مىڭ جىيەنجۇ باشچىلىقىدىكى بىر خىتاي ھەيئەتنىڭ ئەنقەرە زىيارىتى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلارنى غەزەپلەندۈردى

 2014 – يىلى 18- نويابىر سەيشەنبە كۈنى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى مىڭ جىيەنجۇ باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى.

بۇ زىيارەتكە ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىمۇ بىرگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ بۇ كىشىنىڭ خىتايمۇ ياكى ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانمىدى.

خىتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ زىيارەت توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەسمى تور بېتىدە بىر بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ زىيارەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت بىلەن كۈزىتىۋاتقانلىقى، زىيارەتتە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىسىتىرىنىڭ ئورۇن  ئېلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى ئالامەت ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ زىيارەت توغرىدا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت رەئىسى ئەردۇغان،  مىڭ جىيەنجۇ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھەيئىتىنى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

مۇخبىرلارغا يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇچرىشىشتا نېمە توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى مەخپى تۇتۇلدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ پەقەت رەسىم تارتىۋېلىشىغا روخسەت قىلىندى. 

بۇ ئۇچرىشىشتا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەردۇغاننىڭ يېنىدا تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى خاقان پىدان قاتارلىق 7 نەپەر دۆلەت رەھبەرلىرى ئورۇن ئالدى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى مىڭ جىيەنجۇ ۋە باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئالامۇ قوبۇل قىلدى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئۇچرىشىشقا خىتاي ھەيئىتى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان خىتاي دۆلەت جامائەت خەۋپسىزلىك نارازىتىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرىمۇ قاتناشتى.

ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھەمكارلىق قەدەملىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتاي ھەيئىتى يەنە تۈركىيە باش مىنستىر ياردەمچىسى ئەلى باباجان، تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى باش كاتىپى سەيفۇللاھ ھاجىمۇفتى ئوغلى بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇچراشقان. خىتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ ئۇچرىشىشلىرى مۇخبىرلارغا يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ بۇ زىيارەتتە نېمە توغرىدا سۆزلەشكەنلىكى توغرىدا ھېچ قانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.

تۈركىيە مەتبۇئاتلاردا بۇ ھەقتە بېرىلگەن ئۇچۇرلاردا، ئىككى تەرەپنىڭ پەقەت، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك توغرىدا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز – ئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 خىتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ زىيارەت توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەسمى تور بېتىدە بىر بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ زىيارەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققەت بىلەن كۈزىتىۋاتقانلىقى، زىيارەتتە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىسىتىرىنىڭ ئورۇن  ئېلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى ئالامەت ئەمەسلىكى تەكىتلەنگەن ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ زىيارەت توغرىدا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: چەتئەللەردىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ زىيارەت شەرقىي تۈركسىتانلىقلار تەرىپىدىن ئەندىشە ئىچىدە كۈزىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ، نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇ خىتاي ھەيئىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر سەزگۈر ۋەزىيەتتە بۇ زىيارەتنى ئېلىپ بېرىشنىڭ مەقسىتى ئېنىق بولسىمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بىر مەنتىقلىق چۈشەنچە بېرىشىنى كۈتىمىز. يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركسىتاندا ئىشغال بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن شىددەتلىك بىر شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقان قۇراللىق باستۇرۇشلار، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەر، قەتلىئام ۋە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشى بىلەن ئانا ۋەتىنىنى تاشلاپ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلەر، كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار بىلەن مىڭ بىر مۇشەققەت ۋە پاجىئەلىك قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەر، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيىنىڭ رايوندىكى مۇرەككەپ قىيىنچىلىقلار بىلەن تىپىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىگە ئوخشاش سەزگۈر تەشكىلاتلارنىڭ تۈركىيىگە كېلىشى ھېچ بىر ياخشى ئالامەت ئەمەس. 

خىتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ پەردە ئارقىسىغا نېمىلەر يوشۇرۇنغان، بۇ زىيارەتنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن خىتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ تەپسىلاتى مۇخبىرلارغا يېپىق ھالدا ئېلىپ بېرىلدى؟ ھۆكۈمەت نېمە ئۈچۈن بۇ ئۇچرىشىشتا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىشىىنى خالىمايدۇ؟ بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئۇيغۇر زىيالى ئازادجان بۇغرا ئەپەندىلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ئاڭلىغايسىلەر.icon-listen

icon-download

سىنئالغۇنىڭ ئۇلىنىشى:

 

http://www.youtube.com/watch?v=ZojV8LaQZNw&feature=youtu.be

 

ئارسلان تاش خەۋىرى

About admin

Leave a Reply