خىتاي ھەيئىتىنىڭ ئەنقەرە زىيارىتىگە قارىتا جەمئىيىتىمىزنىڭ باياناتى

بۇ زىيارەتنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى ئالامەت ئەمەس ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ زىيارەت توغرىدا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز

خىتاي ھەيئىتىنىڭ ئەنقەرە زىيارىتىگە قارىتا جەمئىيىتىمىزنىڭ باياناتى

خىتاي ھەيئىتىنىڭ بۇ زىيارەتتە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىسىتىرىنىڭ ئورۇن  ئېلىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى ئالامەت ئەمەس شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ زىيارەت توغرىدا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز.

چەتئەللەردىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ زىيارەت شەرقىي تۈركسىتانلىقلار تەرىپىدىن ئەندىشە ئىچىدە كۈزىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ، نېمە بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇ خىتاي ھەيئىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر سەزگۈر ۋەزىيەتتە بۇ زىيارەتنى ئېلىپ بېرىشنىڭ مەقسىتى ئېنىق بولسىمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن بىر مەنتىقلىق چۈشەنچە بېرىشىنى كۈتىمىز. يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركسىتاندا ئىشغال بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن شىددەتلىك بىر شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقان قۇراللىق باستۇرۇشلار، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەر، قەتلىئام ۋە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىشى بىلەن ئانا ۋەتىنىنى تاشلاپ دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەتلىرىدە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئائىلىلەر، كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار بىلەن مىڭ بىر مۇشەققەت ۋە پاجىئەلىك قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەر، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ۋە تۈركىيىنىڭ رايوندىكى مۇرەككەپ قىيىنچىلىقلار بىلەن تىپىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكىگە ئوخشاش سەزگۈر تەشكىلاتلارنىڭ تۈركىيىگە كېلىشى ھېچ بىر ياخشى ئالامەت ئەمەس. 

بىز شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىىمىز بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئالدامچىلىق ۋە ھىيلە – نەيرەڭلىرىگە ئالدانماسلىققا، ئۇيغۇرلارنى تېرورچى كۆرسىتىشكە ئورىنىۋاتقان زالىم دىكتاتۇرخىتاي ھاكىمىيىتىگە ئىشەنمەسلىككە، تارىخىي، دىنىي ۋە مىللىي باغلىنىشلىق مۇناسىۋتىىمىزگە، ئورتاق قىممەت قاراشلىرىمىزغا ھۆرمەت كۆرسىتىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۇچۇق مەيداندا تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىمىز.

شەرقىي  تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى 

About admin

Leave a Reply