مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنى ئەسلەيمەن

مەرھۇم ئۇستاز ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنى ئەسلەيمەن

سىراجىدىن ئەزىزى

«ئالىم ئۆلىدى ئالەم ئۆلدى» دىگەن ھېكمەتلىك سۆزنىڭ بەرھەقلىقى مەخسۇم ھاجىمنىڭ نەۋقىران يېشىدا تۇيۇقسىزلا پانى دۇنيا بىلەن خوشلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقىتىنى نامايەت قىلدى. خەلقىمىز خۇددى بېشىغا تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەندەك ئېغىر قايغۇغا چۈمدى.

«ئۆلمىگىچە رەھمەتلىك بولالمايسەن» دىگەندەك، مەخسۇم ھاجىم قالدۇرۇپ كەتكەن بوشلۇق مەرھۇمنىڭ  نەقەدەر ئالىيجاناب، يۈكسەك ئەخلاق ئىگىسى، كەمتەر، تەمكىن، پاراسەتلىك شەخىس ئىكەنلىكىنى بىزگە ئەسلەتتى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم يالغۇز بىر ئادەم ئىدى. بىز تونۇشقان 30 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ھەرقانچە ئېغىر كۈنلەردىمۇ ئېغىر بېسىق، تەمكىن، تەبەسسۇم قىلىپ تۇرىدىغان ئالىيجاناب خىسلىتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.

مەخسۇم ھاجىم خاراكتىرى كۈچلۈك، پىكرى ئۆتكۈر كىشى بولىشىغا قارىماي، ھەرقانداق ئىشتا ئەتراپىدىكىلەردىن مەسلىھەت سورىماي، پىكرىنى ئالماي قارار قىلمايتتى.

«ئىنسان سەپەردە تونۇلىدۇ» دېگەن ھىكمەت بار، مەن مەرھۇم بىلەن 2012- يىلىنىڭ ئاخىرى ياۋرۇپا سەپىرىدە بىرگە بولۇپ، سەككىز دۆلەتنى ئايلىنىش پۈرسىتىگە ئىگە بولغان ئىدىم. سەپەر جەريانىدا ئەتراپتىكىلەرگە ئۆزىنىڭ كەمتەرلىكى، ئالىيجانابلىقى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھېچكىمنىڭ كۆڭلىنى چەگمەي، پىكرىنى تاڭماي، ھېچكىمنى يەكلىمەي، بەزى بۇرادەرلەر ئارىسىدا گەپ تالىشىپ ئىختىلاپ پەيدا بولسا، دەرھال ھەر ئىككى تەرەپكە خىزمەت ئىشلەپ، ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ سەپىرىمىزنى ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتۇرغان ئىدۇق.

مەخسۇم ھاجىم ۋەتەندىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ، مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشلاپ پاكىستاندا قىسقا بىر مۇددەت تۇرغاندىن كىيىن، مىسىرغا بېرىپ ئۆزى بىلىم ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە مىسىردا ئوقۇۋاتقان تالىبۇل ئىلىملەرگە دەرىس ئۆتۈپ، ئۇلارنى يىتەكلەش بىلەن مەشغۇل بولغاندىن باشقا ، ئالاھىدە تىرىشىپ ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغاندىن كىيىن،  مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ دىنى، مىللى كىملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، 2000 يىللارنىڭ باشلىرىدا ياشلارنى بىلىم بىلەن قۇراللاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە بۇ خىزمەتنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇقىم بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ  زۆرۈرلىكى، ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى مۇئەسسەسەلىشىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چەتئەلدىكى بارلىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن پىكىرلىشىپ، ئدىيە خىزمىتى ئىشلەپ، بىر ئىككى يىل تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن ئىستانبۇلدا «مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى»نى قۇرۇپ چىقىپ شۇ ئارقىلىق چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپىنى گۈللەندۈرۈشكە ھەركەت قىلغان.

ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ مائارىپچىلىق، تەشكىللەش ساھەسىدىكى تەجىربىلىرى ۋە تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بىر قانچە مۇستەقىل جەمئىيەت ۋە ۋەقپىلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئۇل سېلىنغاندىن تاشقىرى ياۋرۇپا ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى يىتەكلەش، تەشكىللىنىش، مۇئەسسەسەلىشىشكە چاقىرىپ، كۆپلىگەن جەمئىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولغان ئىدى. بۈگۈن ئەنە شۇ خىزمەتلىرى مېۋە بىرىپ، خەلقىمىز بىر يەرگە توپلىشىپ، ئەۋلادلىرىنى دىنى، مىللى ساھەلەردە تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى كۆپلەپ روياپقا چىقارماقتا.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم دىنى ئالىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىستانبۇلغا كىلىپ، ئوقۇش ئارزۇسى بولغان ياشلارغا تەربىيە ئىشلەپ، يىتەكلەش خىزمىتىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ موھىم بۇرچى دەپ بىلىپ، ئىدىيە جەھەتتىن قايمۇقۇپ قالغان، دىنى ۋە مىللى خىزمەتلەردە يولىنى تاپالماي قالغانلارغا يول كۆرسىتىپلا قالماي، ماددى قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ تۇرمۇشىنى ھەل قىلسا، مەنىۋى جەھەتتىن قايمۇقۇپ قالغانلارغا روھى ئوزۇق بولۇپ، يىتەكلەپ ماڭاتتى. مۇھتاجلار بىلەن خەيرى-ساخاۋەتچىلەر ئارىسىنى باغلاشتا كۆۋرۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھاجىتىدىن چىقاتتى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ۋەتەندە مەخپى مەدىرىسلەردە تالىپلارغا دەرىس بەرگەندەكلا ۋەتەندىن چىققاندىن بىرى يەنە تالىپلارغا دەرىس ئۈگىتىشنى توختاتمىغان ئىدى. ئىستانبۇلنىڭ شۇنچە قىيىن شارائىتىدا بامداتتىن بۇرۇن ۋە بامداتتىن كىيىن بولۇپ، كۈنىگە بىر قانچە ئورۇندا يۇقىرى سەۋىيەلىك تالىپلارغا دەرىس بىرەتتى. جامائەت ئىچىگىمۇ ئالاھىدە چۆككەن بولۇپ، جامائەت سورۇنلىرىغا قاتنىشاتتى، توي-تۈكۈن مۇراسىملىرىغا چاقىرىلسا دەئۋەتنى قوبۇل قىلىپ، تەكلىپ قىلىنغان يەرگە ئىمكان بار بېرىشقا تىرىشاتتى.

 ئىجتىمائى مۇناسىۋەت، جامائەتنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، گۇمانلىق، بەزى ئەخلاقسىز كىشىلەرگىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغىمۇ ئىجابى تەسىر كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم ھاياتىدا ئۇيغۇر خەلقىگە ھەقىقى ئالىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى مول بىلىمى، يۈكسەك پەزىلىتى، ئىسىل ئەخلاقى، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشتەك  ئالىيجانابلىقى بىلەن ئۈلگە بولغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى بىزلەرگە ھېچكىم ئۆزىنىڭ ھاياتىغا كېپىللىك قىلالمايدىغانلىقى، ئۆلۈم ياش-قېرى دىمەيدىغانلىقى، ئەجەل كەلسە جاننى ئىگىسىگە تاپشۇرۇشتىن باشقا چارە يوقلىقىنى ئەسلەتتى. ئاللاھ مەرھۇمنىڭ جايىنى جەننەت قىلسۇن. (ئامىن!)

«مەرىپەت» ژۇرنىلىنىڭ 2017- يىللىق 1- سانىدىن ئېلىندى.

About admin

Leave a Reply