ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان ۋە كاپكاسىيەدە جىمجىت قىرغىن دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2014- يىلى 24 – نويابىر دۈشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى بىلگى ئۇنىۋېرىستىتى ياشلار كۇلۇبىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇنىۋېرىستىت زالىدا، «شەرقىي تۈركىستان ۋە كاپكاسىيەدە جىمجىت قىرغىن» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا بىلگى ئۇنىۋېرىستىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇغۇچىسى فاتىھ ئەتكە رىياسەتلىك قىلدى.

يىغىنغا شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلىپ شەرقىي تۈركسىتان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى.

ھىدايەتۇللاھ ئۇغۇزخان ئالدى بىلەن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان بىلگى ئۇنىۋېرىستىتى ياشلار كۇلۇبىغا تەشەككۈر ئېيتىش بىلەن سۆزىنى باشلىدى. ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۈچ كېلىۋاتقان دىنى، مىللىي مەدەنىيەت، تىل – يېزىق ۋە مائارىپ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى، خىتاي دائىرلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى چەكلىمىلىرىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى.

يىغىنىدا ئۆزبېكلەر بىرلىكىنىڭ رەئىسى پروفېسسۇر ئەلىبەي يولياخشى،  «ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۆزبېكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنى رۇسىيىنىڭ يېتىشتۈرگەن كوممۇنىست ئەمەلدارلار ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ ھازىرغىچە دىكتاتۇر تۈزۈمدىن تولۇق قۇتۇلالمىغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئەلىبەي يولياخشى ئەپەندى سۆزىدە يەنە 2005 – يىلى ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن ئەندىجان قەتلىئامىنى رۇس ياكى خىتاي ئەمەس بەلكى ئۆزبېك لىدەرى كەرىمۇفنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، خەلقنىڭ ئارزۇ  ۋە تەلەپلىرىنى ئورۇنلاشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئۆزبېكىستاننىڭ تېخى تولۇق مۇستەقىل بولالمىغانلىقىنىڭ كۆرسەتمىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

پروفېسسۇر ئەلىبەي يول ياخشى ئەپەندى سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان دەپ ئايرىماستىن بۈيۈك بىر تۈركىستان دەپ قاراش كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

 

مۇھاجىرلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئادەم چېۋىك، تۈركىستان ۋە كاپكاز خەلقلىرىنىڭ خۇسۇسىيىتىندە مۇھاجىرلىق، دېگەن تېمىدا، تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كامال يولداش ئەپەندى، «تۈركىستاندا يۈز بەرگەن زۇلۇم ۋە تۈركىيىنىڭ تۈركىستانغا قارىتا قېرىنداشلىق چۈشەنچىسى» دېگەن تېمىدا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، «شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم ۋە ھازىرقى ئەھۋالى» دېگەن تېمىدا، ئۇيغۇر زىيالى ئابدۇلئەزىز بەش توغراق، «ئۇيغۇر تۈركلىرى ۋە رايون خەلقى» دېگەن تېمىدا، ئىنسانىي مۇداپىئە ۋە قېرىنداشلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇرات ئۆزەر، «كاپكازىيىگە ئومۇمىي قاراش ۋە چېچەنىستان كۈرىشى، تۈركىيىنىڭ كاپكازىيىگە نىسبەتەن قېرىنداشلىق چۈشەنچىسى» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.

يىغىندا ئاساسلىقى پۈتۈن سۆز قىلغۇچىلار، شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركسىتان خەلقلىرىنىڭ تارىختا بىرلىك ئىچىدە ياشاپ كەلگەنلىكىنى،   رۇس ۋە خىتاي بۇلارنى پارچىلاپ باشقۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك دەپ بىر قانچە ئاتالغۇلارنى قوللىنىپ پارچىلىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان دېمەستىن بەلكى پۈتۈن بىر تۈركىستان دەپ ئاتىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇيغۇر زىيالى ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇرلار تارىختا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇت قەشقىرىگە ئوخشاش بۈيۈك ئالىملارنى يېتىشتۈرگەن ئىلىم سۈيەر مەرىپەتپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى ئەمما بۈگۈنكى كۈندە  خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر ياشلىرىنىى ناخشا – مۇزىكىغا قىززىقتۇرۇپ ناخشا – مۇزىكا بىلەن بولغۇغانلىقىنى ، ئۇيغۇر خەلقى ناخشا – مۇزىكىسىز ياشىيالمايدۇ، ھەر بىر ئۇيغۇر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ تۇغۇلىدۇ، دېگەندەك سەپسەتىلەرنى تەشۋىق قىلىپ ئىنسانلارنى ئىلىم – مەرىپەت ئېلىشنىڭ ئورنىغا ناخشا – مۇزىكىغا قىززىقتۇرۇپ زېھىنلىرىنى زەھەرلىگەنلىكىنى بۇ ئارقىلىق خەلقنى نادان قالدۇرغان بولسىمۇ يەنىلا بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن قۇرئان كەرىمنى تەرجىمە قىلغان مۇھەممەد سالھقا ئوخشاش،  ئامېرىكا ناسا شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان ئەركىن سىدىققا ئوخشاش نۇرغۇن ئالىملارنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان بىلگى ئۇنىۋېرىستىتى ياشلار كۇلۇبىنىڭ رەئىسى فاتىھ ئەتكە ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشىتىكى مەقستى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بىز مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن قايسى مىللەتتىن بولسۇن قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم قىلىش، دەرت – ئەلەملىرىگە دەرمان بولۇش مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىمىز بار دەپ ئېتىقاد قىلىمىز شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كاپكازىيە، تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى جىمجىت قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلىتىش ۋە بۇنىڭغا دىققەت تارتىش، بۇ قىرغىنچىلىقلارغا قارشى كىشىلەردە ھېس – تۇيغۇ پەيدا قىلىش، رۇسىيىنىڭ ۋە خىتاينىڭ زۇلۇم ئاستىدا قالغان كىشىلەرنىڭ دەرد ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش مەقسەتتە بۇ يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

bilgiu004 bilgiu002 bilgiu003 bilgiu001

ئارسلان تاش خەۋىرى

About admin

Leave a Reply