بىر ئۇيغۇر ژۇرنالىست ئىسمائىل غاسپىرالى تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئابدۇلئەھەد ئارسلان تاش تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار ساھەسىدە تۈرك دۇنياسى  رادىئۇ پروگرامى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

تۈركىيىنىڭ بارتىن شەھىرىدە ئېچىلغان ئىسمائىل غاسپىرالى تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئارسلان تاش يىغىندا، شەرقىي تۈركسىتاندا ژۇرنالىست بولۇشنىڭ رولى، مەسئۇلىيىتى ۋە قىيىنچىلىقلىرى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

ب د ت ئىلىم – پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى (UNESCO) تەرىپىدىن 2014 – يىلىنىڭ ئىسمائىل غاسپىرالى يىلى ئېلان قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بارتىن ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى ۋە تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ژۇرنالستلار بىرلىكى ئۇيۇشتۇرغان ئىسمائىل غاسپىرالى تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار ۋە تۈرك دۇنياسى كىشىلىك ھوقۇق يىغىنى ئېچىلدى. 3 كۈن داۋام قىلغان يىغىننىڭ ئاخىرىدا «ئىسمائىل غاسپىرالى ژۇرنالىست ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرى»، 45 ساھە بويىچە 50 دىن ئارتۇق ئىدارە – ئورگان ۋە شەخىسلەرگە تارقىتىلىپ بېرىلدى. مۇكاپات ئالغۇچىلار قاتارىدا ئاخباراتچىلىق، كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى ۋە تۈرك دۇنياسى شېئىر ئوقۇش ساھەسى بويىچە ئىلھام توختى، مۇجاھىد قەشقەرلى، ئابدۇلئەھەد ئەر قاتارلىق 3ئۇيغۇرغىمۇ مۇكاپات بېرىلدى.

مۇكاپات مۇراسىمىغا بارتىن ۋالىيىسى سەيفىددىن ئەزىزئوغلى، بارتىن شەھەر باشلىقى جامال ئاقىن، بارتىن ئۇنۋېرىستىتىنىڭ رېكتورى رامىزان قاپلان، قىرىم تاتار مىللىي مەجلىس رەئىسى رىفات چۇبارۇف، ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى گانىرا پاشايىۋا، ئىراق تۈركمەن فورانتى رەئىسى ۋە كەركۈك پارلامېنت ئەزاسى ئېرشات سالىلى، سۈرىيە تۈركمەن پارلامېنت رەئىسى ئابدۇراخمان مۇستافا، تۈركىيىنىڭ سابىق تەبئى گاز ۋە ئېنىرگىيە مىنىستىرى زەكى چاكان، سابىق سەھىيە مىنىستىرى خېلىل شىۋگىن، ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەت فېدراسىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنگىز، تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، قىرىم، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان قاتارلىق تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە ژۇرنالىستلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

ئابدۇلئەھەد ئارسلان تاشنىڭ مۇكاپاتنى تۈركىيىنىڭ سابىق تەبىئى گاز ۋە ئېنىرگىيە مىنىستىرى زەكى چاكان تەقدىم قىلدى

مۇكاپات ئېلىش جەرىيانىدا سۆز قىلغان ئابدۇلئەھەد ئەر، تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركسىتاننىڭ ئاۋازىنى، قىيىنچىلىقلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق بىلەن داۋام قىلىدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنى ئۇيغۇر مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن، تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ خىزمەتنى قىلىشنىڭ ئۆزىنىڭ ئىنسانى مەجبۇرىيىتى دەپ بىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تەك كۈتىدىغىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

10644868_759124314155495_885896590600486605_n

ئاخىرىدا بۇ مۇكاپاتنى ئۆزىگە مۇناسىپ كۆرگەن تۈركىيە ژۇرنالىستلار بىرلىكى ۋە تۈركچە سۆزلىشىدىغان ئەللەر خەلقئارالىق ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىگە تەشەككۈر بىلدۈردى. 

About admin

Leave a Reply