جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاياللىرى كۈزلۈك ساياھەت پائالىيىتى ئېلىپ باردى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللاردىن بىر گۇرۇپپا ئاياللار 25- ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ چاملىجا ۋە دولما باغچە مۇزىيخانىلىرىنى زىيارەت قىلدى.

مائارىپ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەپتە ئىچى ۋە ھەپتە ئاخىرقى گۇرۇپىلاردا تەۋھىد، قۇرئان، تەپسىر، فىھقى، ھەدىس، تۈرك تىلى گۇرۇپىلاردا دەرس ئېلىۋاتقان ئاياللار 25- ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ چاملىجا ۋە دولما باغچە مۇزىيخانىلىرىنى زىيارەت قىلدى.

391231134584273

مائارىپ جەمئىيىتىمىزنىڭ ئاياللار بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەپتە ئىچى ۋە ھەپتە ئاخىرقى گۇرۇپىلاردا تەۋھىد،  قۇرئان، تەپسىر، فىھقى، ھەدىس، تۈرك تىلى گۇرۇپىلاردا دەرس ئېلىۋاتقان ئاياللار  25- ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ چاملىجا ۋە دولما باغچە مۇزىيخانىلىرىنى زىيارەت قىلدى.

قىز ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ ساياھەتكە ئانا ۋە بالىلاردىن بولۇپ 70 كە يېقىن كىشى قاتناشتى.

ئىستانبۇلنىڭ ئەڭ مەنزىرلىك ئىگىزلىكلىرىدىن بىرى بولغان چاملىچا ئىگىزلىكىدىن ناشتىلىق قىلدى ۋە ئەتراپتىكى ئىستانبۇلنىڭ ئىگىزلىكىدىن كۆرۈنگەن مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلدى.

پىشىن نامىزىنى مەسجىتتە ئوقۇغان ئاياللار ئىستانبۇلدىكى ئەڭ داڭلىق مۆزىيلاردىن بىرى بولغان دولما باغچە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

ئوسمانلى خەلىپىلىكىنىڭ  پادىشاھلىق بىنالىرى ئىچىدە ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ گۈزەل بىناسى بولغان، خەلىپىلىك دەۋرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىلىرىدىكى  سۇلتان ئابدۇلمەجىد خان تەرىپىدىن 1848- يىلى باشلىنىپ 1856 يىلى پۈتكەن بۇ ساراينىڭ ئىچى ھازىرغىچە ناھايىتى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىنغان بولۇپ،خانىم قىزلار ۋە قىز- ئوغۇل ئۈسمۈر پەرزەنتلەر خان سارىيىنىڭ سالاملىق ۋە ھەرەم رايۇنلىرىنى، قەدىمقى زامانغا ئائىت بولغان سائەت موزىيخانلارنى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ زىيارەتى ئۈچۈن بېقىلىۋاتقان ياۋا توخۇ، توز قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ قەپەزلىرى جايلاشقان رايۇنلارنى زىيارەت قىلدى.

بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە كەڭ مەزمونلۇق بولغانلىقىدىن مەمنۇن بولغان ئاياللار چۈشتىن كېيىن ناھايىتى خوشال كەيپىياتتا قايتىشتى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

About admin

Leave a Reply