شەرقىي تۈركىستاندا بىر قىسىم ئىسىملار چەكلەندى

شەرقىي تۈركىستاندا بىر قىسىم ئىسىملار چەكلەندى

شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان چەكتىن ئاشقان چەكلىمە سىياسەتلرىنىڭ تۈرلىرى ھەر كۈن دىگۈدەك يېڭىلىنىپ تۇرىۋاتقان بولۇپ، بۇ چەكلىمە سىياسەتلىرى ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، ئىتىقادى، مەدەنىيتى، يۈرۈش-تۇرۇش، قىياپەت ۋە ئائىلىدىكى ياشاش موھىتلىرى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەقەللى مەۋجۇدلىقىغىچە كىڭەيمەكتە.

يېقىندا ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئىلان قىلىنغان بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم ئىسملىرىمۇ ئەسەبىيلىك تۈسىنى ئالغان ھىساپلىنىپ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىملىرىغا قارىتىلغان بۇ خىلدىكى چەكلىمىلەر 2014- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبى رايۇنلىرىدا ئىجرا قىلىنىپ كىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما بۇ چەكلىمە مەلۇم بىر تۈرلۈك ئىسىملارنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. بۇ قېتىم ئىلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇرلار قوللۇنۇشقا بولمايدۇ دەپ چەكلەنگەن ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ دائىرسى يەنىمۇ كىڭەيتىلگەن.

 مەلۇم بولىشىچە، بۇ قېتىم قوللۇنۇش چەكلەنگەن كىشى ئىسىملىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىكەن.

مۇجاھىد، جىھاد، جۇندۇللاھ، تالىپ، مويدۈن، مۇھەممەد، مۇسىلىمە، ئىمام، مۇجاھىدىن، ۋاھاب، سادا، ئوسامە، زىكرۇللاھ، نەسرۇللاھ، مۇسلىم، باغداد، سۈرىيە، قاھىرە، سۈمەييە، زىكرىيە، سادام، تۈركىزات، تۈركناز، ئەزھەر، ھاجى، ئىسلام، ئەرافات، مەدىنە قاتارلىق 29 ئىسىم تەپسىلى يېزىلىپ، بۇ خىلدىكى ئىسىملارنى قوللۇنۇش چەكلەنگەن.

بۇ خىلدىكى چەكلەنگەن ئىسىملار ئارىسىدا مۇھەممەد، سادا، تۈركىزات، تۈركىناز، مۇسىلىم، ئىسلام قاتارلىق ئىسىملارنىڭمۇ بولىشى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم ۋە ھاقارەتلەرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ يوقىرى دەرىجىدىكى يەنە بىر كۆرىنىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.

About admin

Leave a Reply