خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا سەردار بول ئىسىملىك بىر تۈرك پائالىيەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ياكغۇز كىشىلىك نامايىش ئېلىپ باردى.

cin-konsoloslugunda-tek-kisilik-eylem-635250-664x354

نامايىشچى بۇ يەردە مۇخبىرلارغا بىر باياناتىدا،  ئىلگىرى ئىجتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلىرى ئارقىلىق بىر قىسىم ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى نامايىشقا چاقىرىق قىلغان بولۇپ، نامايىشقا ھېچ كىمنىڭ كۆرمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ۋە يالغۇز بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بايان قىلغان.

نامايىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ساقچى خادىملىرى خىتاي كونسۇلخانىنىڭ ئالدىغا توساقلارنى قورۇپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالغان يەنى بىكارغا ئاۋارە بولغان.

نامايىشقا ئالاقىدار نامايىش سىنئالغۇنى كۆرۈڭ

خىتاي كونسولخانىسى ئالدىدا قولىدا تۈرك بايرىقى بىلەن مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن سەردار بول ئىسىملىك نامايىشچى مۇنداق دېدى: بىر ھەپتە ئىلگىرى 27 ئۇيغۇرغا ئۈلۈم جازاسى بېرىلدى. ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىكار قىلىنىشى تەلەپ قىلىمەن. روزا تۇتۇش ۋە ساقال قويۇش دىنى ئىتقاد جەھەتتە جىنايەت ھېسابلانمايدۇ. ئۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا قارىتا زۇلۇم داۋام قىلىۋاتىدۇ، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ۋە پائالىيەت جازالىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

تەشكىللىنىش قابىلىيىتىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلغان نامايىشچى ياش، بۇ قېتىمقى يالغۇز كىشىلىك نامايىشتىن كېيىىن يەنە ئالدىمىزدىكى 6- ئايدا چوڭ تىپتا بىر نامايىش ئۇيۇشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلۋەتتە يالغۇز قالسىمۇ نامايىشنى بىكار قىلماي كۆكرەك كىرىپ خىتاي كونسولخانىسىنىڭ ئالدىدا ئاخباراتچىلارغا بايانات بەرگەن ۋە خىتاي زۇلۇمىغا ئۆلۈم جازالىرىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بۇ جاسارەتلىك يىگىتكە ئاپىرىن ئوقۇيمىز ۋە رەھمەت ئېيتىمىز.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەتقىقات ۋە تەشۋىقات بۆلۈمى –

About admin

Leave a Reply