جەمئىيىىتمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا دائىر باياناتى

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا دائىر باياناتى

مەشھۇر ئۇيغۇر ئاكادىمىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختى، خىتاي مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. ئىلھام توختى، خىتاي قانۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئاساسى قانۇنلىرىغا تايىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلدى.  پروفىسسۇر.دوكتۇر ئىلھام توختى، خىتاي ئاساسى قانۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ ئاساسى قانۇنلىرىغا تايىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بۆلگۈنچى ئاتىلىپ جازاغا تارتىلدى. ئىلھام توختىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلغان ياكى نامايىش ئۇرۇنلاشتۇرغان ھېچبىر ھەرىكەت ۋە تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى يوقلىقىنى خىتاي دائىرىلىرىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئىلھام توختى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ھەقسىزلىقلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە ماقالىلار ئېلان قىلىش ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي ئاساسى قانۇنى تەرىپىدىن ئىتىراپ قىلىنغان ھەق ۋە ئەركىنلىكنى قوغدىدى. ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ ھېچبىرىدە شەرقى تۈركىستاننى خىتايدىن ئايرىش ياكى خىتاينى پارچىلاشقا ئوخشاش ئىدىيەنىڭ يوقلىقى ناھايىتى ئۇچۇقتۇر، پەقەت ئاساسى قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بىرىلىشىنى، ھەقسىزلىق قىلىنماسلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى ئۈچۈن قاماققا ئېلىندى.

 بىز شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاينىڭ ئىلھام توختىغا قىلغان بۇ ناھەق جازاسىنى ئەيىبلەيمىز ۋە لەنەت ئوقۇيمىز. ئىلھام توختىنىڭ ھېچ قانداق جىنايىتى يوقتۇر. ئۇ پەقەت ھەق سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن جازاغا تارتىلدى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ ۋە جىنايەتچى كۆرسىتىش ئۈچۈن يالغان ۋە ساختا دەلىللەرنى ئىسپات قىلىۋاتىدۇ. ئىلھام توختى بىر زىيالى، ئۇيغۇرلاردىن يىتىشىپ چىققان ئىقتىساتشۇناس پىروفىسسۇر ۋە تەتقىقاتچى، ئىلھام توختى پەقەت ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق ۋە ئەركىنلىكى بىلەن ياشىشىنى، قانداق بىر خىتاي ئەركىن ياشىسا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ  ئوخشاش شەكىلدە ئەركىن ۋە ھۆرلۈكى بىلەن ياشىشىنى تەلەپ قىلغان ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئىلھام توختىنى پەقەت شەرقى تۈركىستانلىقلار ئەمەس، باشقا نۇرغۇن خىتايلارمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ. ئىلھام توختى ئەسلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەمچىلىك ۋە خاتالىقلىرىنى ئەسلەتكەنلىكى، ھەقىقەتنى بايان قىلغانلىقى، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تىنچلىققا ئېلىپ كىلىشكە تىرىشقانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى تۈرمىگە تاشلىدى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى قانۇنغا ۋە خىتاي دائىرىلىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يەنە بىر قېتىم يۇقاتقان بولدى. بۇنىڭدا يۇقۇتۇپ قويغىنى خىتاي بولدى، چۈنكى خىتاي شەرقى تۈركىستاندا ۋە خەلقارادا ئۆزىنىڭ ئىتىبارىنى يۇقاتقان بولدى. نۇرغۇن خەلقارا تەشكىلاتلار بۇ ناھەق جازاغا ئىتىراز بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئادىل قارىمايدىغان، مىللەتچىلىك تەرەپبازلىق مەيدانىنى كۆرگەن بولدى.

پروفىسسۇر. دوكتۇر ئىلھام توختىنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوق، ئۇ ھەقىقەتنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ۋە ئۈمىت مەنبەسى بولغان ئىدى. ئىلھام توختىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش، ئەركىنلىك، تىنچلىق ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ھېسابلىنىدۇ.

بىز شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى سىياسى ۋە ئادىل بولمىغان ۋە ھەق-ھوقۇق دەپسەندە قىلىنغان  ناھەق بىر جازا دەپ قارايمىز. خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى شەرتسىز ئەركىن قۇيۇپ بىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى

About admin

Leave a Reply