مۇھىم ئۇچۇرلار

«كەلگۈسى 10 يىل» ناملىق كىتابتا خىتاينىڭ چوڭ بىر كرىزىستقا دۈچ كېلىدىغانلىقى يېزىلغان

«كەلگۈسى 10 يىل» kelgusi 10 yil namliq kitab2ناملىق كىتابتا خىتاينىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋەزىيەتلەرتوغرىسىدا توختالغان ۋە خىتاينى ئۇپۇقتا كۆرۈنگەن چوڭ بىر كرىزىستقا دۈچ كېلىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

 «كەلگۈسى 10 يىل» ناملىق كىتاب پەگاسۇس نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى. بۇ كىتابنى ئامېرىكىلىق ئانالىزچى جورج فرېدمېن يازغان بولۇپ، تايفۇن تۆرۈنەر ئىسىملىك كىشى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلىغان. بۇ كىتابنىڭ تاشقى مۇقاۋىسىغا «قەيەردە ئىدۇق، قەيەرگە كېتىۋاتىمىز» دەپ قوشۇمچە نام يېزىلغان.

«كەلگۈسى 10 يىل» ناملىق كىتابتا خىتاينىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋەزىيەتلەرتوغرىسىدا توختالغان ۋە خىتاينى ئۇپۇقتا كۆرۈنگەن چوڭ بىر كرىزىستقا دۈچ كېلىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

319 بەتلىك بۇ كىتابتا كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە دۇنيادا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بەزى مۇھىم پىكىر – قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەڭ كۆپ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ كىتابتا، جورج فرېدمېن ھەم ئاخبارات ساھەسىدە ھەم ئاكادېمىك ۋە سىياسى ساھەلەردە ئوتتۇرىغا قويغان تارىخى مەلۇماتلىرى، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئوتتۇرىغا قويغان پەرەزلىرى ۋە ئانالىزلىرى بىلەن كەلگۈسىدىكى 10 يىلدا دۇنيادا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان مۇھىم ۋەقەلەر ۋە مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سۇنىدۇ.

جورج فرېدمېن بۇنىڭدىن ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان «كەلگۈسى 100 يىل» دېگەن كىتابىدا، خىتاينىڭ كەڭ تۈردە ۋە ھەر تەرەپلە بىر ئىچكى كرىزىستقا دۈچ كېلىدىغانلىقىنى ۋە  2020 ‏- يىلىغىچە پارچىلىنىپ كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، «كەلگۈسى 10 يىل» ناملىق كىتابتىمۇ خىتاينىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە دۈچ كېلىدىغان قىيىنچىلىق ۋەزىيەتلەرتوغرىسىدا توختالغان ۋە خىتاينى ئۇپۇقتا كۆرۈنگەن چوڭ بىر كرىزىستقا دۈچ كېلىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

جورج فرېدمېن بۇ كىتابتا كەلگۈسىدىكى10 يىل ئىچىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە قارىتا ھەيران قالارلىق پەرەز ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئۆتمۈشتىكى 100 يىلنىڭ تارىخىنى يۇرۇتۇپ بېرىدۇ.

كىتابتا يەنە دۇنيا ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئامېرىكا – ئىسرائىلىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگۈرۈشى، ئامېرىكا بىلەن ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشى، ئىران بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتلەر، رۇسىيە بىلەن گېرىمانىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىشى شۇنداقلا خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتلەر، خىتاي بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلىقى ۋە رىقابىتى توغرىسىدا تەپسىلى توختالغان.

كەلگۈسى 10 يىلدا خىتاينىڭ ئىچكى ۋەزىيەت ئۆزگۈرىدۇ

كىتابتا خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: «30 يىلدىن بۇيان خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدىن قالسىلا ئىككىنجى قاتاردا بولدى. ئامېرىكا بۇ ئىككى دۆلەت بىلەن پايدىلىق مۇناسىۋەت يۈرگۈزۈپ رايوندىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كەلدى، ئەمما كەلگۈسى 10 يىلدا بۇ مۇناسىۋەتلەر ئۆزگۈرىدۇ. ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلىرى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزگەرتىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ، خىتاي ئاسىيا تىنچ ئوكيان ۋە دۇنيا سودا بازارلىرىغا كىرىش ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە ئېھتىياجلىق بولغان تەقدىردە، خىتاي دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتىنى كىسىپ تاشلىيالمايدىغان چوڭقۇر مۇناسىۋەتلەر يىلتىز تارتىدۇ.

