شەرقى تۈركىستانلىقلاردىن چانكايا شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئۇچۇق خەت

7098

قولى قانغا بويالغان خىتاي رېجىمىنىڭ، شەرقى تۈركسىتانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئىگە بولغان ۋە قۇچاق ئاچقان ئەسلى تۈرك مىللىتىنى گوللاشقا ۋە ئالداشقا قارىتا پىلانلىق ۋە سىستىمىلىق بىر ئويۇنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايمىز.

شەرقى تۈركىستانلىقلاردىن چانكايا شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە ئۇچۇق خەت

تۈركىيە ئەنقەرەدىكى چانكايا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى چاغداش سەنئەتلەر مەركىزىدە 29- سىنتەبىر كۈنى خىتاي مەدىنىيەت ھەپتىسى نامى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، چانكايا شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارىتا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ئىشغالچى خىتاينىڭ زۇلۇمىنى چىكىۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلار نامىدىن چانكايا شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە ئۇچۇق خەت يازدى.

ھۆرمەتلىك شەھەر باشلىقى ئالپەر تاشدەلەن! 

شەھەرلىك ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋە ھۆكۆمىتىڭىز دائىرىسىدىكى چانكايا شەھەرلىك ھۆكۈمىتى چاغداش سەنئەتلەر مەركىزىدە 2014- يىلى 29 سىنتەبىر كۈنىدە خىتاي مەدىنىيەت ھەپتىسى نامى ئاستىدا بىر پائالىيەت باشلانغانلىقىدىن ۋاقىپ بولدۇق. بۇ پائالىيەتنىڭ نامىدىنمۇ مەلۇم بولغىنىغا ئوخشاش، بۇ پائالىيەتنىڭ تۈپ مەقسىتى ئىشغالچى كومۇنىست خىتاي رېجىمىنىڭ تەشۋىقاتىنى تارقىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئۆرپە-ئادىتى، مەدىنىيتى ۋە تارىخى ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى يوق قىلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىۋاتقان خىتاي رېجىمىنىڭ، تۈركىيەدە خىتاي ئۆرپە-ئادىتى ۋە مەدىنىيىتىنى تۇنۇتۇشقا باشلىشى ۋە بۇنىڭغا چانكايا شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق، ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بىرىشى شەرقى تۈركىستانلىقلارنى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرماقتا.

خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى زۇلۇملىرى داۋام قىلماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرك مەدىنىيىتى ۋە تارىخى يوق قىلىنماقتا. تارىختىن بۇيان تۈرك ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ بۈشۈكى بولغان قەشقەر شەھىرىدە، 2010- يىلدىن بىرى باشلانغان ۋە 2015- يىلى پۈتىدىغان شەھەرلەشتۈرۈش خىزمىتى باھانىسىدە شەھەرنىڭ تۈركچە سىماسى ۋە تارىخى يوق قىلىندى، شەھەرنىڭ تارىخى مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى تامامەن ئۆچۈرۈپ تاشلاندى. بۇ سىياسەت سەۋەپلىك پەقەت قەشقەردىنلا 220 مىڭ ئۇيغۇر تۈركى كۆچتۈرۈلدى. خىتاي شەرقى تۈركىستاننىڭ باشقا رايۇنلىرىدىكى تارىخى ئۇرۇنلارنى ۋەيران قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدىنىيىتى ۋە ئۆرپە-ئادەتلىرىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن تۈرلۈك سىياسەتلەرنى چىقارماقتا. خىتاي مەدىنىيەتچى ئەمەس، بەلكى مەدىنىيەتنىڭ دۈشمىنىدۇر. يەنى، خىتاينىڭ ئاسسىمىلاتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ داۋامى بولغان دىن، تىل ۋە مەدىنىيەت مائارىپىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مەدىنىيىتىنى يوقۇتۇش ئارقىلىق ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش، سۈرگۈن قىلىش، بېسىم، چەكلىمە ۋە ھۇجۇملىرى بىلەن ئۆلۈمگە ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلىش جازالىرى ھېلىھەم داۋام قىلماقتا.

خىتاي دۆلەت سىياسىتىنىڭ خۇسۇسىتى شۇكى، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ھەق-ھۇقۇق تەلىپى داۋام قىلغانسىرى بېسىم، چەكلىمە ۋە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىپ داۋام قىلىدۇ.

