تايلاند تۈرمىدىكى ئۇيغۇر ئاياللار باشقا تۈرمىگە يۆتكىۋېتىلگەن

بۇندىن 7 ئاي بۇرۇن تايلاندتىكى بىر ئورمانلىقتىن 296 ئۇيغۇرنىڭ بايقالغانلىقى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ خانىم-قىزلار ۋە بالىلاردىن تەركىب تاپقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن دۇنيا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارى بۇلارغا بۇرالغان ئىدى.

tayland

ئېنىقلىشىمىزچە ھازىر تايلاندتىكى ئوخشىمايدىغان لاگېر ۋە قاماقخانىلاردا جەمئىي 496 ئەتراپىدا ئۇيغۇر تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. 10-ئاينىڭ 10-كۈنى تايلاند ساقچىلىرى قوراللىق بېسىپ كىرىپ 7 ئۇيغۇر ئايالنىڭ قولىغا كويزا( كىشەن) سېلىپ باشقا تۈرمىگە ئېلىپ كەتكەن. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا بۇ ئاياللار ئېغىر تۈرمىگە قامالغان. بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياش بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇ بىزگە ئۇيغۇرلار تارتىۋاتقان چىدىغۇسىز دەرد-ئەلەم توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ «بەزى ئاياللارنى باشقا تۈرمىگە ئېلىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر ئىگىلىدۇق، بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرسىڭىز» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«بىزنىڭ ئاياللىرىمىز بىزدىن يۈز نەچچە كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا ئىككى ئورۇنغا قامالغان بولۇپ، 90 ئەتراپىدا ئايال بىر يەردە، 80 نەچچە كىچىك بالا ۋە بوۋاقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاپقان گۇرۇپپا يەنە بىر جايدا قاماقلىق. كىچىك گۇرۇپپىدىكى ئاياللار بولسا، ئون نەچچە چوڭ ئايال، يىگىرمە نەچچە كىچىك بالىدىن تەركىب تاپقان. مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى كۆپ ساندا قوراللىق ساقچى كىچىك گۇرۇپپىدىكى ئاياللار قامالغان جايغا بېسىپ كىرىپ ئاياللارنىڭ يېنىنى ئاختۇرغان. بىر ئايالنىڭ يېنىدا 8000 دوللار پۇل بار ئىكەن. ساقچىلار بۇ پۇلنى ماڭا تاپشۇرىسەن دەپتۇ. ئۇيغۇر ئايال پۇلنى بەرمەيمەن دەپ قارشىلىق كۆرسەتسە، ساقچى سەن بىزگە قارشىلىق كۆرسەتتىڭ دەپ قولىغا كويزا سېلىپ، ئارغامچا بىلەن ھەممە يېرىنى چەمبەرچاس باغلىغان. بۇنى كۆرگەن ئاياللار چىداپ تۇرالماي ئۇيغۇر ئايالغا يانداشقان. بۇنى كۆرگەن ساقچىلار بۇلارمۇ قارشىلىق كۆرسەتتى دەپ قوللىرىغا كويزا سېلىپ قوپاللىق بىلەن ئېلىپ كەتكەن. ئۇ ئېلىپ كېتىلگەن ئاياللارنىڭ كىچىك بالىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئانىلىرى ئېلىپ كېتىلگەن بۇ بالىلار يىغلاپ قالغان. ساقچىلار ئېلىپ كەتكەن 7 ئايالنىڭ ئىچىدە 3 ئايالنىڭ ئېرى بار، ئاكىلىرى بار. قالغان 4 نەپەر ئايالنىڭ ھېچ نېمىسى يوق. مەزكۇر ئاياللارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئايالنى مەلۇم بىر جايغا ئايرىم سولاپ قويغان بولغاچقا ئۇلاردىن خەۋەر ئۇقالىغان بولساقمۇ قالغان 5 نەپەر ئايالدىن ھەرقانچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ باققان بولساقمۇ خەۋەر يوق. بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئىككى نەپەر ئايال چوڭ تۈرمىگە قاماپ قويۇلغان. بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزچە بۇ ئاياللار بىزدىن 450 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى بىر تۈرمىگە قاماپ قويۇلغان.»

