ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن 1000 دىن ئارتۇق كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ قۇربان ھېيىت بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى

قۇربان ھېيىت بايرىمى يېتىپ كېلىشى بىلەن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارمۇ قۇربان ھېيت بايرىمىنى خۇشال – خۇرام ۋە بىرلىك – باراۋەرلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن  جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2014 – يىلى 10 – ئاينىڭ 5 – كۈنى يەنى قۇربان ھېيتنىڭ 2 – كۈنى ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدا دېڭىز بويىدىكى چىملىق مەيدانغا جەم بولۇپ قۇربان ھېيت بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ھېيتلىشىش پائالىيىتىگە ئەر – ئايال ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن  1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چىملىق مەيداندا ئۇيۇشتۇرۇلغان ھېيتلىشىش پائالىيىتىدە ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، پائالىيەتكە قاتناشقان پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربان ھېيت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھېيىتىنى قىزغىن تەبرىلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

كېيىن جەمئىيەتنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان  مەخسۇم سۆز قىلىپ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە ھېيتنىڭ ئەھميىتى ۋە بۇ ھېيىت مۇناسۋىتى بىلەن ئۆز – ئاداۋەتنى يۇيۇپ، قېرىنداشلىق، دوست – بۇرادەرلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش، بىرلىشىش، ھەمكارلىشىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختالدى.

پائالىيەت جەرىيانىدا يەنە زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىلياز ساكا، پىشقەدەم ۋەتەنپەرۋەرلەردىن سىياسىي پائالىيەتچى ئابدۇلقادىر ياپچان ، دىنى ئالىم ئىبراھىم داموللام قاتارلىقلار مۇھىم سۆز قىلدى.

پائالىيەت جەرىيانىدا مەيدان ئەتراپىغا ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك – بايراقلار بىلەن چوڭ ھەجىمدە قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن دېگەن چوڭ خەت يېزىلغان ۋىۋىسكا ئېسىلغان. مەيداندا ئۆسمۈر بالىلارغا ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق يەنى شەرقىي تۈركىستان بايرىقى چۈشۈرۈلگەن كۆك شار تارقىتىلغان بولۇپ بايراق ھەممە يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇردى.

پائالىيەت ئاخىرىدا پۈتۈن كىشىلەر بىر بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ بىر – بىرىنىڭ قۇربان ھېيىتنى تەبرىكلىدى. ئاخىرىدا  قۇربانلىق زىياپەت بېرىلدى ۋە ۋەتەن خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن دۇئا ئوقۇلدى.

بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلار مەسئۇلى ئابدۇلكەرىم كۇچار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئابدۇلكەرىم كۇچار بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقستى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتلىرىدىن ئايرىلىپ مۇھاجىر بولۇپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ قۇربان ھېيىتنى خۇشال ئۆتكۈزۈشى، قۇربان ھېيتنى ئەل – يۇرت ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكىنىڭ قايغۇسىنى ئونۇتتۇرۇش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆز – ئارا قېرىنداشلىق ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىش، تونۇشمىغانلارنى تونۇشتۇرۇش، يېڭى كەلگەنلەر بىلەن ئىلگىرى كەلگەنلەرنى ئۇچراشتۇرۇش ۋە بىرلىك – باراۋەرلىك، ئىناق – ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش مەقسەتتە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

Istanbuldiki Uygurlar qurban heyit bayrimi 00010

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەتقىقات مەركىزى

About admin

Leave a Reply