كۆچمەنلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلىرى توغرىسىدا يىغىن

ئىستانبۇلدا كۈچمەنلەرنىڭ ئالدىنقى ياشاش ھوقۇقلىرى دېگەن تېمىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇلدا بۈگۈن يەنى 2014 – يىلى 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ئىستانبۇلدا كۈچمەنلەرنىڭ ئالدىنقى ياشاش ھوقۇقلىرى دېگەن تېمىدا بىر مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇلدىكى ئى ھا ھا ئىنسان ھەق ۋە ھۇررىيەتلىرى ۋە ياردەم فوندىنىڭ مەركىزىدە ئېچىلغان بۇ يىغىننى ئىستانبۇلدا پائالىيەت قىلىۋاتقان 8 ئاممىۋىي تەشكىلات بىرلىكتە ئۇيۇشتۇردى.

يىغىندا خەلقئارا كۆچمەنلەر ھەق – ھوقۇقلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئۇغۇر يىلدىرىم، ئى ھا ھا ئىنسان ھەق ۋە ھۇررىيەتلىرى ۋە ياردەم فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياشار قۇتۇلئاي، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى مۇرات چېكىجى، مەزلۇم دەر مۇساپىرلار ھەقلىرى جەمئىيىتىدىن ھېلىم يىلماز قاتارلىق كىشىلەر سۆز قىلىپ، سۈرىيە كۆچمەنلىرى، پەلەستىن ۋە شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا توختالدى.

بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆز قىلىپ ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، دۈچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاپ قىلىپ، تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 300 نەپەر ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى تۈركىيىگە كەلتۈرۈشتە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ دادىل قەدەم بېسىشىنى، پۈتۈن ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇلارنى قۇتۇلدۇرۇش ئىشىنى تىزلىتىشنى، ئۇلارنى خىتاينىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلدۈرۈش ئۈچۈن جىددى ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئەكىسچە بولغاندا ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋىپ ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

10525971_770534279681165_3840827439381093755_n

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ۋە ياكى يېڭىدىن كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا توختالدى ۋە تۈركىيىدە بولۇپمۇ ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ تەن ساغلىقى ئۈچۈن دوختۇرخانىدا داۋالىنىشتا، ئىقامەت ئېلىشتا، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتۇشتا، ئۆي ئىجارىسى بېرىشتە شۇنداقلا بۇ يەرگە ماسلىشىپ ياشاشتا قىيىنچىلىققا ئۇچىراۋاتقانلىقىنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بۇ ھەقتە بىر يۈرۈش خىزمەت – پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ يېتەرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ھەقتە ھەمكارلىشىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئارسلان تاش

 

 

About admin

Leave a Reply