«تۈرك دۇنياسى ۋە تۈركىيە» يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار خىتايغا چاقرىق قىلىندى

تۈركىيە مىللەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئايقۇت ئەدىبئالى خىتايغا خىتاب قىلىپ، «خىتاي تۈركىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشنى خالىسا، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركسىتاندىكى قان قېرىنداشلىرىمىزغا ئەركىنلىك بېرىشى، ئۇلارنىڭ دىنى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ھەق – ھوقۇقلىرىنى تولۇق بېرىشى كېرەك» دېدى.


مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان مىللەت ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن كېيىن رەسمىي باشلاندى.
يىغىنغا سۈرىيە ۋە ئىراق تۈركمەنلىرى، ئەزەربەيجان، قىرىم ۋە تاتار، نۇغاي، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن ئاممىۋىي تەشكىلات رەئىسلىرى، يازغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان، باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، ياۋرو – ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدراسىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز قاتارلىق شەخسلەر قاتناشتى.
يىغىندا تۈركىيە مىللەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئايقۇت ئەدىبئالى، 1984 – يىلى تۈنجى بولۇپ ئۈرۈمچى، تۈرپان، قەشقەرگە بىر مىنىستىر بولۇش سۈپىتى بىلەن بارغان تۈركىيىنىڭ سابىق سەھىيە مىنىستىرى خېلىل شىۋگىن، ياۋرو ئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدراسىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل چىنگىز قاتارلىقلار ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.
يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە مىللەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئايقۇت ئەدىبئالى ئەپەندى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالدى ۋە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەتنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا ھەر قايسى جايلاردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاش ۋە قىيىنچىلىقلار ئۈچۈن چارە ئىزدەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

_MG_3649

رەئىس ئايقۇت ئەپەندى سۆزىدە، مەرھۇم لىدەر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى خاتىرىلەپ ئۆتتى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر خاتىرىسىنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى: «خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى سۈمۈرىۋاتىدۇ، ئەمما بىزنىڭ بايلىقىمىزنى سۈمۈرگەنلىكىگە ئېتىرازىمىز بولمىدى، بىز پەقەت شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقنى، يوق قىلىشقا ئۇرۇنماسلىقنى تەلەپ قىلدۇق.»
ئايقۇت ئەدىبئالى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، شەرقىي تۈركىستانغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتكېن ھايات ۋاقتىدىن باشلاپ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيىنىڭ سابىق سەھىيە مىنىستىرى خېلىل شىۋگىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ 1984 – يىلى تۈركىيىنىڭ سەھىيە مىنىستىرى بولغان دەۋردە خىتايلار بىلەن بىر يۈرۈش دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قىلىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىر قانچە قېتىم تەلەپ قىلىش نەتىجىسىدە خىتاي تەرەپتىن روخسەت قىلىنغانلىقىنى، قەشقەرگىچە بېرىپ زىيارەت قىلغانلىقىنى، مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خېلىل شېۋگىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۆزىنىڭ تۈركىيىنىڭ بىر مىنىستىرى بولۈش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركسىتاننى زىيارەت قىلغان تۈنجى مىنىستىر بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا سۆز قىلغان باشقا مېھمانلار كۆپىنچىسى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
يىغىننىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن ئېچىلىدىكەن، بۇ يىغىندا، ئىسمائىل چىنگىز، ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، ئەكبەر ياسا قاتارلىق شەخسلەر سۆز قىلىدىكەن ۋە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

_MG_3665 _MG_3666
يىغىن ئاخىرىدا تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا قارار ئېلىنىپ ئېلان قىلىنىدىكەن.
ئايقۇت ئەدىبئالى سۆزىدە يەنە، خىتاي دائىرىلىرىگە خىتاپ قىلىپ، خىتاي تۈركىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشنى خالىسا، ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركسىتاندىكى قان قېرىنداشلىرىمىزغا ئەركىنلىك بېرىشى، ئۇلارنىڭ دىنى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى تولۇق بېرىشى كېرەك» دېدى.

بىز ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر – قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيە مىللەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئەدىبئالى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئەدىبئالى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، دىنى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ يوق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق قايغۇلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈچۈن چوڭ تۆھپىلەر قوشقان ئۇيغۇرلارنىڭ قەغەزنى ئىجاد قىلىپ ئىنسانىيەتكە چوڭ تۆھپە قوشقانلىقىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا ياشاۋاتقانلىقىنى، خىتاي زۇلۇم قىلىش بىلەن بىر مىللەتنى باشقۇرۇپ كېتەلمەيدىغانلىقىنى، زۇلۇم ئەبەدىي داۋام قىلمايدىغانلىقىنى، زۇلۇم بىلەن ئىدارە قىلىش بەلكىم زالىملارنىڭ يوقىلىشىنىڭ باشلانغۇچى بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان ئاۋازلىق پروگراممىنى بۇ يەردىن ئاڭلاڭ

About admin

Leave a Reply