خىتاي كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئاشۇرۇشتىن كۆپرەك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ

كىتابتا يەنە كەلگۈسى 10 يىلدا خىتاي ۋە ياپونىيىنىڭ ئاسىيادا بىرىنجى كۈچ بولالمايدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ئىقتىسادى كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن بەكرەك بىخەتەرلىك بىلەن مەشغۇل بولىدىغانىلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېيىلگەن : كەلگۈسى 10 يىلدا خىتايمۇ ۋە ياپونىيىمۇ ئاسىيادىكى بىرىنچى كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقالمايدۇ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى مۆجىزلىرىمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە خىتاي تىز تەرەققىي قىلىشنىڭ ئورنىغا مۇقىملىقىنى قوغداشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ياپونىيە كۈچىنى ئاشۇرغانسىرى دېڭىز ئارمىيىسىنىمۇ كۈچلەندۈرۈش كېرەك بولىدۇ. دېڭىز كۈچىنىڭ ئېشىشىغا قارشى چىقىش ئامېرىكىنىڭ ئاساسى پرىنسىپلىرى ئەمما ئامېرىكا بۇ مەسىلە سەۋەبىدىن ياپونىيە بىلەن 1941 ‏- يىلدىكىگە ئوخشاش ئۇرۇش قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە خىرسلىق بىر ياپونىيە بىلەن ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن بىر ئىستىراتېگىيە تۈزۈش كېرەك بولىدۇ. ياپونىيىگە نىسبەتەن ئامېرىكا ئىستىراتېـگىيىسىنىڭ تۈنجى قەدىمىدە خىتاينىڭ پارچىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك بولىدۇ. چۈنكى خىتاي قانچىلىك ئاجىزلىسا ياپونىيە شۈنچىلىك ھەرىكەت قىلىشتا ئەركىن بولىدۇ. ياپونىيە كۈچلۈك بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقسا، خىتاي ئاجىزلىسا كورىيەلىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا ھازىرقىدىن كۆپ ئېھتىياجى بولىدۇ. ئەلۋەتتە كورىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى مەۋجۇت شۇ سەۋەبتىن بۇ مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كەڭ تۈرلۈك ئېلىپ بارغاندا، ياپونىيە ۋە خىتاي ئۈچۈن جىددى بىر مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.

كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە خىتاي ئىچكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا چارىسى قالمايدۇ.

كىتابتا يەنە كەلگۈسى 10 يىل جەرىيانىدا خىتاي دۈچ كېلىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق يېزىلغان:  كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە خىتاي ئىچكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا چارىسى قالمايدۇ. كەلگۈسى 10 يىلدا جاۋاپ ئىزدەيدىغان سوئال شۇكى خىتاي مەسىلىلىرىنى، ماۋزىدۇڭ ئېلىپ بارغاندەك، ئىگىلىك تىكلىگەن سودا – سانائەتچىلەرنى يوق قىلىپ چەتئەل شىركەتلەرنى تاقاپ چەتئەللىك سودا – تىجارەتچىلەرنى قوغلاش ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلامدۇ ياكى 19 ‏- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 ‏- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكىگە ئوخشاش رايونلۇق مۇقىمسىزلىق ئۇسۇلىنىمۇ قوللىنامدۇ؟ تەكىتلەشكە تېگىشلىك نوقتا شۇكى، خىتاي ئىچكى مەسىلىرى بىلەن قىيىن ئەھۋالدا قالىدۇ، رەقىپ كۈچلەر بىلەن تەڭ تۇرۇش ئۈچۈن دىققەت بىلەن خىزمەت ئىشلەيدۇ.  كەلگۈسى 10 يىلدا خىتاي دېڭىز ئارمىيىسى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى خىتاي ئەتراپىدىكى دېڭىزدىن ئۇزاقلاشتۇرالمايدۇ. ياپونىيە ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ نىيەت – مەقسەتلىرىگە قاتتىق گۇمان بىلەن قارايدۇ.

كىتابنىڭ ئاپتورى جورج فرېدمېن دۇنياغا مەشھۇر خۇسۇسى ئىستىخبارات شىركىتى STRATFOR شېركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئانالىزچىسى. ئاخباراتچى دەپ تونۇلغان جورج فرېدمېننىڭ كەلگۈسى 100 يىل قاتارلىق ئالتە پارچە كىتابى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك، گىئوپولىتىك ۋە ئىستىخبارات ساھەلەردە يېزىلغان كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقات قىممەتكە ئىگە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.

بىز، كەلگۈسى 10 يىلدا خىتايدا قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىدىغانلىقى، خىتاي قانداق مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا پەرەز ۋە تەخمىن قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرىسىتى ئۇچۇر – ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتۇر ئابدۇلھەمت ئاۋشار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئاۋشار خىتاي كەلگۈسىدە كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە دۈچ كېلىدىغانلىقىنى، ئىچكى ۋەزىيىتىدە ھاكىمىيەتكە قارشى كىشىلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىلىرىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ كۈچلىنىدىغانلىقى، خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە مۇڭغۇلدىن باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭمۇ مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى تەلەپ قىلىپ مەيدانغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كەلگۈسى 10 يىل دېگەن كىتابتىن ئېلىندى – ئارسلان تاش

About admin

Leave a Reply