«ھازىر سىلەر تايلاندتىكى بىر قاماقخانىدا تۇرۇۋېتىپسىلەر، ھازىرقى ئەھۋالىڭلار قانداق؟» دېگەن سوئالىمىزغا، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر مۇنداق جاۋاب بەردى:
«بىز 496 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ھازىر تايلاندنىڭ ھايتاي ئۆلكىسىدىكى ئوخشىمايدىغان 5 يەرگە قاماقلىق. قاماقخانىلارنىڭ ياتاق شەرت-شارائىتى ئىنتايىن ناچار. ھازىر ھەممىمىز سېمونت يەرنىڭ ئۈستىدە يېتىۋاتىمىز. ھاۋا ئالماشتۇرۇش، كۈن نۇرى كۆرۈش شارائىتلىرىمىز ناھايىتى ناچار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا كىلىماتى، تاماق ۋە سۇ قاتارلىقلارنىڭ بىزنىڭ بەدىنىمىزگە ماسلاشماسلىقى، داۋالىنىش شەرت-شارائىتلىرىنىڭ ناچار بولۇشى قاتارلىق ھەر خىل ئامىللار تۈپەيلىدىن ئارىمىزدا قىچىشقاق، يۇقۇملۇق تېرە كېسەللىكلىرى، كۆز كېسەللىكلىرى ھەممىمىزدە ئومۇمىي يۈزلۈك مەۋجۇت. ئۇنىڭ ئۈستىگە 7 ئايدىن بېرى سېمونت يەرنىڭ ئۈستىدە يېتىۋاتقان بولغاچقا بەدەنلىرىمىز كۈن نۇرى كۆرمىگەنلىكى سەۋەبتىن 80%tin ئارتۇق ئادەمدە بۆرەك كېسەللىكلىرى بار، بەدەن ئاجىزلاپ شامالدارىپ كېتىش كېسەللىكلىرى بار. بەل، پۇت بوغۇم ئاغرىق كېسەللىكلىرى بار. بۇ كېسەللىكلەر ھەممەيلەندە ئېغىر. ئوقۇش يېشىدىكى بالىلىرىمىز بىز چوڭلاردەكلا تۈرمە كامىرلىرىغا قاماقلىق بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارمۇ قاماقخانىلارنىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلىرىمىز تەربىيىلىنىش، مائارىپ ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىۋاتىدۇ. بۇرۇن 8 كۈندە بىر قېتىم بالا-چاقىلىرىمىز، ئاياللىرىمىز بىلەن كۆرۈشتۈرەتتى. ھازىر 45 كۈندە بىر قېتىم كۆرۈشتۈرۈۋاتىدۇ. مانا ھازىر بىر ئاي بولدى ئاياللىرىمىز، بالىلىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىدۇق. بالا-چاقىلىرىمىز دادىسىدىن ئايرىم تۇرغان بولغاچقا پسىخىكىلىق جەھەتتىن غەيرىي يېتىشىپ قالماقتا.»

«مېنىڭ ئىگىلىشىمچە سىلەرنى يېقىندا سوتلاپ ئاندىن بىر تەرەپ قىلىدىكەن، راستىنىلا شۇنداقمۇ؟»دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«يېقىندا سوتقا چىقىش توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق. لېكىن، بىز بۇندىن 7 ئاي ئىلگىرى تۇتۇلغان ۋاقتىمىزدا سوتلانغان. ئۇ، ۋاقتىدا سوت مەھكىمىسى بىزگە 6 ئايلىق قاماق جازاسى، ئادەم بېشىغا مىڭ بەت تايلاند پۇلى جەرىمانە قويغان ئىدى. ساقچىدىن قاچماي ساقچىلارغا ماسلىشىپ بەرگەنلىكىمىز ئۈچۈن مىڭ بەت، يەنى 30 دوللار جەرىمانە قويغان، ئەمما بىزگە ھېچقانداق جىنايەت بېكىتمىگەن. سوتتا 6 ئايلىق قاماق جازايىمىز تۈگىگەندىن كېيىن تۇرمۇش شارائىتىمىزنى ياخشىلاپ بېرىدىغانلىقىغا، باشقا دۆلەتكە كېتىش رەسمىيەتلىرىمىز ئۇزىرىپ كېتىپ قالسا ئائىلىمىز بىلەن جەم بولۇپ ئائىلە تۇرمۇشى ياشىشىمىزغا شەرت-شارائىت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى. ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۈندە 45 كۈندە بىر قېتىم ئاران كۆرۈشتۈرۈۋاتىدۇ. تايلاندنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىزگە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمايۋاتىدۇ. ئەمدى بۇ قېتىم قاچان؟ نېمە دەپ سوتلايدۇ؟ بۇ توغرىدا بىزدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.»

