مۇھىم ئۇچۇرلار

تۈرك دۇنياسى ۋە تۈركىيە دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا شەرقىي تۈركستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

IMG_3742

تۈركىيىنىڭ ئەفيون قاراھىسار شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان تۈرك دۇنياسى ۋە تۈركىيە دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلۋاتقان يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.
2014 – يىلى 11- ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن – كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىننىڭ ئىككىنجى كۈنىدىكى يىغىلىشتا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن، تۈركمەن، ئەزەربەيجان، نوغاي، بۇلغارىستان تۈركلىرى، قاراپاپاق تۈركلىرى، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ ئۆز خەلقلىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ئەھۋالىدىن دوكىلات بەردى.
بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ۋە باش كاتىپ ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، ياۋروئاسىيا تۈرك جەمئىيەتلەر فېدراسىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل جېنىگىز ئەپەندىلەر قاتناشتى.
يىغىندا ئالدى بىلەن تۈركىيىنىڭ مەشھۇر سىياسىيونى مىللەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئايقۇت ئەدىبئالىي، سابىق مىنىستىرلاردىن ئابدۇلخالىق چاي، ئەنىس ئۆكسۈز، خېلىل شىۋگىن، تۈرك پارلامېنتلەر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھەسەن قورقمازجان، پروفېسسۇر يازغۇچى زەكەرىيا كىتابچى، پروفېسسۇر سالىھ ئاينۇرال، پروفېسسۇر ئەكرەم سائەتچى ئوغلى، ئىسمائىل جىنگىز قاتارلىق رەھبەرلەردىن تەركىپ تاپقان بىر كېڭەش ھەيئىتى تەشكىللەندى.
ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا 10 تۈرلۈك تەلەپ ۋە تەكلىپ يېزىپ تۈرك دۇنياسى كېڭەش ھەيئىتگە سۇندى.
يىغىنغا مىللەت پارتىيىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام رەھبەرلىرى 81 شەھەردىكى شۆبە رەئىسلىرى، مىللەت جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىندا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا جەمئىيەت رەئىسلىرى ۋە ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلار سۆز قىلدى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا توختالدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتتى.
يىغىندا سۆز قىلغۇچىلاردىن مىللەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئايقۇت ئەدىبئالى، گەبزە ئالى تېخنىكۈم ئۇنىۋېرىستتىنىڭ رېكتورى سالىھ ئاينۇرال، سابىق سەھىيە مىنىستىرى خېلىل شىۋگىن قاتارلىق كىشىلەر ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
يىغىن زالىغا چوڭ ئىكران قويۇلغان بولۇپ، ئىكراندا تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ بايراقلىرى نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ كۆرۈنۈپ تۇردى.
يىغىن ئاخىرىدا ھەر قايسى ۋەكىللەردىن تۈرك دۇنياسى ۋە ئۆز خەلقى دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا تەلەپ ۋە تەكلىپلەر تەلەپ قىلىندى.
ئىگەللىنىشچە تۈرك دۇنياسىغا ئالاقىدار سۇنۇلغان تەلەپ ۋە تەكلىپلەردىن مۇۋاپىق كۆرۈلگەنلىرى تەستىقلىنىپ قارارلاشتۇرۇلىدىكەن.

شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان ۋە باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان بۇ يىغىن جەرىيانىدا دۇنيانىڭ ۋە تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇھىم كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تونۇشۇش ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر – ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش قاتارلىق بىر يۈرۈش پائالىيەتلەر ئېلىپ باردى.
شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەشۋىقات ۋە تەتقىقات بۆلۈمى

 

About admin

Leave a Reply