تۈركىيە ئوبزورچىسى كۆزخان : «مەدەنىيىتىمىز تۇغۇلغان جاي – ئۇلۇغ تۈركىستان»

2009 – يىلىدىكى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەۋەر ۋە ماقالىلەرگە كۆپلەپ ئورۇن بېرىلىشكە باشلىدى. يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئارقىمۇ – ئارقىدىن بىر قىسىم ئۇچۇرلار، ئانالىزلار ۋە ئوبزورلار ئېلان قىلىندى.

10 – ئاينىڭ 9 – كۈنى تۈركىيەنىڭ «يېڭى چاغ» گېزىتىدە «مەدەنىيىتىمىز تۇغۇلغان جاي – ئۇلۇغ تۈركىستان»ماۋزۇلۇق بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئوبزورچى كۆزخان ماقالىسىدە بارلىق تۈركىي خەلقلەر تارقالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى «ئۇلۇغ تۈركىستان»دەپ ئاتىغان.
kozhan-yazan-turkistan
كۆزخان ئەپەندى يازغان بۇ ماقالىدە «ئۇلۇغ تۈركىستان»نىڭ، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنىش تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن بولۇپ، ئوبزور مۇنداق باشلىنىدۇ:

«12 – نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئىجتىمائىي پەنلەر قۇرۇلتىيى ئۆتكەن ئايدا تاتارىستاننىڭ باش شەھىرى قازاندا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشى بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ يېڭى كۈلتۈر پايتەختى قازان شەھىرى بولدى. قازان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 300 ئىلىم ئادىمىگە ساھىبخانىلىق قىلدى.»

ئوبزورچى كۆزخان يازغان ئەپەندى ئوبزوردا «ئۇلۇغ تۈركىستان» زېمىنىنىڭ بېسىۋېلىنىش تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

« ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇلۇغ تۈركىستاننىڭ بەختسىزلىكى قازان شەھىرىنىڭ رۇسلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى بىلەن باشلىنىدۇ. قازان 1552 – يىلى رۇسلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1552 – يىلى رۇسلار قازاندا زور قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. بۇ قىرغىنچىلىقتا قازاندا تىرىك ئادەم قالمىغان ئىكەن. شۇ كۈندىن باشلاپ رۇسلار تۈركىستانغا قاراپ يېيىلىشقا باشلىغان. كېيىنكى ئەسىرلەردە ئۇلۇغ تۈركىستان تامامەن رۇسلارنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىغا كىرگەن ۋە ئىككىگە ئايرىلغان. بۇلارنىڭ بىرى غەربىي تۈركىستان، يەنە بىرى شەرقىي تۈركىستان. خۇداغا شۈكۈر بۈگۈن غەربىي تۈركىستاندىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىقىقە ئېرىشتى. شەرقىي تۈركىستان تېخىچە خىتاينىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا. بۇ بەخىتسىزلىكنى ئۇيغۇرلار تېخىچە ياشىماقتا، راستىنلا تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ بەختسىز زېمىنى شەرقىي تۈركىستان.»

ئۇ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىگىلىگەندىن كېيىنكى سىياسىتى توغرىسىدا توختىتىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

«خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ كۆزىگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ بېسىۋېلىپ، خىتايلارنى جايلاشتۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىپ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىكى خىتاي نوپۇسىنى ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ھالەتكە ئەكىلىپ بولدى. بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز يېزىلغان جاي شەرقىي تۈركىستان. شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنىڭ بۆشۈكى. شەرقىي تۈركىستان بارلىق تارىخى يېزىقلىرىمىز ئوتتۇرىغا چىققان جاي. بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قىيىن ۋەزىيەتتە تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە مەجبۇر بولماقتا.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ بارلىق يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى خىتاي تەرىپىدىن ئىشلىتىلمەكتە. ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى شۇكى، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ قېتىم ئاتوم سىنىقى قىلغان. خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىنىقىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇ يەردە نۇرغۇن بوۋاق مېيىپ تۇغۇلغان، ئۇ جايدا داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەللىكلەر ئوتتۇرىغا چىققان. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئاتوم سىنىقىنىڭ سەلبىي تەسىرىنىڭ يەنە 40 – 50 يىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئاتوم سىنىقىنى قازاقىستاننىڭ شەمەي رايونىدا قىلغان ئىدى. دۇنيادا تۈركىي مىللەتلەردەك ئاتومنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان باشقا بىر مىللەت يوق. 20 – ئەسىردىكى بەختسىز تۈركىي خەلقلەر شەرقىي تۈركىستانلىقلاردۇر، بۇ بەختسىزلىك 21 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ داۋاملاشماقتا.»

ئوبزورچى كۆزخان يازغان ئەپەندى، «يېڭى چاغ»گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا تۈرك دۇنياسىدىكى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

«بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى بىر مەسىلىگە تارتماقچىمەن. ئۇ، زېمىننىڭ تۈرك زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇلۇغ تۈركىستان دېيىشىمىز كېرەك. چۈنكى تۈركىستان دېگەن ۋاقتىمىزدا بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى يادىمىزغا كېلىدۇ. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنى غەربىي تۈركىستان دېگەن ۋاقتىمىزدا يادىمىزغا شەرقىي تۈركىستان كېلىدۇ. بىز پۈتۈن تۈركىستاننى بىر پۈتۈن دەپ قارايمىز. غەربىي ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھېچقاندىقىنى ئۇنۇتمايمىز. تۈرك دۇنياسىنىڭ شىمالىدىكى سىبىرىيەدىكى تۈركىي خەلقلەردىن ياقۇتىستان، چۇۋاشىستان ۋە قىرىم قاتارلىق جايلارنىمۇ ئۇنۇتمايمىز. تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق بەرپا قىلىنغاندا بۇ يەرلەرنىڭ ئىسمى قايتىدىن تۈركىستان بولىدۇ.»

About admin

Leave a Reply