تۈركىيەنىڭ ئېلازىغ ۋىلايىتىدە شەرقى تۈركىستان ھەققىدە كۆرگەزمە ئېچىلدى

018

2014- يىلى 11- ئاينىڭ 21- كۈنى ۋە 24- كۈنلىرى ئارىسىدا ئېلازىغ ئۈلكە ئوجاقلىرى تەلىم- تەربىيە ۋە مەدىنىيەت ۋەقڧىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئېلازىغ ۋىلايىتىدە شەرقى تۈركىستان ھەققىدە مەخسۇس كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

كۆرگەزمە پائالىيىتىگە ئېلازىغ ئۈلكە ئوجاقلىرى، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى. بۇ كۆرگەزمىگە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىۋى ئابدۇل ئەھەت ئابدۇ راخمان قاتارلىق ئىككى كىشى بېرىپ قاتناشتى.
ئېلازىغدا ئېچىلغان بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە پائالىيىتى ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە سابىق ئېلازىغ شەھەر باشلىقى ۋە ھەرقايسى تەشكىلات، ئۇرۇنلاردىن كۆپلىگەن كىشىلەر ئىشتىراك قىلىدى. 22- كۈنى كەچتە ئېلازىغ نىڭ تېلىۋىزۇر قاناللىرىدىن بىرسى بولغان قانال 23 ئابدۇل ئەھەت ئابدۇ راخماننى تەكلىپ قىلىپ، كەچ سائەت 18:00 دە نەخ مەيداندا مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

 

About admin

Leave a Reply