جەمئىيىتىمىز مەركىزىدە تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

logo

 2014 – يىلى 11- ئاينىڭ 12 – كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋ ە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەت مەركىزىدە تارىختا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

12 – نويابىر 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 –  يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن خەتمە قۇرئان تاماملاندى ۋە شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى.

يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىدىن ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان رىياسەتچىلىك قىلدى.

كېيىن جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى. ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە بۈ كۈننىڭ ناھايىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر كۈن ئىكەنلىكىنى، بۇ كۈندە شەرقىي تۈركىستاندا ئىككى قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

IMG_5937

 12 – نويابىر 1933 – يىلى قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. ئەمما بۇ دۆلەت خىتاي ۋە رۇسلارنىڭ تىل بىرىكتۈرشى بىلەن ئۇزۇن سۈرمەي يىقلدى.  شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇستەقىللىق ئىرادىسىدىن ۋاز كەچمەي  جاپالىق كۈرەش قىلىش نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستاننى  دۈشمەن كۈچلەردىن تازىلاپ 12 – نويابىر 1944 – يىلى يەنە شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشقا مۇۋاپپىقىيەت بولدى. شەرقىي تۈركسىتان جۇھمۇرىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ئۈلگە بولۇشىدىن قۇرققان سىتالن باشچىلىق رۇسلار شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە سۈيقەست قىلىپ بۇ ھۆكۈمەتنى يىقىتىۋەتتى  ۋە خىتاينىڭ ئىشغال قىلىشىغا ياردەم بەردى.

12 – نويابىر مانا مۇشۇ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان مۇھىم بىر كۈندۇر. پۈتۈن شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ يەنە بىر قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركسىتان دۆلىتى قۇرۇشىغا ئىشىنىمەن ۋە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.

مۇراسىمدا يەنە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرلەپ تەييارلانغان ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

كېيىن جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇساجان تارىختا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش جەرىيانى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى دېگەن تېمىدا تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىنىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

ماقالىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تەشكىلى ئاپپاراتلىرى، قۇرۇلۇش جەرىيانلىرى ۋە يىقىلىش سەۋەبلىرى توغرىسىدا تەپسىلى توختالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: 11 _ ئاينىڭ 12 _ كۈنى شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن، بۇ كۈندە شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ھۆرلۈك ۋە ئازادلىققا ئېرىشىپ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرغان تارىخى بىر كۈن، بۇ كۈن 1933 _ يىلى قەشقەردە 1944 _ يىلى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بىر كۈن، بۇ كۈندە شەرقىي تۈركىستان خەلقى تارىختىن بۇيان تارتىپ كەلگەن زۇلۇم ۋە بېسىملارنى ئۇنتۇپ خۇشاللىققا چۈمگەن بىر كۈن. ئېچىنىشلىق كۈلپەتلەردىن كېيىن ئومۇمىي خەلقنىڭ ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىق ئارزۇ – ئارمانلىرى ئەمەلگە ئېشىپ بايرام تەنتەنىسى ئۆتكۈزگەن بىر كۈن. بۇ كۈن ئىشغالىيەتكە خاتىمە بېرىلىپ ئىستىقلال بايرىقى شەرقىي تۈركسىتان ئاسمىنىدا جەۋلان قىلغان بىر كۈن، بۇ كۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى مۇستەقىللىق ھاياتنى يېڭىدىن باشلىغان بىر كۈن. بۇ كۈن شەرقىي تۈركسىتان خەلقى، ئازادلىق ۋە ھۆرلۈكنىڭ، مۇستەقىللىق ۋە دۆلەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا شاھىت بولغان بىر كۈن.  ھەق بىلەن باتىل دوست بىلەن دۈشمەننىڭ مەيدانى  ئايرىلغان بىر كۈن. بۇ كۈن مۇسۇلمانلار ئەزىز، كاپىرلار رەزىل بولغان بىر كۈن. بۇ كۈن ۋەتەن خەلق ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان يۈزمىڭلىغان شەھىدلەرنىڭ روھى شاتلىققا چۈمگەن بىر كۈن. بۇ كۈندە شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ ئالقىش سادالىرى ئاسمان زېمىننى زىل – زىلگە سالغان ئوتلۇق بىر كۈن. مانا بىز بۈگۈن شانلىق تارىخىمىزغا شاھىد بولغان كۈننى ئەسلەپ، شەھىدلەرنى خاتىرلەپ ئولتۇرۇۋاتىمىز.

ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن پەلەكنىڭ چاقى تەتۈر چۆگىلەپ، خەلقىمىزنىڭ بۇ خۇشاللىق كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارماي يېرىم يولدا قالدى. دىن دۈشمەنلىرى، ئىسلام دۈشمەنلىرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تارىخى دۈشمەنلىرى بولغان رۇس ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى خائىن مىللەت بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزگە بەرگەن ۋەدىلىرىدە تۇرمىدى، ئىمزا قويغان كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلمىدى، ئۇرۇشتا تەڭ كېلەلمەي يېڭىلىپ قالغان بۇ دۈشمەنلەر، ھىيلە – مىكىرلىك، ئالدامچىلىق بىلەن شەيتانى ئويۇنلارنى ئويناپ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى قايتىدىن ئىشغال قىلىۋالدى.

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش نازىرى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم تارىختا قۇرۇلغان بۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلەر توغرىسىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە سابىت داموللام ۋە خۇجانىياز ھاجىنىڭ ھاياتىدىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئالاھىدلىكلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

تارىخى ئىسپاتلارغا قارايدىغان بولساق، يېقىن تارىختا قۇرۇلغان 1933 ۋە 1944 – يىللاردا قۇرۇلغان ھەر ئىككى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشىدا خىتاي ۋە رۇسنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئالىدىغانلىقى، كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلمىغانلىقى ۋە خىيانەت قىلغانلىقىنى ئۇچۇق كۆرگىلى بولىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇرۇش قىلىشقا ماھىر، جاسارەتلىك قەھرىمان خەلق، تارىخقا قارايدىغان بولساق خەلقىمىز ھېچ قاچان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ئەمەس، بەلكى ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىيىلىك تۈپەيلىدىن دۈشمەننىڭ ھىيلە – مىكىرلىرىگە ئالدىنىپ كەتكەن.  دۈشمەن كۈچلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۇرۇش قىلىپ ئەمەس ئالدامچىلىق ۋە خىيانەتچىلىك بىلەن بېسىۋالدى. تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئالدىنىپ كېتىشى، رۇس ۋە خىتايلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈشى بىلەن سابىت داموللامنى شەھىد قىلىشى، خۇجىنىياز ھاجىمنىڭ ئالدىنىپ كېتىشى، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ سۈيقەستكە ئۇچىرىشى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ تارىخى ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي ۋە رۇسلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئالدىغان ۋە خىيانەت قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتلىرى ھېساپلىنىدۇ. ئاقكۆڭۈل قەھرىمان خەلقىمىز دۈشمەنلەرنىڭ ئالدامچىلىق ۋە خىيانەت قىلىشى بىلەن شەھىد قىلىندى. مۇستەقىل دۆلىتىمىز قولدىن كەتتى.

 كۆپ قىسمى ئۇرۇش، ئىشغالىيەت، ئىنقىلاب، قوزغىلاڭ ۋە قىرغىنچىلىقتىن ئىبارەت قانلىق ۋەقەلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئېچىنىشلىق كەچمىشنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن ھازىرغىچە يورۇقلۇققا چىقالماي، زۇلمەتتىن نۇر ئىزدەپ كېچە – كۈندۈز كۈرەش قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھازىرقى مەدەنىيەت دەۋرىدىمۇ ئىنساندەك ياشاش ھەق – ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ھالدا ياشىماقتا.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى ھېچ قاچان ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلمىدى،  بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، دۇنيادا مۇستەقىل، ھۆر ياشاش ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەر تۈرلۈك تىل، دىن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە دۈچ كېلىۋاتقان ئاسىملىياتسىيە بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. غەلىبە ۋە نۇسرەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەشچان باتۇر ئوغلانلارنى كۆپلەپ يېتىشتۇرۇپ چىقىش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركسىتان ئاللاھنىڭ پەزلى – مەرھەمىتى ۋە خەلقىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن چوقۇم ئازاد بولىدۇ، بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل. پات ئارىدا شەرقىي تۈركسىتان خەلقى ئازاد بولۇپ ھەممىمىز مۇستەقىل شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام بايرىقى ئاستىغا جەم بولىمىز، ئىنشائاللاھ.

 

يىغىندا يەنە پىشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زاتلاردىن ئابدۇلقادىر ياپچان ۋە پروفېسسۇر سولتان مەخمۇت قەشقەرلى ئەپەندىلەر، 1933 – يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان  شەرقىي تۈركسىتان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى، 1944 – يىلى غۇلجىدا قۇرۇلغان  شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى ۋە مۇھىم پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

Hotels Booking.url

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەتقىقات بۆلۈمىدىن – ئۈمىد ئۇچقۇن

About admin

Leave a Reply