روزا ھېيىتڭلارغا مۇبارەك بولسۇن

ئەسسالام ئەلەيكۇم قىممەتلىك قېرىنداشلار، دوستلار ۋە سەپداشلار

ئۇلۇغ رامىزان ئىبادەت ئېيى ئاخىرلىشىپ ئىسلام بىزلەرنى شەرەپلەندۈرگەن روزا ھېيت بايرىمى يېتىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىدىن مۇھاجىرەتتىكى ۋە ۋەتەن ئىچىدىكى بارلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز. روزا ھېيىتڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. روزا ھېيىتنى خۇشال – خۇرام ئىچىدە ئۆتكۈزۈشىڭلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ رامىزان ئېيى ۋە روزا ھېيتىنىڭ مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئازادلىقىغا ۋەسىلە بولۇشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمىز. ۋە شۇنداقلا ۋاپات بولۇپ ئارىمىزدىن ئايرىلغان ئۇستازلار ۋە دوست – سەپداشلارنى ئەسلەيمىز روھلىرىغا دۇئا ئوقۇيمىز. شەھىد بولغان قېرىنداشلارنىڭ شاھادىتىنى جانابى ئاللاھ قوبۇل قىلغاي روھى شاد ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي. ۋەتەن خەلقىمىزنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن يولغا چىقىپ تۈرمىلىرىگە كىرىپ قالغان قەھرىمان پىداكار قېرىنداشلىرىمىزغا سەبىر تىلەيمىز ۋە پات ئارىدا ھۆرلۈككە ئېرىشىپ ئەركىنلىككە چىقىشىنى جانابىي ئاللاھتىن تىلەيمىز.

ھۆرمەت بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى

 

About admin

Leave a Reply