تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرىۋاتىمىز. 

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

2014 – يىلى 25- سىنتەبېر پەيشەنبە كۈنى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ رەسمى تور سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكنىڭ باياناتچىسى تانجۇ بىلگىچنىڭ باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرىۋاتىمىز. خەلقئارادا تونۇلغان ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئاكادېمىك بولغان ئىلھام توختىغا بېرىلگەن جازانىڭ، خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈتكەن ئارزۇسىغا مۇناسىپ شەكىلدە كۆزدىن كەچۈرۈلىشىنى ۋە ئىلھام توختىنىڭ ئەركىن قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتىمىز».

Prof-Ilham-tohti

About admin

Leave a Reply