مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىدىكى 4 ھۇجۇمچىنىڭ ئاكا-ئۇكا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

خىتاي تەرەپ 12-ئۆكتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يەرلىك ساقچى ۋە ئەمەلدارلاردىن ئىگىلىشىچە، ۋەقەدە خىتاي تەرەپتىن 18 ۋە پىدائىيلاردىن 4 نەپەر بولۇپ جەمئىي 22 كىشى ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ۋە بۇ خەۋەر خەلقئارا ئاخباراتلاردا كەڭ-كۆلەمدە كۆچۈرۈلۈپ تارقالغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئەھۋال ئىگىلىشى جەريانىدا، مەزكۇر ھۇجۇمچىلارنىڭ كىملىكلىرى ئاشكارىلاندى.

e30adeff-49a1-4add-83e3-ae819712d3c2

مەلۇم بىر ساقچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمچىلاردىن ئىككىسى ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار، ئەمما يەنە بىر ساقچىخانا باشلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە سادىر قىلغان 4 ھۇجۇمچىنىڭ ھەممىسىلا ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلار بولۇپ، ئۇلار ئوسمان مۆمىن، ئاۋۇت مۆمىن، مامۇت مۆمىن ۋە ئەيسا مۆمىن قاتارلىقلاردۇر.

مارالبېشىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ۋەقە يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 18 كىشى ئۆلگەن

بۇ ھەپتە ئىچىدە بەزى ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ  تۇمشۇق شەھىرىدە خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ  جىددىي ھالەتكە ئۆتكەنلىكى ۋە مەزكۇر شەھەردە چوڭ بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى.

مۇخبىرىمىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن تۇمشۇق شەھىرىدىكى ساقچى ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلغىنىدا، ساقچىلار ۋەقەنىڭ تۇمشۇقتا ئەمەس، مارالبېشىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مۇخبىرىمىز مارالبېشىدىكى ساقچىلارغا تېلېفون قىلغىنىدا، ساقچىلار  ۋەقەنىڭ مارالبېشى ناھىيە بازىرىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە ۋەقەدە 18 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

مارالبېشى يېزا ئىگىلىك بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يەنە بىر قىسىم تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى

12‏-ئۆكتەبىر كۈنى مارالبېشىدا يۈز بەرگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 4 نەپەر پىدائىي بىلەن قېتىلىپ جەمئىي 22 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ داۋاملىق ئەھۋال ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ۋەقە يۈز بەرگەن بازارنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى، ھۇجۇمچىلارنىڭ شۇ كۈنكى ھەرىكەت ھالىتى ۋە نوپۇس تەۋەلىكى قاتارلىق بىر قىسىم مەلۇماتلار ئاشكارىلاندى.

7ea08417-7126-4686-b20d-0e31f70bb3ca

مۇخبىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن بىر ساقچى خادىمى، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ ھەتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلاردىنمۇ يوشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، ۋەقەدە 7-8 چە ساقچى خادىمى ئۆلگەنلىكىنى، ئىدارىسىدىن ئەمەس، جەمئىيەتتىن ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەنبەسى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – شۆھرەت ھوشۇر

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئاۋازلىق پروگرامىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ

About admin

Leave a Reply