مۇھىم ئۇچۇرلار

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى جەمئىيىتىمىزنىڭ باياناتى

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى ئېلان قىلغان بايانات

DoğuTürkistan

كىشىلىك ھوقۇق ھەر بىر كىشىنىڭ ئىنسان بولۇپ يارىتىلىشى بىلەن تەڭ ياراتقۇچى بولغان قۇدرەتلىك ئاللاھ تەرىپدىن،ئۇنىڭغا بېرىلگەن ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ ئاساسىي مەنبەسىدۇر. ئىنسانلار ئۆز قەدىر _ قىممىتى بىلەن ياشاش ئىنساننىڭ تەبىئىي ھەق ۋە ھوقۇقىدۇر، ھېچ كىمنىڭ ئىنسانلارنى ئېزىپ، دەپسەندە قىلىش ھەققى بولمايدۇ.

بۇنىڭدىن 65 يىل ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى قوبۇل قىلىندى ۋە بۇ خىتابنامىدىكى كشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا دائىر ماددىلارغا خىتاي قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىمزا قويدى. ئەمما خىتاي شەرقىي تۈركسىتاندا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلماقتا. خىتاي ب د ت نىڭ ئۆزى ئىمزا قىلغان كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىگە خىلاپلىق قىلىپ ئېغىر دەرىجىدە جىنايەت ئۆتكۈزمەكتە. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، مىللىي مەدەنىيەت، ئۆرۈپ ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويماسلىكى كېرەك.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا 64 قېتىم ئاتوم بومبا سىناق قىلدى، بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا ئىكىلوگېيسى زەھەرلىنىپ، نۇرغۇن ئىنسانلار ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولدى ۋە ياكى ئۆلۈپ كەتتى. خىتاي پىلانلىق توغۇت چەكلەش سىياسىتى يۈرگۈزۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىشقا ئورۇنماقتا. دىنى ئەركىنلىككە چەكلىمە قويۇپ، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، توپلىشىپ ئىبادەت قىلىش، ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش دېگەنگە ئوخشاش ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي پەرز ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلماقتا. ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسىگە خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى سادىر قىلماقتا. دىنىمىزغا قارشى قۇراللىق باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا، مىللىي مەدەنىيەتلىرىمىزنى يوق قىلماقتا، تارىخىي ئەسەرلىرىمىزنى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىمىزنى كۆيدۈرۈپ ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنيىتىگە ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. قوش تىللىق مائارىپ نامى ئاستىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنى خىتايلاشتۇرماقتا. توي قىلىش يېشىغا يەتكەن قىز _ ئوغۇللارنى مەجبۇرىي ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا. قۇللۇق تۈزۈم بىلەن ئېغىر ئىشلارغا سېلىپ زۇلۇم قىلماقتا. قىزلىرىمىزنى ئاياغ ئاستى قىلىپ خارلىماقتا. ھەق – ھوقۇق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچى، ئەكسىيەتچى دېگەندەك بوھتانلار بىلەن تۇتقۇن قىلماقتا. ناھەقچىلىككە قارشىلىق كۆرسەتكەن ياشلارنى تېررورچى دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن قارىلاپ تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىگىلەرگە تاشلىماقتا ۋە ئۆلتۈرمەكتە. خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى سۈمۈرۈپ ئىچكىرىگە توشىماقتا. شەرقىي تۈركىستان بايلىقلىرىنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى نامرات قالدۇرۇپ، مال – مۈلۈكلىرىنى تالان – تاراج قىلماقتا. ئۇيغۇرلارنى ئېغىر بېسىم ۋە زۇلۇم قىلىش ئارقىلىق دىكتاتۇرلۇق بىلەن باشقۇرۇپ كەلمەكتە. ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىپ ئەركىنلىك ھوقۇقلىرىغا دەخلى – تەرۇز قىلماقتا. 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا تۇتقۇن قىلىنغان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس. خىتاي زۇلۇم قىلىشتا چېكىدىن ئېشىپ كەتتى. خىتاينىڭ بۇ زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلىرىغا قارشى چىققان ئۇيغۇرلارنى قاراڭغۇ تۈرمىلەردە قىيىن قىستاق ۋە ئىسكەنجە بىلەن قىيناپ ئۆلتۈرمەكتە، بىگۇناھ ئىنسانلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، سوتقا تاپشۇرماستىن ئۆلتۈرۈش جىنايەتلەر ھازىرمۇ داۋام قىلماقتا. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىنىڭ پۈتۈن ھەق – ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنغان ۋەزىيەتتە ياشاۋاتىدۇ. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ،

ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قارشى بېسىم سىياسەتلىرى كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بارماقتا ۋە دۇنيا بۇ ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلماقتا. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا باشتا ياشاش ھەق‏-ھوقۇقلىرىغا ئالاقىدار دەپسەندىچىلىكلەر، مەھبۇسلار ئۈستىدىن ئورگان تىجارىتى، نامايىش ۋە توپلىنىش ھوقۇقلىرىغا دائىر دەپسەندىچىلىكلەر، ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئالاقىدار چەكلىمىلەر، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامى ئاستىدا ئۇيغۇر قىز – ئوغۇللارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە مەجبۇرىي يۆتكەش، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەرىجدە دەپسەندە قىلىۋاتقان جىنايەتلەرنى ئىشلىمەكتە. ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىگە ئىمزا قىلغان خىتاي بۇ خىتاپنامىگە خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئىشلىدى. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى كشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە خاتىمە بېرىشى كېرەك. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشنى توختاتمايدىكەن، بۇ دەپسەندىچىلىك، بېسىم ۋە زۇلۇمدىن پارتىلاپ چىققان ھەر قانداق ۋەقە ۋە ھادىسىلەرگە يەنىلا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى جاۋاپكار بولىدۇ.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى دۇنيا جامائىتىنى،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، ئىسلام قۇرۇلتېيى تەشكىلاتى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ناتو شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق پۈتكۈل خەلقئارا تەشكىلاتلارنى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى تېخىمۇ سەزگۈر بولۇشقا چاقىرىق قىلدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارىتا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم قىلىشىنى، شەرقىي تۈركىستان نوپۇسىنىڭ ئازىيىشىغا سەۋەب بولىدىغان، مىللىي قىرغنچىلىق، قەتلىئام، تۇغۇت چەكلەش، شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەشكە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى نوپۇسىنى ئاز سانلىققا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ياكى يوق قىلىش سىياسەتلىرىگە خاتىمەبېرىش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم قىلىشقا چاقرىق قىلىدۇ. تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ نوپۇسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرك _ ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە ئىسلام قۇرۇلتىيى تەشكىلاتىنىڭ رايوندا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلىشىنى، خىتايغا ئوچۇق ھالدا دىنى ئەركىنلىككە توسقۇنلۇق قىلماسلىققا، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماسلىق توغرىسدا بېسىم قىلىشقا چاقرىق قىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى

About admin

Leave a Reply