تۈركىيىنىڭ بارتىن شەھىرىدە ئېچىلغان تۈرك دۇنياسى يىغىندا، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلىندى

تۈركىيىنىڭ بارتىن شەھىرىدە ئېچىلغان تۈرك دۇنياسى يىغىندا، شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا سۆز قىلىندى

تۈركىيىنىڭ بارتىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان ئىسمائىل گاسپىرالى تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار يىغىنىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا زۇلۇمغا ئۇچىرىغان تۈركلەر توغرىسىدا ئويۇشتۇرۇلغان بولۇپ، يىغىندا يەنە ئۇيغۇر ژۇرنالىست ئابدۇلئەھەد ئەر (ئارسلان تاش)، شەرقىي تۈركسىتاندا ئاخباراتچى بولۇشنىڭ رولى، ئەھمىيىتى ۋە مەجبۇرىيەت قىيىنچىلىقلىرى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى، ۋە ئۇيغۇر ئاخباراتچىلارنىڭ پىكىر – ئەركىنلىكى يوقلۇقى، ئاخباراتچىلار خىتاي دائىرلىرىنىڭ تەقىپ ئاسىتدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، پۈتۈن ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ نازارىتى ۋە تەقىبى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى، ھاكىمىيەتنى ۋە كومۇنىست پارتىيەنى تەنقىد قىلغان ھەر قانداق ئۇيغۇر ئاخباراتچىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، خىتاي تۈرمىسىدە نەچچە يۈزلىگەن بىگۇناھ ژۇرنالىستلارنىڭ ناھەق يېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە  ناھەق يېتىۋاتقان 20 نەپەر بىگۇناھ ئۇيغۇر ژۇرنالىستنىڭ ئىسىملىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى ۋە رەسىملىرى كۆرسىتىلدى.

 يىغىندا يەنە ئىلھام توختىنىڭ ناھەق تۈرمىگە قامالغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق – ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە ئىلھام توختىنىڭ باشقا ھېچ قانداق جىنايىتى يوق بىگۇناھ ئىكەنلىكى، خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشىنى ۋە ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا ئاخباراتچىلارنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىلدى.

 

 

About admin

Leave a Reply