تۈرك مىللىتى مەيلى شانلىق ئوسمانلى مەزگىلىدە بولسۇن، مەيلى قۇرتۇلۇش ئۇرۇشىدا بولسۇن تۈرك مىللىتىنىڭ خارەكتىرىگە، دىنى-ئىتىقادىغا، مىللى ئەركىنلىكىگە زىت بولغان رەجىملەرنىڭ تۇپراقلىرىنى ئىشغال قىلىشىنى قۇبۇل قىلمىغانلىقىغا ئوخشاش، مۇسۇلمان شەرقى تۈركىستان خەلقىمۇ، كومۇنىست خىتاي رەجىمىگە قارشى تۇردى، قۇبۇل قىلمىدى ۋە ھېلىھەم كۈرىشىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا تارىختىن بۇيان يۈز بەرگەن مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىمىزدىن باشقا ، تېخى بىر قانچە يىل ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى شاھىتتۇر.

شەرقى تۈركىستاندا خىتاي زۇلۇمى ھېلىھەم قاتتىق داۋام قىلماقتا، مۇسۇلمان شەرقى تۈركىستان خەلقى ھەر تۈرلۈك ۋەھشى بېسىم-ئىسكەنجىلەرگە ۋە زۇلۇملارغا دۇچار بولماقتا، ئۇلارنى خىتايدىن پەرقلەندۇرۇپ تۇرغان دىنى ھايات ئۆلچىمى چەكلىنىپ، تىل ۋە مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرى قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە. ئىشغالچى كومۇنىست خىتاي رېجىمى مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرىگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان بۇ ئۇمۇمى قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا ئاممىسىنىڭ كۆزىدىن يۇشۇرۇن تۇتۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئالدامچىلىق ۋە ساختا تەشۋىقاتلىرىنى ئىشقا سالماقتا، يۇقىرىدا نامى زىكىر قىلىنغان خىتاي مەدىنىيەت ھەپتىسى دېگەن سۆزمۇ شۇ خىلدىكى ئويۇنلارنىڭ بىر نامايەندىسىدۇر.

بىز تۈركىيەدە ياشىۋاتقان 300000 مۇسۇلمان ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىزغا ۋاكالىتەن بىر ئاممىۋى تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سىزنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتىڭىزدە تۈرك قېرىنداشلىرىمىزغا ھاقارەت قىلغان بۇ ئويۇننى بۇزۇۋېتىشىڭىزنى ۋە خىتاينىڭ ئويۇنچۇقى بولماسلىقىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز. ساپ تۈرك مىللىتىنىڭ ئاۋازى بىلەن ئىش بېشىغا كېلىپ، تۈرك مىللىتىگە خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ شۇئارى قىلغان شەھەرلىك ھۆكۈمىتىڭىزگە، شەرەپلىك تۈرك مىللىتىنىڭ ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرىدىغان بۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشىڭىزنىڭ ھېچ مۇناسىپ  بولمىغانلىقىنى ئەسكەرتىمىز ۋە بۇ خىتاي مايمۇن ئويۇنىغا تىزدىن خاتىمە بىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمىز.

بۇ پائالىيەتكە قارىتا بىزنىڭ ئاساسى ئىتىرازىمىز تۈۋەندىكىچە:

1)  بۇ پائالىيەتنىڭ تۈركىيەدە ئېچىلىشىنىڭ ئاددى بىر مەدىنىيەت پائالىيىتى ئەمەسلىكىنى، قولى قانغا بويالغان خىتاي رېجىمىنىڭ، شەرقى تۈركسىتانلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ئىگە بولغان ۋە قۇچاق ئاچقان ئەسلى تۈرك مىللىتىنى گوللاشقا ۋە ئالداشقا قارىتا پىلانلىق ۋە سىستىمىلىق بىر ئويۇنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايمىز.

2)  ساختىپەز خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ خىل ئالدامچىلىق پائالىيەتلىرى بۇنىڭدىن كىيىن يەنە قەيەردە بولسا بولسۇن، قارشىسىدا بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارنى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ يول قويمايدىغانلىقىمىزنى، بۇنىڭغا ئويۇنچۇق بولغان شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە تەشكىلاتلارنى ئەپسۇس بىلەن ئەيىپلەيدىغانلىقىمىزنى ۋە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىمىزنى، خائىنلىق قىلغان ھەمكارلاشقۇچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى ئاخبارات ۋاستىسى ئارقىلىق ئەزىز تۈرك خەلقىگە شىكايەت قىلىدىغانلىقىمىزنى جاكارلايمىز.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى ئىدارى ھەيئىتى

About admin

Leave a Reply