ھۇجۇم قىلغانلىقى، بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى توغرىسىدا ھېچ قانداق مەلۇمات بەرمىدى. سوتتا ئۈزىنى ئاقلاش ياكى ئېتىراز بىلدۈرۈش پۇرسىتى بېرىلمىگەن بۇ ئۇيغۇر ياشلار ناھەق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.

خىتاي دائىرلىرى ئۆتكەن ئاي يەنە 8 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلغان ئىدى.

خىتاي ئۇيغۇرلارنى گۇرۇپ – گۇرۇپ ھالدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ يوق قىلىشقا ئورنىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ ئۇرۇش قىلىشقا زورلاۋاتىدۇ. قىرغىن قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەۋاتىدۇ. بىر كىشى قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسا 100 كىشىنى قوشۇپ ئۆلتۈرىۋاتىدۇ. مەخپى ئۆلتۈرگەننىڭ سانىنىڭ ھەددى – ھېسابىنى ھېچ كىم بىلمەيدۇ، ئەمما ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغانلارنى ئاشكارا ئۆلتۈرۈپ دۇنياغا ۋە ئۇيغۇرلارغا كۈچ كۆرسىتىپ ھەيۋە قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ ھەيۋە قىلىپ، قورقۇتۇپ باشقۇرىمەن دەپ كۈچ كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتپەرۋەر قەھرىمان ئۇغلانلىرىمىز، خىتاينىڭ كۈچىگە پىسەنت قىلماي ئىسسىق قېنى، قىممەتلىك جېنىنى پىدا قىلىپ، خىتاي زۇلۇمىغا، ئىشغالىيىتىگە قارشى تۇرۇپ خىتاينىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرىۋاتىدۇ، ھەددىدىن ئاشقان خىتاي ئىشغالچىلىرىغا كۈچىنى كۆرسىتىپ يەر چىشلىتىۋاتىدۇ. زۇلۇم قەيەردە كىم تەرەپتىن قىلىنسۇن زۇلۇمدۇر، زالىم ھامان يوقايدۇ، خىتاينىڭ زالىملىقىنى دۇنيا بىلىدۇ، ئۇيغۇرلار ياخشى بىلىدۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىشقا ئورنىۋاتقان بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ يۈرەك – باغرىدىكى ئۇ غەزەپنى، ئۇ ئەركىنلىك ئۇتىنى، مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى، جاسارەتلىك ئىمانى كۈچىنى ھەرگىز يوق قىلالمايدۇ، ھەرگىز قورقىتالمايدۇ. مەجبىۇرلاش ياكى  ھىيلە – مىكر بىلەن ھېچ كىمنى ئۆزىگە بويسۇندۇرالمايدۇ.

بىز شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن،  بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۈرمىگە قاماپ،  ۋە ئۆلتۈرۈپ قاتىللىق قىلىۋاتقان تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىنى غەزەپ بىلەن ئەيبلەيمىز.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرگىزمۇ ئىشغالىيەتكە بوي سۇنماسلىققا، زالىمغا كۆكرەك كىرىپ ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا، ئىسلامى، ئىمانى ئەقىدە ئۈستىدە چىڭ تۇرۇپ ئائىلىسىنى، ، مال – مۈلكىنى، ئۇلۇغ ئانا تۇپراق ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا چىڭ  تۇرۇشقا، ئادالەتلىك ئىسلامىي مۇھىت بەرپا بولغىچە مۇجادىلە قىلىشقا،  بۇشاپ كەتمەستىن ئۈمىدلىك ھالدا تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ كۈزىگە قادىلىپ تۇرۇپ، سەنلەر ئىشغالچى، سەنلەر زالىم، سەنلەر ئىرقچى! سەنلەر زوراۋان تېرورچى، سەنلەر شەرقىي تۈركسىتاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى سۈمۈرىۋاتقان قارا بۇلاڭچى دەپ ۋاقىراشقا، خىتاينىڭ ئۇچىغا چىققان قارا جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى پاش قىلىپ دۇنياغا ئاشكارىلاشقا چاقىرىق قىلىمىز.

زالىمغا قارشى مەزلۇملارنى قوغداپ ھەقىقەت يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن باتۇر ئوغلانلار ئاللاھنىڭ ئىلكىدە شېھىتلىك مەرتىۋىگە ئېرىشىۇ، شېھىتلەر ئۆلۈك ئەمەس بەلكى ھاياتتۇر، ئالى جەننەتتە بەختلىك ياشايدۇ، تۆكۈلگەن قان يەردە قالمايدۇ، زالىمنىڭ زۇلۇمى ئۆزىنى غەرق قىلىدۇ، زۇلۇم ھېچ قاچان ئەبەدىي داۋام قىلمايدۇ، زالىملار  يوقايدىغان كۈن پات يېقىندا كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستىن قىلىش، شەرقىي تۈركسىتان مۇسۇلمانلارنى ئازاد قىلىش يولىدا ئىسسىق قانلىرىنى پىدا قىلغان شۇ قەھرىمان ئوغلانلارغا سالام يوللايمىز، ئاللاھنىڭ رەھمىتى، مەغپىرى ئۇلارغا يار بولسۇن، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى

About admin

Leave a Reply