بۇلەنت ئارىنچ : شەرقىي تۈركسىتانلىق تۈركلەرنى ئونۇتمايلى

bulent-Arinc

 تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بۇلەنت ئارىنچ بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركسىتانلىق تۈركلەرنى ئونۇتمايلى، دېدى.

تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى بۈلەنت ئارىنچ ئەنقەرەنىڭ سىنجان تەنتەربىيە سارىيىدا ئېچىلغان ئادالەت ۋە تەرەقىيات پارتىيسىنىڭ ئەنقەرە شەھەرلىك چوڭ يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ : شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنى ئۇنۇتمايلى، دېدى.

مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچ يىغىندا ئەنقەرەنىڭ سىنجاڭ رايۇنىدا ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان نىشان ۋە غايىلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: سىنجاڭ كەلىمىسى شانى شەۋكەتلىك ۋە جۇشقۇن ئىنسانلارنىڭ مەملىكىتى، دېگەن مەنىدەدۇر. بۇ ئىسىم پەقەت ئەنقەرەدە  ئەمەس بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىدىمۇ يەر نامى بولۇپ قوللىنىلىدۇ.

مىنىستىر بۈلەنت ئارىنچ سۆزىدە، خىتاينىڭ ئاسىمىلىياتسىيە سىياسىتى ئاستىدا قالغان ئۇيغۇرلارنى ئاتا يۇرتىنىڭ قانىغان بىر يارىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ئۇ يەرنىڭ ھازىرقى ئىسمىمۇ شىنجاڭ ئاتىلىپ كېلىۋاتىدۇ بىراق شۇنىسى ئېنىقكى ئۇ يەردىكى قېرىنداشلارنى ناھايىتى شانى شەۋكەتلىك، جۇشقۇن بىر ھاياتتا ياشاۋاتىدۇ، دېيەلمەيمەن، چۈنكى ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئىنتايىن ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇ يەردە ئىنتايىن چوڭ قىرغىنچىلىقلار بولىۋاتىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايلى. ئۇ يەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا دۇئا قىلايلى. ئۇلار بۇ زۇلۇمدىن بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق قۇتۇلۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى.

بۇلەنت ئارىنچ سۆزىدە يەنە ئۆتكەن يىللاردا تۈركىيە باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ  شۇنچە توسالغۇلارنى يېڭىپ ئۇيغۇر دىيارىنى، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى  زىيارەت قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئەينى زاماندا تۈركىيەنىڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىپسىنى ئۆتەۋاتقان  ھازىرقى جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان ، ئەينى زاماندىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇد ئوغلى خىتاي دۆلىتىگە بارغاندا تۈرلۈك توسالغۇلارنىڭ بۇلۇشىغا قارىماي ؛مەن بۇ زىيارەتنى شەرقىي تۈركىستاندىن باشلايمەن، دەپ تۇرۇپ ئۈرۈمچىگە باردى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتەيلى. ئۇلارنىڭ ئازادە ، ھۆر ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى.

خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى مىڭ جىيەنجۇ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھەيئەتنىڭ تۈركىيىگە كېلىشى بىلەن تەڭ مۇشۇنداق بىر باياناتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىر تاسادىپىلىقمۇ ياكى مەقسەتلىك خىتايغا بېرىلگەن بىر سىگنالمۇ؟ بۇ تەرىپى ئېنىق ئەمەس، ئەمما مىنىستىر بۇلەنت ئارىنچنىڭ بۇ باياناتى مەتبۇئاتلاردا كەڭ تارقالدى.

ئارسلان تاش خەۋىرى

About admin

Leave a Reply