خىتاي زۇلمىغا قارشى ئاۋازىڭنى چىقار!

مۇستافا يىلماز

تەرجىمىدە: ئىستىقلال تورى

 ئىنسانىيەت تارىخى ھەق بىلەن باتىلنىڭ، ئادالەت بىلەن زۇلۇمنىڭ، نۇر بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ كۆرىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇ كۆرەش بەزى ۋاقىتلاردا ئوخشىمىغان تەسىر، ئوخشىمىغان قائىدىلەر ئاستىدا يوشۇرۇن ھالەتتە قالغان بولسىمۇ  ئەمما ھەرقانداق ۋاقىتتا مەۋجۇدتۇر.

ھەزىرتى ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن شەيتاننىڭ كۆرىشىدىن باشلانغان بۇ جەريان، ھەزىرتى نوھنىڭ توپانىغا، ھەزىرتى ئىبراھىمنىڭ ئوتىغا، ھەزىرتى سالىھنىڭ تۆگىسىگە، ھەزىرتى مۇسانىڭ ھاسىسىغا، ھەزىرتى ئىسانىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىدىغان مۆجىزىسىدىن ھەزىرتى مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھنىڭ مۆجىزىسى بولغان قۇرئان-كەرىمگە قەدەر داۋاملاشتى. ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغانلارنىڭ ئىسىملىرى تىللاردا داستان بولدى. باتىل بايرىقى ئاستىدا تۇرغانلارنىڭ بولسا نام-نىشانى قالمىدى.

ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش جەريانىدا ئۈلگە بولغىدەك تارىخلارنى ياراتقانلارنىڭ ئىسىملىرى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا، ھەتتا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىسىملىرىغىچە داۋاملاشتى. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇلاردەك بولىشى ئۈمىد قىلىندى.

 ھەر زامان ۋە ھەر ماكاندا ھەق قارشىسىدا تۇرغان باتىلنىڭ  ئىنتىقامى، ئاچچىقى، غەزىپى، نەپرىتى تارىختىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن. ئاجىز ۋاقتىدا سۇنغان. ئازىراق كۈچەيگەن ۋاقتىدا بولسا بارلىق كۈچى بىلەن قۇيۇن پەيدا قىلىپ كەلگەن. ئىمكانسىز قالغاندا بارماقلىرىنىڭ ئۇچىنى چىشلىگەن. غالىپ بولغاندا بولسا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە ۋەھشىيەتتىن سۈيۈنگەن.

نەمرۇدتىن  پىرئەۋىننىڭ،   قوزۇق ئىگىلىرىدىن مىلوسەۋىچنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر. ھەممىسى باتىلنىڭ ۋەكىللىرىدۇر. مەيلى غەرپتىن ياكى شەرىقتىن بولسۇن ھەممىسى ئوخشاشلا يېقىلغۇسى تاشتىن بولغان جەھەننەمگە ئۆزلىرى ئۈچۈن تاش  تەييارلىدى،   خۇددى ھازىرقى باتىلنىڭ ۋەكىللىرىگە ئوخشاش.

بۈگۈنكى ئەھۋالنىڭمۇ بۇنىڭدىن ھېچقانداق پەرقى يوق. بىر نەچچە يۈز يىلدىن بىرى ئالدىمىزنى غەرپكە قىلغانلىقىمىزدىن، باتىلدا غەرىپلىكلەرنىڭ ئىزىدىن ماڭدۇق. ھەتتا پىكىر ۋە تەپەككۇرلىرىمىزمۇ ئۇلارچە بولدى. غەرپنىڭ زۇلۇملىرى جەنۇبى ئامېرىكىدىن جەنۇبى ئافرىقىغا، ئوتتۇرا شەرقتىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە كىڭەيدى، ئەمما نۇرغۇن نەرسىلەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتىلدى.

ئىسلامغا قارىتىلغان دۈشمەنلىكنىڭ كۈچىيىشى دۇنيانىڭ شەرقىي ياكى غەربىدە ھېچبىر پەرقسىز ھالەتتە بولماقتا. كۇپرىنىڭ ئايرىم بىر مىللەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەت زىمىننىڭ ھەر يىرىدە ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە. بىز كۆزلىرىمىز بىلەن غەرپكە شۇ قەدەر ئىنچىكە نەزەر سالدۇقكى، شەرقتىكىلەرنى پەقەتلا كۆرمىدۇق. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە غەرپتىكى كاپىر شىرىكلىرىگە رەھمەت-تەشەككۈرلەرنى ئوقۇتىۋاتقان بىر زالىم، زۇلۇملىرىغا ھەر كۈنى يېڭى- يڭى زۇلۇملارنى قوشماقتا. شۇنداق! ئۇ بولسىمۇ خىتايدۇر.

ئۆز تۇپراقلىرىدا ياشاش ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا تارىختىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن زۇلۇملارنى قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما، بىزنىڭ ئاۋازىمىز شۇ قەدەر بوغۇق. ئەگەر غەرپتىكى بىرەر دۆلەت بىلەن تۇتۇشۇپ قالساق دەرھال ئۇلارنىڭ  مەھسۇلاتلىرىغا ئىمبارگۇ يۈرگۈزۈپ، ئەلچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىمىز، ئەمما تىما خىتايغا يۆتكەلسە بۇلارنىڭ ھېچبىرنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

1980- يىللاردا بۇلغار كومنىستىلىرىنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان زۇلۇملىرى ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان ۋاقىتتا، «بەلەنە» ناملىق بىر تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلىنىپ، بۇ زۇلۇم دۇنياغا ئاڭلىتىلغان، نەتىجىدە  زۇلۇم ئاستىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئانا ۋەتەنلىرىدە  تىنىچ ياشىشى قولغا كەلتۈرۈلگەن. بۇ بولسا سۈلەيمان ئىسىمىنىڭ سالامونغا، ئىبراھىمنىڭ  ئابراھامغا، مەريەم ئىسىملىكلەرنىڭ بولسا مارىيەگە ئۆزگەرتىشى تەلەپ قىلىنغان ئەھۋال ئىدى. ھازىر زالىم خىتاي كومنىستلىرىدا  بۇ ئەھۋالنىڭ دەل ئۆزى ئجرا قىلىنماقتا.

خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە مۇھەممەد، ئائىشە، فاتىمە، خەدىچە دىگەندەك ئىسىملارنى قويۇشىنى چەكلىدى. قېنى! ھازىرمۇ ئۈنتىنسىز قېلىشىمىز كىرەكمۇ؟ شۇ قەدەر قىسمەتلەر يۈز بىرىۋاتسىمۇ بىزنىڭ جىمجىت تۇرىشىمىز خىتاي ئۈچۈنمۇ ؟ بىزدىكى مۇسۇلمانلىق پەقەت شەكىلمۇ؟

ماقالىنى يازغان مۇستافا يىلمازغا ئىستىقلال تورى نامىدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئىستىقلال تورى

About admin

Leave a Reply