كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي زۇلۇم سىياسەتلىرىنى توختاتسۇن

خىتاي ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ نۇرغۇن مۇسۇلمانچە ئىسىملىرىنى چەكلىدى

سوفى رىچاردسون(Sophie Richardson)

ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىسىم تاللىغان ۋاقتلىرىدا، ئەلۋەتتە بۇ شەخسلەر ئۆزى قارار قىلىدىغان بىر خۇشاللىق ئىش، ئۇلار پەرزەنتلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىگە قارىتا ياكى باشقا ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەتلەرگە ئاساسەن قارار چىقىرىدۇ. چەكلەنگەن ئىسىملار تىزىملىكى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشنى نۇرغۇن كىشى تەسەۋۋرۇمۇ قىلىپ باقمىغان، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان – ت) رايونىدا يېڭىدىن مۇشۇنداق بىر بىمەنە چەكلىمىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭ دائىرىلىرى يېقىندا دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا كەڭ قوللىنىلىدىغان سادام، مەدىنە قاتارلىق دىنىي تۈسى قويۇق بولغان نەچچە ئون ئىسىمنى «دىنىي قىزغىنلىقنى ئاشۇرىۋېتىدۇ» دېگەنگە ئاساسەن چەكلىگەن. چەكلەنگەن ئىسىملار قويۇلغان بالىلار نوپۇسقا ئېلىنمايدىغان بولۇپ، نوپۇس ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ۋە باشقا ئاممىۋى مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم.

بۇ پەقەت «دىنىي ئەسەبىيلىك»كە قارشى تۇرۇش نامىدا دىنىي ئەركىنلىككە چەكلىمە قويۇدىغان بىر قاتاريېڭى بەلگىلىمىلەردىن بىرى خالاس. 11- ئاپرېل، شىنجاڭ دائىرىلىرى «بىنورمال» ساقال قويۇش ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا چۈمبەل تاقاشنى مەنئىي قىلىدىغان، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو پىروگراممىلىرىنى كۆرۈشنى رەت قىلغۇچىلارنى جازالايدىغان يېڭى نىزامنامىسىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدى.  بۇ سىياسەتلەر دىنىي ئەركىنلىك ۋە سۆز ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى قوغداشقا ئائىت دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قانۇن – نىزاملارغا ئوچۇق – ئاشكارە خىلاپتۇر.

رايوندا بەك كەڭ قورساق بولۇپ كەتكەن ئەمەلدارلارغا قارىتىلغان جازالاشلارمۇ كۈچەيگەندەك قىلاتتى. يانۋاردا، دائىرىلەر يانفون يۇمشاق دېتالىدا ئايالىغا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرى ھەققىدە دەرت تۆككەن بىر ئەمەلدارغا «جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش» بەرگەن. مارت ئېيىدا، بىر ئۇيغۇر كادىرنىڭ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى، بۇ كىشىنىڭ گۇناھى توي مۇراسىمىنى ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن جايلاردا ئۆتكۈزمەي ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزۈش ئىدى. بۇ ئاينىڭ بېشىدا خوتەن ۋىلايىتىدە 977 ئەمەلدارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن دىنىي زاتلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چېكىشكە «جۈرئەت قىلالمىغانلىقى» ئۈچۈن «سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم ئەمەس» دەپ قارىلىپ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايوندا زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ۋە مىللىي توقۇنۇش كۈچەيمەكتە، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ چەكتىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە جازالاش تەدبىرلىرى مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى كۈچەيتمەكتە. ئەگەر ھۆكۈمەت رايونغا مۇقىملىق ئېلىپ كېلىش ۋە ئىناقلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەۋاسىدا سەمىمىي بولسا، زۇلۇم سىياسەتلىرىنى قوشلاپ چۈشۈرۈش ئەمەس، بەلكى قايتۇرۇپ ئېلىشى لازىم.

مەنبە: كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى (Human Rights Watch)

ئاپتور كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ باشلىقى

About admin

Leave a Reply