تايلاندتىكى قاماقخانىلاردا چىدىغۇسىز ئېغىر شەرت-شارائىتتا ياشاۋاتقان 496 ئۇيغۇرنىڭ بىرى، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان كىشى بىزنىڭ «سىلەر دۇنيا خەلقى ۋە دۆلەتلىرىدىن نېمىلەرنى كۈتىسىلەر؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: 
«دۇنيا خەلقىدىن بىز نېمىنى كۈتىمىز، بىز مىللىي ۋە دىنىي جەھەتتىن زۇلۇمغا ئۇچرىغاچقا زۇلۇمدىن قېچىپ چىققان كىشىلەر. بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيىمىز بولسا بىز بىلەن تىل، دىن، مەدەنىيەت ۋە قانداشلىق جەھەتتىن ئورتاقلىق بولغان، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قېرىنداشلىرىمىز ياشاۋاتقان تۈركىيەگە تېزرەك كېتىش. ئەگەر بۇنىڭغا مۇمكىن بولمىسا، مەيلى تۈركىيە تەرەپتىن بولسۇن مەيلى تايلاند تەرەپتىن بۇنىڭغا يول ئېچىپ بەرمىگەن شارائىتتا بىزگە دىنىي ۋە مىللىي جەھەتتىن ھېچقانداق زۇلۇم سالمايدىغان مىللىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكىمىز، كىشىلىك ھوقۇقلىرىمىز كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان ھەرقانداق بىر دۆلەت بولسا، شۇ يەردە بىزگە ئىنسانىي ئادالەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بىر دۆلەت بولسا شۇ دۆلەتكە تېز سۈرەتتە كېتىشنى خالايمىز. ھازىرقى بۇ ئەسىردەك ھاياتتىن قۇتۇلۇشنى، باشقا كىشىلەردەك ئەركىن نەپەس ئېلىشنى، خوتۇن ۋە بالا چاقىلىرىمىز بىلەن بىللە ياشايدىغان ئائىلىۋى تۇرمۇشقا ئىگە بولۇشنى، ئادالەتپەرۋەر ئىنسانپەرۋەر دۇنيا خەلقىنىڭ دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىنى بىزدىن ئايىماسلىقىنى سەمىمىي تەلەپ قىلىمىز.»

«سىلەر تۈركىيەگە بېرىشنى خالايمىز دەۋاتىسىلەر، مېنىڭ بىلىشىمچە دەسلەپ تۇتۇلغاندا ‹بىز تۈرك› دەپ خىتاي گراژدانى ئىكەنلىكىڭلارنى دېمەي تۇرۇۋالدىڭلار، تۈركىيە ئەلچىلىكى سىلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتامدۇ؟»
«بىز دەسلەپتە تۇتۇلغاندا تۈرك ئەلچىخانىسىدىن كەلدى، بىزگە سىلەر ساقچىلار بىلەن ماسلىشىڭلار، ماتېرىيالىڭلارنى تۇرغۇزۇپ پات يېقىندا تۈركىيەگە ئېلىپ كېتىمىز، دېدى. ئەمما كېيىن يوق بولۇپ كەتتى، پەقەتلا كەلمىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خادىملىرىمۇ مەخسۇس بىز بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلمىدى، باشقا دۆلەتتىن كەلگەن مۇساپىرلار بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە بىزنى كۆردى.»

قاماقخانىدا تۇرۇپ تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ كىشى 7 ئايدىن بېرى تايلاند، تۈركىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلغانلىقىنى، ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى دېگەندىن كېيىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاماق تۇرمۇشىدىن قۇتۇلۇپ باشقا دۆلەتلەرگە كېتىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئەركىن تارىم

About admin

Leave a Reply